«يېڭى ھايات» گېزىتىدە نېمە دەيدۇ؟: مەھمۇت مۇھىتىغا قىلىنغان سۇيىقەستنىڭ ئالدى-كەينىدە

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2024.09.01
mexmut-muhidi.JPG باش قوماندان مەھمۇت مۇھىتى (سول تەرەپتىكى كىشى)، گېنېرال ليۇ پىن ۋە رۇس باش كونسۇلى. (قەشقەر، شىۋېتسىيە مىسسىئونېرلار ئارخىپى)
Sitina Morténson Kolléksiyoni

ئۇيغۇر مىللىتى يېقىنقى زاماندىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى جەريانىدا، تالاي قېتىم خىتاي كۈچلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىگە ئۇچراپ ئۇلۇغۋار غايىلەر ئەمەلگە ئاشماي قالغان. ھالبۇكى خىتاي مۇستەبىت كۈچلىرى سۇيىقەست پىلانلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىچ يۈزىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ئەينى يىللاردىكى قەشقەردىكى مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ سىرلىق سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشى، قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ پىلان بىلەن يوقىتىلىشى، خوجانىياز ھاجى باشلىق ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىغا چىرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ ئالداپ ئاخىرىدا ئۇلارنى شېڭ شىسەينىڭ قولى بىلەن بىر-بىرلەپ ئۆلتۈرۈشى ۋەھاكازالار. ئەپسۇسكى بۇ ۋەقەلەر ئىستىبدات خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى تەرىپىدىن سىر تۇتۇلۇپ خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياپ كەلدى. جۈملىدىن مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ ئۇزارغان قوللىرى ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاندا نەشر قىلىنىدىغان ساناقلىق مەتبۇئاتلارنىمۇ ئۆز چاڭگىلىغا ئالغانىدى.

مەھمۇت مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى. (قەشقەر، شىۋېتسىيە مىسسىئونېرلار ئارخىپى)
مەھمۇت مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى. (قەشقەر، شىۋېتسىيە مىسسىئونېرلار ئارخىپى)
Iwar Hök Kolléksiyoni

بۇلارنىڭ ئىچىدە «يېڭى ھايات» گېزىتىگە بېسىلغان بىر يۈرۈش مەزمۇنلار بىزگە قىسمەن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمران كۈچلەر تەرەپتىن قانداق شەرھلەنگەنلىكى، تارىخىي شەخسلەرگە قانداق باھا بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە شۇنداقلا بۇ ۋەقەلەرنى كېيىنكى دەۋرلەردە ئاشكارىلانغان مەنبەلەرگە كۆرە سېلىشتۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىشتا پاكىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىغىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بىرقانچە خىل گېزىت-ژۇرناللار نەشر قىلىنغان. «يېڭى ھايات» گېزىتى ئەسلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى» ۋە «ئەركىن تۈركىستان» گېزىتلىرىنىڭ داۋامى بولۇپ، 1934-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئەمەلدىن قېلىپ، خوجانىياز ھاجى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، مۇئاۋىن رەئىس بولغاندىن كېيىن گېزىت ئىسمى «يېڭى ھايات» قا ئۆزگەرتىلىپ، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە نەشر قىلىنغان. كېيىن، گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ھىندىستانغا يول ئېلىشى، ئابدۇلنىيازلارنىڭ باشچىلىقىدىكى قىسقا مۇددەتلىك ئىنقىلاب باشلانغان تارىخىي دەۋرگىچە نەشر قىلىنغان. مەزكۇر گېزىتنىڭ 1934-يىلى 30-ئاۋغۇستتىن تاكى 1937-يىلى مارتقىچە بولغان سانلىرىنىڭ ھەممىسى ھازىر شىۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى «گۇننار ياررىڭ» كوللېكسىيونىدا ساقلانماقتا.

تارىخىي ماتېرىياللاردا 1937-يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىدا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. «يېڭى ھايات» گېزىتىدە بۇ ۋەقەنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تارىختا يەنى 1937-يىلىنىڭ مارت ئېيىدىن تارتىپ ماي ئېيىغىچە بولغان سانلىرىدا ئارقىمۇئارقىدىن ھۆكۈمەت تەرەپتىن يوللانغان تېلېگرامما، خىتابنامە، ئېلان ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر تارىخىي ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولسۇن ياكى چوڭ ۋەزىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبلىرىنى يەكۈنلەشتە بولسۇن ۋە ياكى تارىخىي شەخسلەرگە باھا بېرىشتە بولسۇن تەنقىدىي ئانالىز يۈرگۈزۈشىمىزدە مەنبە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئالدى بىلەن «يېڭى ھايات» گېزىتىنىڭ 1934-يىل 30-ئاۋغۇست سانىغا يەنى گېزىتنىڭ تۇنجى نەشرىگە كۆز يۈگۈرتكىنىمىزدە، بۇ ساندىكى ئاساسلىق مەزمۇن يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەت ھەققىدىكى مەزمۇن بولۇپ، گېزىتنىڭ تەھرىر ھەيئەت كېڭىشى نامىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، باش قوماندان مەھمۇت مۇھىتىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىپ، بۇ كىشىنىڭ ئوقۇمۇشلۇق ۋە خەلقچىل پەزىلەت ئىگىسى ئىكەنلىكىدەك خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن بىرگە ئۇنىڭ خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولالايدىغان، قابىلىيەتلىك رەھبەر بولالايدىغانلىقىغا ئائىت تەبرىك سۆزلىرى ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرى بايان قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ مۇھىم نۇتۇقلىرى، روزا-رامىزان، ھېيت تەبرىكلىرى ئىزچىل تۈردە گېزىت يۈزىدە كۆرۈلۈپ تۇرغان. شۇنىڭدەك مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ مائارىپ، مالىيە ئىشلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىگىمۇ مەدھىيەلەر ئوقۇلۇپ تۇرغان.

1937-يىلىنىڭ فېۋرال ئايلىرىدىن باشلاپ تاكى گېزىت توختىغۇچە بولغان مەزگىلدە «مۆھتەرەم دۇبەن جانابلىرى پىكىرلىرىدىن» تېمىسىدىكى مەزمۇنلار خېلى سالماقنى ئىگىلەپ كەلگەنلىكى مەلۇم. بۇ چاغدا شېڭ شىسەينىڭ پەيدىنپەي خەلققە يېقىنلىشىپ، زالىملىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر گېزىتنى ئۆز تەشۋىقاتىنى بازارغا سېلىش سەيناسىغا ئايلاندۇرماقچى بولغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. بۇ خىل چاتما يازمىلاردا «شىنجاڭ ئۆلكىسىنى ئەبەدىي خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلكىسى قىلىپ ساقلاش، شىنجاڭنىڭ ئازادلىقى جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئازادلىقىدا» دېگەندەك شوئار ۋە مەزمۇنلار ئاساس قىلىنغان.

ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ، 1937-يىل، 4-مارت كۈنى «مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قۇرۇلتايغا بېرىشى ھەققىدە» تېمىسىدىكى ماقالە ئېلان قىلىنىدۇ. ماقالىدە، مەھمۇت سىجاڭنىڭ قۇرۇلتايغا بېرىش ئۈچۈن شېڭ شىسەيگە ئىككى قېتىم تېلېگرامما يوللاپ رۇخسەت سورىغانلىقى ۋە ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشكەنلىكى، ھازىر مەھمۇت سىجاڭنىڭ يول تەييارلىقلىرى ئۈچۈن تەرەددۇتلىنىۋاتقانلىقى، ئەمما خەلق ئارىسىدا بولمىغۇر سۆز-چۆچەكلەر تارقىلىپ يۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ماقالىدە يەنە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن بېرىلگەن بايانلارمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۆزى خالاپ ئۈرۈمچىگە بېرىش ئۈچۈن مەركىزىي ھۆكۈمەتكە تېلېگرامما يوللىغانلىقى، خەلقنىڭ بۇ ھەقتە كۆپ ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىغىنى، ئۆزىنىڭ ھازىر يول ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ساقلاۋاتقانلىقى، پات يېقىندا قايتىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانلار بېرىلگەن.

بىر ھەپتىدىن كېيىنلا، گېزىتنىڭ 11-مارت سانى 3-بېتىدە ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خوجانىياز ھاجى نامىدىن يوللانغان بىر پارچە تېلېگراممىنىڭ مەزمۇنى خەۋەر قىلىنىدۇ: ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەھمۇت سىجاڭنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلغان ئىش يوق، ۋەكىللەر يىغىنى 9-ئايغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن مەھمۇت سىجاڭ 4-ئايدا يەنە بىر قېتىم ئۈرۈمچىگە بېرىپ رەھبەرلىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس سۇنغان. ۋاھالەنكى، خەۋەر تېپىشىمچە بىر قىسىم كىشىلەر ئامما ئىچىدە ئىغۋا تارقىتىپ پۇقرالارنىڭ دىلىغا تەشۋىش سېلىپ يۈرۈپتۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يۇرت ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىغۋا تارقاتقان كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىش، كېرەك بولسا جازالاش مەجبۇرىيىتى بار. . .

ئۇشبۇ گېزىتنىڭ 4-بېتىدە يەنە شېڭ شىسەينىڭ قەشقەر تەۋەسىدىكى ئون توققۇز يۇرتقا يەتكۈزۈپ قويۇش توغرىسىدا ئەۋەتكەن تېلېگراممىسىنىڭ مەزمۇنى بېسىلغان. مەزكۇر يازما دۇبەن شېڭ شىسەي، رەئىس لى يوڭ ۋە مۇئاۋىن رەئىس خوجانىياز ھاجىدىن ئىبارەت ئۈچ كىشىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى مەزكۇر تېلېگراممىدىمۇ مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىشنى ئۆزى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭغا ئىجازەت بېرىلگەنلىكى، بۇ ئىشنى پەقەتلا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئىختىيارىغا قويغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئەمەلىيەتتە ئىشنىڭ ھەقىقىتى، شېڭ شىسەي ئۆزى قايتا-قايتا مەھمۇت مۇھىتىنى ئۈرۈمچىگە چىللاپ خەۋەر يوللىغانىدى. بۇ ۋەقە تارىخىي ماتېرىياللاردا ۋە بىر قىسىم شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. شېڭ شىسەي مەھمۇت مۇھىتىنى ئۆزىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ ھېسابلاپ ئۇنىڭغا خېلىدىن بېرى تۇزاق قۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قەشقەردىكى ئەسكەر كۈچى شېڭ شىسەيگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، سىياسىي يول بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى پىلانلايدۇ. مەھمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەينىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۆزىنى پارچىلاپ يوقىتىش سۇيىقەستىنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىپ، ئۆزىگە بولغان خەۋپ-خەتەرنىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقى، سىرتتا شېڭ شىسەي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن ئۆزىگە قارشى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ يامراپ كەتكەنلىكى، ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ شېڭ شىسەينىڭ قولى بىلەن پارچىلىنىپ كەتكەنلىكى نەتىجىسىدە، قوشۇنلارنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشىمۇ قىيىنلىشىپ قالىدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا شېڭ شىسەي مەھمۇت مۇھىتىغا تېلېگرامما يوللاپ، قۇرۇلتايغا قاتنىشىش ۋە «يېڭى ۋەزىپە» سىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى ئۇقتۇرىدۇ. مەھمۇت مۇھىتىنىڭ كېيىنكى تىرىشچانلىقلىرىمۇ بەربات بولغاندىن كېيىن، ھەتتا جېنىنى ساقلاپ قېلىشقىمۇ ئىمكانىيەت قالمىغانلىقىنى سېزىپ چەت ئەلگە چىقىپ مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قالىدۇ.

قارىغاندا شېڭ شىسەي ئالدىنئالا «سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇتماقچى» بولغاندەك قىلاتتى. ئۇ «مەھمۇت مۇھىتى ئۈرۈمچىگە كېلىشنى ئۆزى تەلەپ قىلدى» دېگەن يالغان پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خەلقنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىماقچى بولغانىدى.

22-ئاپرېلدا خوجانىياز ھاجىنىڭ 18-ئاپرېل يوللىغان تېلېگراممىسى مۇناسىۋىتى بىلەن 6-دىۋىزىيە باش شتابى نامىدىن قۇربان سىجاڭ ئىمزاسىدا بىر پارچە بىلدۈرگۈ ئېلان قىلىنغان. بىلدۈرگىدە 6-دىۋىزىيەگە قاراشلىق ياركەنتتىن ئەسكەرلەرنىڭ ھەر تەرەپكە تارقاپ كېتىپ پۇقرالارنى ئېگىز-پەس قىلغانلىقى، بۇنىڭ سەۋەبى مەھمۇت سىجاڭنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەنلىكى، خوجانىياز ھاجىنىڭ ئەسكەرلەردىن ھۆكۈمەتنىڭ ئەمرىگە بوي سۇنۇپ قايتىپ كېلىشنى ئۆتۈنگەنلىكى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

«يېڭى ھايات» گېزىتى 1937يىل، 22-ئاپرېل سانى، لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى ياررىڭ كوللېكسىيونى.
«يېڭى ھايات» گېزىتى 1937يىل، 22-ئاپرېل سانى، لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى ياررىڭ كوللېكسىيونى.
«Gunnar Yarring» Kolléksiyoni

ئارىدىن يەنە يىگىرمە كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 13-مايدا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت نامىدا، شېڭ شىسەي، لى يوڭ ۋە خوجانىياز ھاجىلارنىڭ ئىمزاسىدا بىر پارچە خىتابنامە ئېلان قىلىنىدۇ. خىتابنامىدە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلىرىنى بىرپەس ماختىۋەتكەندىن كېيىن، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ يالغان سۆزلەرگە ئىشىنىپ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشقا جىددىي قاراۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئارقىدىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى بايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىگە يۇرتنىڭ تىنچلىقىنى بۇزغۇچى بۇ خىل كىشىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇراجىئەت قىلىنغان. شۇنداقلا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشنى ئاتالمىش «تىنچلىق ۋە كەڭچىلىك» يولى بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ خەۋەرنىڭ يېنىدىكى ستوندا ئۆلكىلىك دۇبەن مەھكىمىسى سىياسىي تەربىيە بۆلۈمى ئىمزاسىدىكى «بارلىق ئەسكەر قېرىنداشلىرىمىزغا مۇراجىئەت» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە يازما ئورۇن ئالغان ئىدى. مۇراجىئەتتە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ پۇل-بايلىقلارنى ئېلىپ قاچماقچى بولغانلىقى، كېيىن ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئەسكەرلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، بارلىق ئەسكەر قېرىنداشلارنىڭ قايتىپ كېلىپ ئۆلكىنىڭ تىنچلىقىنى ساقلىشى كېرەكلىكى ئىلتىجا قىلىنغان.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەھۋال تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، خەۋەرلەردە مەھمۇت مۇھىتى رەسمىي تۈردە «خائىن» دەپ ئېلان قىلىنىدۇ ھەمدە «ئىككى يۈزلۈك مۇناپىق»، «جاھانگىرلارنىڭ قۇيرۇقى» دېگەندەك ناملاردا سېسىتىلىدۇ. 20-ماي سانىدا، شىنجاڭ چېگرا دۇبەن مەھكىمىسى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازمىدا، مەھمۇت مۇھىتى خائىن ۋە جىنايەتچى دەپ جاكارلىنىپ، ئۇنىڭغا ئون تۈرلۈك جىنايەت بەلگىلىنىدۇ ۋە قاتتىق سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىنىدۇ.

يۇقىرىقى مىساللار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تارىختىكى خىتاي مىلىتارىستلىرى بولسۇن ياكى ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن ھەممىسىلا ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىكى قەھرىمانلار، رەھبەرلەر، ئۆلىمالار ياكى زىيالىيلارنى ئۆزلىرىگە تەھدىت دەپ بىلىپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە تازىلاش ئېلىپ بارغان. شېڭ شىسەي دەۋرىدە مەھمۇت مۇھىتىنى ئاۋۋال كۆككە كۆتۈرۈپ، ئاندىن يەرگە ئۇرغىنىغا ئوخشاش، شى جىنپىڭ دەۋرىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان زىيالىي ۋە ئۆلىمالارنى تۇتقۇن قىلىش سۇيىقەستى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ياش» بولۇپ باھالانغان دوكتور خالمۇرات غوپۇر، 2017-يىلى يۈز بەرگەن زور تۇتقۇندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇيىقەستىگە ئۇچرىغان سەرخىللاردىن بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى خالمۇرات غوپۇر، ساتتار ساۋۇت، يالقۇن روزى قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا «ئىككى يۈزلىمىچى»، «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى قاتارلىق تۆھمەتلەرنى ئارتىپ، ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىندى.

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.