خىتايدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇسى سەۋەبىدىن دۇنيا مىقياسىدا بىردىنلا ئەڭ ئاددىي تېببىي مۇداپىئە قورالى بولغان ماسكا ئۈچۈن چاپ-چاپ بازار ئېچىلدى. ئەمما بۇنىڭغا چۇشلۇق ماسكىلارنىڭ كەمچىللىكى، بارلىق تەييار ماسكىلارنى ۋىرۇس دۇنياۋى ئاپەتكە ئايلىنىپ كېتىشتىن ئىلگىرىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۆلەمدە سېتىۋېلىپ ئامبارلارغا بېسىپ قويۇشى بىلەن ماسكا زاۋۇتلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا خىتايدىكى ماسكا زاۋۇتلىرىنىڭ ماتېرىيال مەنبەسى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدە غايەت زور كۆلەمدىكى «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» نىڭ مەۋجۇتلۇقى كىشىلەرگە ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى. «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست سانىغا بېسىلغان مۇشۇ ھەقتىكى مۇھاكىمە ماقالىسىدە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىرىدىن نۇرىي تۈركەل ۋە جېيمىس كار ئەپەندىلەر دەل مۇشۇ مەسىلىنىڭ نۆۋەتتىكى غەرب دۇنياسى ئۈچۈن بىر تارىخىي سىناق بولۇۋاتقان زور مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتتى.
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى نەچچە مىليون كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايلارنى «مەكتەپ» دەپ تەسۋىرلىشى ھەممىگە مەلۇم ساۋاتقا ئايلانغاندىن كېيىن لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ «ئىدىيەدە ئازاد بولغانلىرى» دىن مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرى ۋە باشقا زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، بۇلاردىن ئەڭ تىپىك بولغان بىر تۈركۈمىنىڭ دەل ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدە كىشىلەر تالىشىپ سېتىۋېلىشقان ماسكىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلاردا «زامانىۋى قۇللار» شەكلىدە ئەمگەككە سېلىنىشى غەرب دۇنياسىدا يەنە بىر قېتىم زور دىققەت قوزغىغان ئىدى. جۈملىدىن «يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئىشلىگەن بۇ ھەقتىكى مەخسۇس سۆھبەتتىمۇ دەل مۇشۇ لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ھازىر غەرب دۇنياسىدىكى ئىستېمالچىلار ئىزدەپ يۈرۈپ ئېلىۋاتقان ماسكىلارنى ئىشلەۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى. تېخىمۇ مۇھىمى سۆھبەتتە دەل مۇشۇ ماسكا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بۇنىڭدىن 80 يىل ئىلگىرىكى لاگېرلارغا قامالغان يەھۇدىيلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى بىلەن سېلىشتۇرۇلۇشى بۇ مەسىلىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ ئوچۇق كۆرسەتتى.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا كومىسسار نۇرى تۈركەل ۋە جېيمىس كار ئەپەندىلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنىڭ ماسكا زاۋۇتلىرىدىن تارتىپ كۆپلىگەن دۇنياۋى داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە كېڭىيىپ بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ «Walmart», «Apple», «Nike» قاتارلىق ماگىزىنلاردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغانلىقى، شۇ قاتاردا خىتايدىكى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 80 پىرسەنتىگە مەنبە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئەمەلىيەتتە «Made in China» دېگەن خەتلەر بېسىلغان ھەمدە غەرب دۇنياسىدىكى سودا سارايلىرىدا سېتىلىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ دەل مۇشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ھالقىسىدىن ئۆتىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئاپتورلار ئالاھىدە تەكىتلىگەن بىر نۇقتا دەل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن نۇرېمبېرگ خەلقئارا سوتىدا لاگېرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ «جىنايەت» دەپ بېكىتىلىشى، ئەينى ۋاقىتتا بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قېلىپ شەرمەندە بولغان Volkswagen شىركىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يەنە بىر قېتىم بۇ ھادىسە بىلەن باغلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھېسابلىنىدۇ. نۇرىي تۈركەل بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا مۇنداق دېدى.
خۇشاللىنارلىق يېرى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كەسكىن تەنقىدىگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن بۇنىڭغا چېتىشلىق كۆپلىگەن مەھسۇلاتلار ئامېرىكا تاموژنىسىدا مۇسادىرە قىلىندى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىقلىرىمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تەمىنات زەنجىرىگە چېتىشلىق مەسىلىدە ئالاھىدە ھوشيار بولۇش ھەققىدە بىر قاتار ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىمۇ كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكا بايلىقىنى سېتىۋېلىشىنى مەنئى قىلدى. ئەمما نۇرىي تۈركەل ۋە جېيمىس كار ئەپەندىلەرنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتىكى بۇ رېئال تەدبىرلەر مۇئەييەن ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى يېتەرلىك بولدى، دەپ قاراشقا بولمايدىكەن. بۇ جەھەتتە ئۇلار ھازىرغىچە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇنى» نىڭ رەسمىي ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى بۇنىڭدىكى بەكمۇ مۇھىم بولغان بىر ھالقا بولۇپ، بۇ قانۇن رەسمىي ماقۇللانسا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىشى مەنئى قىلىنىدىكەن. نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئىستېمالچىلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىدە ۋىجدانى مەجبۇرىيىتىنى يادىدىن چىقارماسلىقى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇنى» نى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ مەسىلىدە دۇنياۋى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىش ئۈچۈن پائالىيەتتە بولماقتا ئىكەن. يېقىن كەلگۈسىدە مۇشۇنداق بىر دۇنياۋى ئىتتىپاق ھاسىل بولسا ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ غەرب ئىستېمال بازىرىدىكى ئورنى ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدىكەن. بۇ بولسا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۇمران بولۇشىنى تېخىمۇ تېزلەتكۈچى ئامىللاردىن بولۇپ قالىدىكەن.
0:00 / 0:00