ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى مۇساپىلەر: مەنپەئەت بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدا (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسى يېقىنقى مەزگىللەردە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قەلىمىدە «زامانىۋى قۇللۇق» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھادىسىگە قارشى تەدبىرلەرنىڭ بىرى قاتارىدا ئوتتۇرىغا چىققان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2022-يىلى ئىيۇندا رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، بۇ ھەقتىكى تەرەققىياتلار خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ يەر ئالدى. شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈنۈمى ۋە نەتىجىسى ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ساھەدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان يوچۇقلاردىن خىتاينىڭ قانداق پايدىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىمۇ ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى.

قانۇننى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىغان قانۇن

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسىگە چېتىشلىق رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن جېننىفېر ۋېكستون (Jennifer Wexton) ۋە كارلوس گىمېنېز (Carlos Giménez) 2023-يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇردى. مۇشۇ قانۇن لايىھەسىگە ئوخشايدىغان بىر قانۇننى جېننىفېر خانىم بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم، يەنى 2021-يىلى تونۇشتۇرغان ئىدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى بويىچە، ئامېرىكا تەۋەسىدە ئاشكارا ھالدا سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچى ھەرقانداق شىركەت ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشى لازىم. شۇنداق بولغاندا مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ماھىيەتتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تېخىمۇ كۈچلۈك بىر ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى مەنئىي قىلىش ئۈچۈن بۇنىڭغا ئالايىتەن قانۇن چىقارغان ۋە ئىجراغا قويغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەنلىكى ئېنىق بولغان كۆپلىگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئاشكارا ھالدا ئامېرىكا بازارلىرىدا سېتىلىشى ئىزچىل كۆپلىگەن سوئاللارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) سودا باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېرىك چوي (Eric Choy) بۇ ھەقتىكى رادىيو زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ قەستەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە «يېتىشىپ بولالماسلىق» تىن كېلىپ چىقىۋاتقان رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى:

«ئەپسۇسلۇق ئىچىدە شۇنى ئېيتىمەنكى، شىنجاڭ بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ھەممىلا مەھسۇلات بىزگە ئاشكارا ھالدا يېتىپ كەلمەيدۇ. شۇڭا بۇنىڭدا ناھايىتى كۆپ ئانالىز ۋە تەكشۈرۈشلەر زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىزگە بۇ ھەقتە مۆھلەت بېكىتىپ بەرگەنىكەن، بىز جەزمەن مۇشۇ دائىرە ئىچىدە شىنجاڭدىن كېلىۋاتقان توۋارلارنىڭ مەنبەسىنى ھەمدە بۇنىڭغا چېتىشلىق تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ خەتىرىنى كۆزدىن قاچۇرماسلىقىمىز لازىم. ھازىرقى مەسىلە شۇ بولۇۋاتىدۇكى، خىتاي بىزگە ئېكىسپورت قىلغان توۋارلار ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدا ئىشلەنگەندىن كېيىن نۇرغۇن تارماق يوللارغا تارقىتىلىدۇ. بۇ يوللار بولسا نۇرغۇن مەملىكەتلەرگە تۇتىشىدۇ. مانا بۇلار بىز دىققەت-نەزەرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان، شۇنىڭدەك تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىدىغان ئۇچۇرلاردۇر. ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› بويىچە كۈنتاختا، شوخلا (پەمىدۇر) قىيامى، پاختا مەھسۇلاتلىرى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دائىرىگە مەنسۇپ. بۇنىڭدىن باشقا سىز تىلغا ئالغاندەك، كۆپلىگەن توۋارلار ھەر خىل يوللاردىن پايدىلىنىپ بىزنىڭ بازارلىرىمىزغا كىرگەندىن كېيىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ياكى باشقىلار بۇنى پاش قىلىشى كېرەك. بىز بۇنىڭغا ئاساسەن ئاشۇلارنى تەكشۈرىمىز ۋە تېگىشلىك چارىسىنى قىلىمىز. ئەمما بىزنىڭ ئىدارە يالغۇز ھەممىنى بىلىپ بولالمايدۇ. چۈنكى شىنجاڭدىن كېلىۋاتقان مەھسۇلاتلار ئەمەلىيەتتە بەك كۆپ.»

خىتاي ئاخباراتىدا تارقىتىلغان خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى توغرىسىدىكى خەۋەردىن ئېلىنغان. 2020-يىلى 23-ئاپرېل.
خىتاي ئاخباراتىدا تارقىتىلغان خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى توغرىسىدىكى خەۋەردىن ئېلىنغان. 2020-يىلى 23-ئاپرېل. (xj.chinanews.com)

بۇ قېتىمقى يېڭى قانۇن لايىھەسى بويىچە بولغاندا، ئامېرىكا ئاكسىيە سودىسى كومىتېتى (SEC) ھەر يىلى جەزمەن ئۆزى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا مۇئامىلىدە بولغان باشقا شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ قانچىلىك سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر بىلەن قانچىلىك ماس كېلىدىغانلىقى ھەققىدە دوكلات تەييارلاپ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىشى لازىم. ئۇيغۇر دىيارى بىلەن چېتىشلىق بولغان سودا پائالىيەتلىرىدە ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغان توۋارلارنىڭ بىرى پاختا مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، خىتاي دۇنياغا ئېكىسپورت قىلىۋاتقان كىيىم-كېچەكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان پاختا ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدۇ.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 20-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا كىيىم-كېچەك بازىرىدىكى مەھسۇلاتلاردىن ئاز دېگەندىمۇ 468 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ «زامانىۋىي قۇللار ئەمگىكى» بەدىلىگە ئىشلىنىپ چىققانلىقى ئېنىق. بۇ ھال دۇنيا كىيىم-كېچەك بازىرىدىكى ئومۇمىي توۋار مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئورالما قاپتىكى چۈشەندۈرۈشتىن باشقا بىرەر ئىشەنچلىك تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى مەۋجۇت ئەمەس. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى سودا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە كومىسسارى ئانمارىي خايسىمىس (AnnMarie R. Highsmith) بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ تېخى ھازىرغىچىمۇ پاختا ماتېرىيالىنىڭ مەنبەسىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بىرەر ئۈسكۈنىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە تىلغا ئالدى. شۇڭا ئۇلار بۇ ھەقتە يەنىلا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن:

«مېنى دېسىڭىز، مەنمۇ شۇنداق بىر ئۈسكۈنە بولسىكەن، دەيمەن. ئەمما بۇنداق ئەھۋالدا بىز قىلالايدىغان ئىش ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى ھەممىنى ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈش شەكلىدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ ساھەدىكى چۈشەنچىمىز مۇشۇ ئەمەلىيەت جەريانىدا چوڭقۇرلاپ مېڭىۋاتىدۇ. بۇنى كۆزىتىۋاتقان تېگىشلىك كۆزلەر بار، بۇنى ئىز قوغلاۋاتقان تور گۇرۇپپىسى بار. شۇنداقلا بۇ ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ خۇلاسە چىقىرىۋاتقان مەخسۇس گۇرۇپپىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا بىز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر مەھسۇلاتلارغا چېتىشلىق ئۇچۇرلارنى ئوچۇق مەنبەلەردىن، پۇقراۋىي تەشكىلاتلاردىن، ئىلمىي خادىملاردىن ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن توپلايمىز. شۇ ئاساستا بىز بۇلاردىن بىر خۇلاسە چىقىرىش شەكلىنى قوللىنىۋاتىمىز.»

مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا «ئەركىن» بازار تارايماقتا

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشنى باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماھىيەتتە بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە «يېشىل چىراغ» يېقىپ بەرگەن، دېيىش مۇمكىن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى 2022-يىلى 14-سېنتەبىردە مۇشۇ خىلدىكى قانۇن ماددىلىرىنى رەسمىي مۇزاكىرىگە قويدى. ئارقىدىنلا گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە نورۋېگىيە بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن كىيىم-كېچەك ساھەسى بولسۇن ياكى يېمەكلىك ساھەسى بولسۇن، ئۇيغۇر دىيارىنى ئاساسلىق تەمىنلەش زەنجىرى قىلغانلىكى شىركەتلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە «مىق» قا ئۈسۈشكە باشلىغان. بولۇپمۇ ئاز دېگەندىمۇ ئۆتكەن 30 نەچچە يىل مابەينىدە كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىلىرىنى كۆرمەسكە سېلىۋالغان شىركەتلەر بۇ خىلدىكى قانۇن ماددىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن ئىلگىرىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى قايتىدىن تەكشۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.

دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكەن «ئىشەنچ ۋە ئىز» (TrustTrace) شىركىتى ئاياغ ۋە توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىنىڭ تەمىنلەش يوللىرىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەشتە بايراقدار شىركەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شامىك گوش (Shameek Ghosh) بۇ ھەقتە رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا بارلىق داڭلىق ماركا ساھىبلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەممىلا مەسئۇلىيەتنى تەمىنلەش زەنجىرىگىلا ئارتىپ قويىدىغانلىقىنى، ھازىرقى يېڭى قانۇنلاردا بولسا مەسئۇلىيەتنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا بىۋاسىتە تاقىشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىگە قويۇلغان تەلەپنىڭ بۇ شەكىلدىكى ئۆزگىرىشى نۆۋەتتە بارلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى ئوبدانلا «سەگىتىپ قويغان». بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى داڭلىق ماركىلارمۇ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنىدا توسۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىرىنچى ھالقىدىكى مال تەمىنلىگۈچىلەردىن مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلىشقا يۈزلەنگەن.

دەرۋەقە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنغىلى بىر يىلدىن ئاشقاندا بۇ جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكى تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. بۇ جەھەتتىكى يېڭى قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتە قانچىلىك ئىجابىي نەتىجىلەرگە ۋە يېتىشسىزلىكلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئانمارىي خايسىمىس خانىم مۇنداق دەيدۇ:

«بىزنى بۇ قانۇننى قانداق ئىجرا قىلىۋاتىسىلەر، دەپ سورىماقچى بولسىڭىز، مەن يەنىلا شۇ گەپنى تەكرارلايمەن: بىز تېخى مەيدىمىزنى كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققۇدەك بىر ئىش قىلىپ بولالمىدۇق. بۇ ناھايىتى تېزلا ئۇتۇق قازىنىدىغان بىر پائالىيەت ئەمەس. ئەكسىچە مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىش ھەمدە يىرگىنچلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تۈگىتىش ھەرىكىتىدۇر. بۇ ھەرىكەت ئۆز نۆۋىتىدە دۇنياۋىي تەمىنلەش زەنجىرىنى پاكىزلاپ، ئۇنىڭ قانۇنلۇق ھالدا گۈللەپ-ياشنىشىغا يول ئاچىدۇ. شەخسەن مەن ‹ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى›دىكى خادىملىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كۆپلىگەن تارماقلار بۇ خىزمەتكە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ تاغنى تالقان قىلىدىغان بىر مۇشەققەتلىك بىر جەريان بولسىمۇ ئىشنىڭ بېشىدىن تارتىپ تولىمۇ ئېھتىيات قىلىشنى ۋە دانا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بىز بۇ جەھەتتە دانالىق بىلەن ئىش كۆرۈۋاتىمىز.»

بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغاندا ئېرىك چويمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش يولىدىكى قانۇنلارنىڭ قانداق شەكىلدە ئىجرا قىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنىڭدا ئەڭ سەل قارىلىۋاتقان بىر نۇقتا بۇ جەھەتتىكى زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ھالقىلىرىنىڭ نازارەتسىز قېلىشىدۇر:

«بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ئەمەلىيەتتە ھەرقايسى ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈش ۋە بۇ ھەقتە زۆرۈر بولغان ھوشيارلىقنى يوقاتماسلىقتەك بىر مەجبۇرىيەتنى يۈكلەيدۇ. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تەمىنلەش زەنجىرىگىمۇ تەتبىقلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئىش باشلىغان ھەرقانداق بىر شىركەت تۇنجى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان ھەمدە بۇنى تەمىنلەش زەنجىرىگە يوللىغان ھامان بۇ خىل مەجبۇرىيەتلەر ئۇلارنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئۇلار بۇ ھالقىلارنىڭ قايسىسىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بارلىقىنى بىلىدىغان بولىدۇ. ئەنە شۇ يوسۇندا ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەكنى تۈگىتىش مۇمكىن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلەرنى ھەمدە ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش زۆرۈر.»

ئىلگىرىكى يىللاردا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان ھامان دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتلەرنىڭ زوراۋانلىقى كىشىلەرنىڭ يادىغا كېلىشى ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان. ئەمما نۆۋەتتە بۇ تېما ئوتتۇرىغا چىققان ھامان ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولغان «زامانىۋى قۇللۇق» ھەمدە ئۇنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى بىلەن بولغان باغلىنىشى بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.

داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.