تەڭرىتاغ تورىنىڭ 29-مارتتىكى سانىدا «شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىڭ يۈەن يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتى بېلىتىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلىندى. قارىماققا خەۋەردىكى 50 مىڭ يۈەن دىققەتنى تارتقۇدەك مەسىلە بولمىسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارغا قىلىنىۋاتقان بۇ ياردەملەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىكلىكىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
2013-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئوتتۇرا ۋە مىكرو، كىچىك تىپتىكى كارىخانىلارنىڭ سانى60 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ سان 2019-يىلىغا كەلگەندە 330مىڭدىن ئارتۇققا يەتكەن. 2021-يىلىغا كەلگەندە بولسا 446 مىڭغا يەتكەن. «تەڭرىتاغ تورى» دا تىلغا ئېلىنغان 50 مىڭ يۈەن ياردەم بويىچە ھېسابلىغاندا، 446 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىغا بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي ياردەم 22 مىلياردتىن ئارتۇق بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ۋە مىكرو كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ شۇنچە كۆپ بولۇشىغا قارىماستىن، بىرلا ۋاقىتتا بۇنچە كۆپ ياردەم بەرمەكچى بولۇشى كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدۇ.
ئۇ ھالدا ئوتتۇرا ۋە مىكرو كىچىك تىپتىكى كارخانىلار زادى قانداق كارخانىلار؟ ھۆكۈمەت نېمە ئۈچۈن بۇ خىلدىكى كارخانىلارغا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ۋە كىچىك، مىكرو تىپتىكى كارخانىلار بولسا، كارخانىنىڭ كۆلىمى، مەبلىغى ۋە ئىشلەتكەن ئادەم سانىغا قاراپ پەرقلىنىدىغان كارخانىلار بولسىمۇ، ئۇيغۇر رايونىدا بۇ كارخانىلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوخشاش تىپتىكى كارخانىلاردىن بەلگىلىك پەرقلەرگە ئىگە.
2016-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى «Made in China شىنجاڭ ھەرىكەت پىلانى» ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت پىلانى بويىچە، خىتاينىڭ «2014-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا ئۇيغۇر رايونىدىكى 12ۋىلايەت ئوبلاستنى بۆلۈشۈۋالغان دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەر، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ، ئىشقا كىرىشكەن. ھەتتا نۇرغۇن كارخانىلار ئۇيغۇر دىيارىدا تارماق شىركەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى كارخانىلار بىلەن زەنجىرسىمان باغلانغان بىر ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەن. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، 2010-يىلىدىن بۇيان يولغا قويغان «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» پىلانى ئاستىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرى (ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىك كوپىراتىپلىرى) كوللېكتىپ ئىگىلىككە قايتۇرۇلۇپ، دېھقانلار يېشى، جىنسى، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئاساسەن تۈرگە ئايرىلىپ، سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىرى سىياسىي ئۆگىنىش، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە يوللانغان بولسا، قالغانلىرى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» قاتارىدا 19ئۆلكىدىن كەلگەن خىتايلارنىڭ يەرلىكتىكى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كارخانىلىرىدا قۇل ئىشچى بولۇشقا مەجبۇرلانغان.
«Made in China شىنجاڭ ھەرىكەت پىلانى» دا ئېنىق قىلىپ، «باشلامچى، چوڭ كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنى يېتەكلەپ، بۇ پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا ھەمكارلىق ۋە قوللاشنى كۈچەيتىپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە يېڭى ئەۋزەللىكلەرنى يارىتىشى» تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر رايونىنى «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى» دىكى «يادرولۇق رايون» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتەك دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بويىچە، خىتاينىڭ غەربكە كېڭىيىشى ئۈچۈن «يېڭى بىر يول» بەرپا قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.
دەرۋەقە، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇيۇقسىز تۈركۈملەپ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» گە ئايلىنىپ، يۇرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، دېھقانچىلىق كەسپىنى تاشلاپ، «ئىشلەمچى» گە ئايلىنىپ كېتىشلىرىدە دەل يۇقىرىقى ئوتتۇرا ۋە كىچىك، مىكرو تىپتىكى كارخانىلار ھالقىلىق رول ئوينىغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ(2021-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلغان) خاتىرىسىدە، ، 2020-يىلى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ 179 مىڭ 500 ئىش ئورنى تەمىنلىگەنلىكىنى ۋە بۇ ئىش ئورنى ساننىڭ رايوندىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ %90 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تىپتىكى كارخانىلارغا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىشىنىڭ كەينىدە ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى» دە ئۇيغۇر رايونىنىڭ غەرب بىلەن شەرقنى باغلايدىغان «ئىقتىساد بەلۋېغى» قىلىنغانلىقى مۇھىم رول ئوينىغان. بۇنىڭغا ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى بويىچە نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى ئادرېىئان زېنز 2021-يىلىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان «نەنكەي دوكلاتى» ياخشى مىسال بولالايدۇ. «نەنكەي دوكلاتى» دە مۇنداق قۇرلار يېزىلغان:
«خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1. ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىۋاسىتە تەشكىللەپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىغا ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېكسپورت قىلىش؛ 2. ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا ئەمگەك مۇلازىمەت شىركەتلىرى ۋە تەربىيەلەش كۇرسلىرىدا تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، سىرتقا يۆتكەيدۇ ياكى ئېكسپورت قىلىدۇ؛ 3. ھۆكۈمەت ياردىمى بىلەن يەرلىكتە تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلار قۇرۇلۇپ، يەرلىكتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
خوتەن ۋىلايىتىدىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر قەدەر سىستېمىلاشقان بولۇپ، ھۆكۈمەت مەخسۇس مەلۇم خىزمەت ئورۇنلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئېتىبار سىياسەتلىرىنى چىقىرىش بىلەن ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەيدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ، ئېھتىياجغا ئاساسەن ئىشلەمچىلەرنى كەسىپ بىلەن تەربىيەلەپ، بىر قېتىمدا ئەللىككىچە ياكى يۈزگىچە بولغان ئىشلەمچىلەرنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ، مەخسۇس ئامانلىق ساقلىغۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە تەرجىمان بىلەن بىرلىكتە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇت كارخانىلارغا كوللېكتىپ يوللايدۇ. ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى، ياشانغان ئاتا-ئانىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، «ياتاقلىق يەسلى»، «ياتاقلىق مەكتەپ»، «ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئورنى» تەسىس قىلىش بىلەن بىرگە «دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى» ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ يەر زېمىنلىرى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، مال-چارۋىلىرىغا قاراپ بېقىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنىمۇ تەمىنلەيدۇ».
دېمەك، يۇقىرىقىدەك ئاتالمىش «ئوتتۇرا، كىچىك ۋە مىكرو تىپتىكى كارخانىلار» بولسا، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە شەھەردىن ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەلگەن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە بۇ لىنىيەدە ئەرزان ياكى ھەقسىز ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئىشچى قىلىنىشى، يەر-زېمىنلىرىدىن ئايرىلىشى، يۇرت-ماكانلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىشى، ياشانغان ئاتا-ئانىلارنىڭ قاراقسىز قېلىشى، مىليونلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ خانىۋەيران قىلىنىشى دەل خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنى باغلاپ تۇرغان «شىنجاڭغا ياردەم» نامى ئاستىدا قۇرۇلغان مانا مۇشۇ كارخانىلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.