ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان «Shein» مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا بازىرىغا قانداق كىرىۋاتىدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.12.06
خىتاي ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا سالماقتا!
Yettesu

ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان پاختا ۋە ئۇنىڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن. بىراق ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشتە يەنىلا بىر قىسىم يوچۇقلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانماقتا.

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان بلۇمبېرگ گېزىتى خىتاينىڭ تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرى ئارقىلىق تونۇلغان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توپ ۋە پارچە مال ساتىدىغان «شېيىن» (Shein) ناملىق تور بەتتە سېتىلىۋاتقان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان ۋە «شىنجاڭ پاختىسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان پاختىلار بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەخسۇس تەكشۈرۈش خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، شېيىننىڭ ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» غا قويغان چەكلىمىسىگە قارىماي ئامېرىكادا قىلىۋاتقان سودىسىنىڭ قىممىتى نەچچە مىليارد دوللارغا يېتىدىغان بولۇپ، سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىدە زور ئىكەن.

ئۇنداقتا، شېيىن شىركىتى قانداق يوچۇقتىن پايدىلىنىۋاتىدۇ؟ ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەۋجۇتلۇقى قانداق ئىسپاتلاندى؟ بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بلۇمبېرگتىكى بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى شېرىدان پراسسو (Sheridan Prasso) نى زىيارەت قىلدۇق.

شېرىدان پراسسونىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، خىتايدىن ئامېرىكادىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە ھالدا زاكازلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بۇ شېيىن ناملىق تور بەتتىكى كىيىم-كېچەكلەردە قوللىنىلغان پاختانىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ئىكەنلىكى ھەققىدە گۇمان بولسىمۇ، بىراق بۇ ھازىرغىچە رەسمىي يوسۇندا ئىسپاتلىنىپ باقمىغانىكەن. شۇڭا ئۇ بۇنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە شېيىندىن كىيىم زاكاز قىلغان ۋە ئۇنى گېرمانىيەدىكى مەخسۇس تەجرىبىخانىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: «شېيىننىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ 80 پىرسەنتى دېگۈدەك خىتايدا ياسالغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا شىنجاڭ پاختىسى ئىشلىتىلىدىغانلىقى گۇمان قىلىنغان بىراق ئىسپاتلىنىپ باقمىغان. مەن بۇنىڭ بىلەن شېيىندىن كىيىم-كېچەك زاكاز قىلدىم ۋە ئۇنى گېرمانىيەدىكى تەجرىبىخانىغا ئەۋەتتىم. بۇ تەجرىبىخانا پاختا تالالىرىدىكى ھىدروگېن، كاربون ۋە ئوكسىگىن مىقدارىغا قاراپ تۇرۇپ پاختىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تېپىپ چىقالايدۇ، نەتىجىدە بۇ كىيىم-كېچەكلەردە قوللىنىلغان پاختا قولىمىزدا مەۋجۇت بولغان شىنجاڭ پاختىسىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكە بىلەن ئوخشاش چىقتى».

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى تۇنجى قېتىم 2021-يىلى 1-ئايدا ماقۇللىغان قارار ئارقىلىق چەكلىگەن. ئارقىدىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (UFLPA) نى ماقۇللاش ئارقىلىق بۇ چەكلىمىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان كۈنتاختا باتارېيەسى ۋە باشقا خام ئەشيالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەشكىچە كېڭەيتكەنىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ سودىنىڭ نەچچە مىليارد دوللار قىممىتىدە ئىكەنلىكى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. شېرىدان پراسسونىڭ ئېيتىشىچە، شېيىن شىركىتى ئامېرىكادىكى ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتلەر ئامېرىكا تاموژنىسىغا خىتايدىن كىرگۈزۈۋاتقان ماللىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى يوقلىغىنى ئىسپاتلاش بىلەن ھەلەك بولۇۋاتقاندا، ئۇلار بىۋاسىتە ھالدا ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارغا مال سېتىش ھەمدە بۇنىڭ قىممىتىنى 800 دوللاردىن تۆۋەن تۇتۇش ئارقىلىق تاموژنا يوچۇقىدىن ئۆتمەكتىكەن. شېرىدان مۇنداق دەيدۇ:

«شىنجاڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇشىدىكى سەۋەب شېيىن شىركىتى ئامېرىكانىڭ ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە ھالدا مال ئەۋەتىشكە يول قويىدىغان بوشلۇقىدىن پايدىلانماقتا. شېيىن شىركىتى خىتايدىن ئامېرىكادىكى ئىستېمالچىلارغا ئۇدۇل پوسۇلكا ئەۋەتىدۇ. ئامېرىكادا قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن بولغان ھەرقانداق پوسۇلكا تاموژنىدا تەكشۈرۈلمەيدۇ. شۇڭا بۇ پوسۇلكىلار ئۇدۇل ئىستېمالچىلارغا يېتىپ بارىدۇ. ئەمما دۇكىنى بار باشقا پارچە ساتقۇچىلارنىڭ ئىمپورت قىلىدىغان ماللىرى بولسا تاموژنىدا تەكشۈرۈلىدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، شېيىن شىركىتى ئىستېمالچىلىرىدىن تور بېتىدىن كىيىم-كېچەك زاكاز قىلغاندا بىر قېتىمدا 800 دوللاردىن ئېشىپ كەتمەسلىك ھەققىدە چەكلىمە قويىدىكەن. شۇڭا بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان پاختا بىلەن ئىشلەنگەن كىيىم-كېچىكلەر بىلەن تولدۇرۇلغان بۇ پوسۇلكىلار توسالغۇسىز ھېچقانداق تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەيلا ئىستېمالچىلارغا يېتىپ بارالايدىكەن.

بلومبېرگ تورىنىڭ ئېيتىشىچە، شېيىن شىركىتى بۇ مەسىلە ھەققىدىكى باياناتىدا بلۇمبېرگ قىلدۇرغان بۇ تەجرىبىنىڭ نەتىجىسىگە قارشىلىق بىلدۈرمىگەن ھەم ئۇنى ئېتىراپمۇ قىلمىغان. بىراق شېين باياناتىدا «ئۆزلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىجارەتلىرىدە يەرلىك قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شېننىڭ ئامېرىكادىكى تور بېتى «سىجىللىق ۋە ئىجتىمائىي تەسىر» قىسمىدىكى باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ قەرەللىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئېلىپ بېرىپ، «مەجبۇرىي ئەمگەك» ۋە جەمئىيەتلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغانىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شېيىن شىركىتى ئۆرنىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى مۇتلەق يوسۇندا چەكلەشتىكى قىيىنچىلىقلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ھەم ئامېرىكالىق پارچە ساتقۇچىلارنى ھەم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.

ئامېرىكا توقۇمىچىلىق سانائىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئامېرىكا دۆلەتلىك توقۇمىچىلىق تەشكىلاتلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كىم گلاس (Kim Glas) بلۇمبېرگقا قىلغان سۆزىدە «شېيىنغا ئوخشاش خىتاي شىركەتلىرى بۇ يوچۇقتىن قاتتىق پايدا ئېلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشكاپلىرىغا ھېچقانداق تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەي بېرىۋاتىدۇ» دېگەن.

شېرىدان خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمدى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يەنىمۇ ئۈنۈملۈك بىر چارە تېپىپ چىقىشى كېرەككەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«ئىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقىنى بۇ پوسۇلكىلارنىڭ ئۈستىدە ئۇنىڭ شېين شىركىتىگە ئائىتلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق بەلگە يوق، ئۇنداق بولغان ئىكەن بۇ پوسۇلكىلارنى تاموژنىدا تۇتۇپ قېلىپ تەكشۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ. ئەمدى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ زىممىسىدە. ئىلگىرى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا خىتايدىن كىرىدىغان پوسۇلكىلارنى تەكشۈرۈش ھەققىدە بىر لايىھە تونۇشتۇرۇلغان بىراق ئۇ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتەلمىگەن. ئەمدى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى شېيىن شىركىتىنى توسۇش ئۈچۈن يەنىمۇ ئۈنۈملۈك بىر يول تېپىپ چىقىپ، تاموژنىدىكى تەكشۈرۈشنى چىڭىتىشى كېرەك»

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقىدەك ئامېرىكا تاموژنىسىدىن كىرىدىغان پوسۇلكىلاردىكى 800 دوللاردىن تۆۋەن قىممەتتىكى پوسولكىلارنى تەكشۈرمەسلىك يوچۇقىدىن پايدىلىنىۋاتقان يالغۇز شېيىن شىركىتى ئەمەس ئىكەن. ئەمما شېيىن شىركىتى بۇلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ئىكەن. بۇ شىركەت 2012-يىلى نەنجىڭدە قۇرۇلغان بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۇنيادىكى ئەرزان باھالىق مودا كىيىم-كېچەك ساتقۇچىسىغا ئايلانغان. ئۇ تىك-توكقا ئوخشايدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنى نىشانلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ باھاسىنىڭ بەزىلىرى 25 دوللارغىمۇ يەتمەيدىكەن. شېيىن شىركىتىنىڭ خىتايدا تور بېتى يوق بولسىمۇ، بىراق ئۇ دۇنيادىكى ئامېرىكا قاتارلىق 150 دۆلەتكە مال ساتىدىكەن.

دەرۋەقە، ھازىرقىدەك شېيىننىڭ تاموژنا يوچۇقىدىن پايدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر ئوتتۇرىغا چىقمىغان بىر شارائىتتا ئىستېمالچىلار ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش جۈملىدىن ئۇلارنى شېينغا ئوخشاش ساتقۇچىلاردىن سېتىۋېلىنغان كىيىم-كېچەكلەرگە سىڭگەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە ئاڭغا ئىگە قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.