خىتاينى «مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھدىنامىسى» نى ماقۇللاشقا نېمە مەجبۇرلىدى؟
2022.04.21
مەتبۇئاتلار 20-ئاپرىل كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ب د ت تەرىپىدىن 1930-يىلى تۈزۈلگەن «مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسى» بىلەن 1957-يىلى تۈزۈلگەن «مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھدىنامىسى» نى ماقۇللىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشتى.
خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، گەرچە خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ب د ت غا ئەزا بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ھەر تۈرلىك باھانىلارنى كۆرسىتىپ ياكى ئۆزىنىڭ ب د ت دىكى رەت قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ئەھدىنامىلارنى تا ھازىرغىچە ماقۇللىمىغان. ھالبۇكى، ب د ت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمدە خەلقارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينى بۇ ئاجىزلىقى سەۋەبلىك داۋاملىق ئەيىبلەپ كەلگەن. مۇشۇ 2-ئايدا ب د ت نىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىتايدا 1 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ توقۇمۇچىلىق، كېيىم-كىچەك، ئاياق تىكىش ۋە باشقا سانائەت ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى، مەھبۇسلارنىڭمۇ قۇل ئەمگىكىگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ خىتاينى ئەيىبلىگەن.
گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «جەنۇبىي تۈرنگېن» گېزىتىنىڭ 21-ئاپرىل ئېلان قىلغان «خىتاي ب د ت نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھدىنامىسىنى ماقۇللىدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، خىتاي بۇ ئەھدىنامىنى خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىگە قارشى چۇقانلار كۈچىيىۋاتقان ۋە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە تېخىمۇ زور قارشىلىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بىر پەيتتە تەستىقلىغان.
مەتبۇئاتلاردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ بۇ ئەھدىنامىنى ماقۇللاشىغا تۆۋەندىكى بىرقانچە مەسىلە سەۋەب بولغان:
بىرى، «مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھدىنامىسى» ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانماقچى بولغان «مەبلەغ سېلىش كېلىشى» دىكى ياۋروپا تەرەپنىڭ خىتايغا قويغان ئاساسلىق شەرتلەرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا قوشۇلمىغان. ياۋروپا پارلامېنتى بۇ مەسىلىنى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، جازا لاگېرلىرى تۈزۈمىنى تۇتقا قىلىپ بۇ كېلىشىمنى توڭلىتىپ قويغان. بۇ توڭنى ئېرىتىش خىتاينىڭ ئارزۇسى بولۇپ كەلگەن.
ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك ئامېرىكانىڭ خىتايغا يۈرگۈزىۋاتقان تۈرلۈك ئىقتىسادىي جازالىرى ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنى بارغانسېرى كۈچەيتىشى خىتاي ئىقتىسادىغا زور زىيان بېرىپلا قالماي، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىمۇ قاتتىق زىدىلىگەن. شەخسەن گېرمانىيە خىتايدىكى شىركەتلىرىگە بىراقلا تەدبىر قوللىنىشقا چارەسىز قالغان بولغاچ، ئۆزىنىڭ 2021-يىلى ماقۇللىغان تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنى 1000 دىن تۆۋەن ئىشچى-خىزمەتچىسى بولغان شىركەتلەرگە 2022-يىلىدىن باشلاپ، 1000 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بولغان شىركەتلەرگە 2023-يىلىدىن باشلاپ تەدبىقلىماقچى بولغان، بۇ قانۇنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەب بولغان ئىدى.
ئۈچىنچىسى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار قامالغان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتايدا ئېلىپ باقماقچى بولغان زىيارىتى خەلقئارانىڭ دىققەت نەزەرىدە تۇرماقتىكەن. ئەگەر مىشېل باچېلېت 5-ئايدا راستىنلا خىتايغا زىيارەتكە بارسا، ب د ت نىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھدىنامىسى» نى تىلغا ئالماي قالمايدىكەن. خىتاي باشقا تەرەپتىن تۇتۇق بەرمىسىمۇ، بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدىكەن.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاينى بۇ ئەھدىنامىنى ماقۇللاشقا مەجبۇرلىغان ئاساسلىق ئامىللار خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئىكەن. بىراق، خىتاي ب د ت نىڭ باشقا ئەھدىنامىلىرىغا رىئايە قىلمىغانغا ئوخشاش، بۇ ئەھدىنامىغىمۇ ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدىكەن. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بولسا «خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ھېچ ۋاپا قىلمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ‹مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھدىنامىسى› نى ماقۇللىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ» غانلىقىنى تەكىتلىدى.
ب د ت 1957-يىلى ئېلان قىلغان «مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھدىنامىسى» دا مەجبۇرىي ئەمگەكنى ھەرقانداق شەكىلدىكى سىياسىي بېسىم ياكى سىياسىي مائارىپنىڭ ۋاستىسى قىلىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئوخشىمىغان سىياسىي كۆزقاراش ياكى ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيەگە ئىگە ئىنسانلارنى جازالاشنىڭ بىر ئۇسۇلى قىلىپ قوللىنىشنىڭ مەنئىي قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا ئېنىق قىلىپ: «مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىرقىي، ئىجتىمائىي، مىللىي، دىنىي كەمسىتىشنىڭ چارىسى سۈپىتىدە قوللىنىشقا بولمايدۇ،» دېيىلگەن. بىراق خىتاي، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنىڭ دەل ئەكسىنى قىلماقتا ئىكەن.