مۇھاجىرەتتە چوڭ بولغان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرغان «تارىم تورى» سەھىپىسى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان مەشرەپ ھەققىدە ئۈچ بۆلۈملۈك تور ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغانىدى. 21-ئىيۇن بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى يەنى ئاخىرقى بۆلۈمى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر يىغىندا ئاساسلىقى مەشرەپنىڭ قانداق قىلىپ غەيرىي ماددىي مىراسلار قاتارىغا كىرگەنلىكى، بۇ تىزىملىككە كىرگەندىن كېيىن ھەقىقىي مەشرەپكە بولغان تەسىرى ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان مەشرەپ ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلدى.
فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە مۇزىكا تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇقەددەس مىجىت مەخسۇس ئۇيغۇر سەنئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ ئۇ مەشرەپنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەشرەپ دېگىنىمىز ئەسلىدە ھېچكىم ئۇيۇشتۇرمىسىمۇ خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن بىر پائالىيەت».
ئۇنىڭ پىكىرلىرىگە قارىغاندا، مەشرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئەدەپ-ئەخلاق، قائىدە-يوسۇن ئۆگىتىدىغان مەكتەپلىك رولىنى ئوينىغان. ئۇيغۇرلاردا: «بالاڭنى چوڭ قىلىپ مەكتەپكە بەر، مەكتەپتىن يانغاندا مەشرەپكە بەر»، «ئالىم بولاي دېسەڭ مەكتەپكە بار، ئادەم بولاي دېسەڭ مەشرەپكە بار» دېگەندەك ئەقلىيە سۆز ۋە ماقال-تەمسىللەر بار.
ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئېسىل ئەخلاق قۇرۇلمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ھازىرقى زامان مائارىپ تەربىيىسىدىن ئارتۇقراق رول ئوينىغان سەييارە ئەخلاق دەرسخانىسى. ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ مەردلىك، سېخىيلىقىنى سىنايدىغان تارازا، چىدام جاسارىتىنى تاۋلايدىغان ئوچاق بولغان.
مۇقەددەس خانىم مەشرەپنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەشرەپ جامائىتى جەمئىيەت ئەخلاقىنى تەكشۈرۈپ، توغرىلاپ تۇرىدۇ. يامان ئىشلاردىن توسۇپ، ياخشى ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ».
ئۇ يەنە مەشرەپ جامائىتىنىڭ جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە قاراپ تۇرماي ئۆزلىرى مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئۆز مەسىلىسىنى ئۆزى ھەل قىلىشى ھۆكۈمەتنىڭ مەشرەپ جامائىتىنى باستۇرۇش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
2010-يىلى نويابىردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماس سۇنۇشى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) مەشرەپنى جىددىي قوغداشقا موھتاج شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
لوندون شەرق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغىلى 20 يىل بولغان رەچىل خاررىس خانىم 21-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ ھەقىقەتەن مۇھىم بىر تېما ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. مەشرەپنىڭ خەلقنىڭ قولىدىن ئېلىنىپ خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكىگە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈنكى(مۇھاكىمە يىغىنىدا) مەشرەپ ۋە ئۇنىڭ غەيرىي ماددىي مىراسلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە توختالدۇق. مەشرەپنىڭ خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى غەيرىي ماددىي مىراسلار قاتارىغا كىرگۈزۈشىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقات ماقالىسى يېزىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) غا سۇندۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئىچىدىكى ناھايىتى كۈچلۈك بىر مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، پەقەت سەھنىدە كۆرىدىغان ناخشا-ئۇسۇلغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى خەلقنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتتى. يەرلىك خەلقنىڭ كۈچى مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى كۈچى ئاجىزلىدى».
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى ئۆز مەدەنىيىتى ساقلاپ قالالماسلىق بولماقتىكەن. چەتئەلدە چوڭ بولغان، ئۇيغۇرلۇقىدىن پەخىرلىنىدىغان بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك ياشلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە باشقا يەرلەردە ياشايدىغان ياشلار تور دۇنياسىدىن پايدىلىنىپ بىر سەھنە ھازىرلىغان بولۇپ، بۇ سەھنىدە ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرىگە باغلاشنى مەقسەت قىلغان. مۇقەددەس مىجىت خانىم ئېيتقان مەشرەپنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىش رولى بويىچە ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ قايتا مەشرەپ روھىنى نامايان قېلىشنى پىلانلىغان. مەزكۇر» مەشرەپ «ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاشۇ ياشلار ئۇيۇشتۇرغانىكەن.
«تارىم تورى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان، ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق زۇلپىقار ئابلىكىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۇلار ئۇيۇشتۇرغان ئۈچ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىرى ئىكەن. ئەمما مەشرەپ مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇش مۇھىم دەپ قارىغان بولغاچقا ئۈچ بۆلۈمگە ئايرىپ، مەشرەپ ۋە مەشرەپنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان رولىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە تور مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا بىر تېما بىر بۆلۈم بولاتتى، لېكىن مەشرەپنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى رولىنى بىلگەندىن كېيىن، بىز ‹مەشرەپ› توغرىسىدا ئالدىرىماي تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىشنى توغرا تاپتۇق».
ئاخىرىدا رەچىل خاررىس خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى مەدەنىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە بۇ مەدەنىيىتى چوقۇم ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، قوغداش ۋە كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن چوقۇم قولىدىن كېلىدىغاننىڭ ھەممىنى قىلىشى كېرەك. ھازىر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەسلى ئەندىزىسى بويىچە راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىكى بۈيۈك مەدەنىيەتنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى بولسىمۇ، ئەگەر ئەندىزە ساقلىنىپلا قالسا كېيىن راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرى بىر ئۈمىد. يەنە قانچە يىلدىن كېيىن بولىدۇ بىز بىلمەيمىز، لېكىن بىر كۈنى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يەنە قايتا گۈللىنىدۇ. شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قىلىشتىكى تىرىشچانلىقى بەك مۇھىم «.
0:00 / 0:00