مەسۇم ئەپەندىنىڭ ئىستانبۇلغا كەلگەن ۋاقتى، پۈتكۈل ئوسمان ئىمپېرىيەسى «ئۇسۇلى قەدىم» ۋە «ئۇسۇلى جەدىد» تىن ئىبارەت كونا ۋە يېڭى ئىككى خىل مائارىپ تۈزۈمىنىڭ كەسكىن كۈرەشلىرىگە سەھنە بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتلار ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئوسمان ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمىتى ئانچە خالاپ كەتمىسىمۇ ياۋروپانىڭ تەسىرىنى ئاستا-ئاستا قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان، ئەمما مائارىپ تۈزۈلمىسىدە يەنىلا «ئۇسۇلى قەدىم» نىڭ تەسىرىنى ساقلاپ قېلىشقا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر ئەھۋالدا ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، كۈندىن-كۈنگە زورىيىۋاتقان «ياش تۈركلەر» نىڭ ئىسلاھات شوئارلىرىمۇ ھەممىلا تەرەپتىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قىرىمدا نەشىر قىلىنىۋاتقان «تەرجۈمان» گېزىتى بىلەن ئۇسۇلى جەدىد تەشەببۇسچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئاخىرقى نىشانى، «قارا دېڭىزدىن خىتاي سېپىلىغىچە تارقالغان تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئورتاق بىر تۈركىي ئەدەبىي تىلى بەرپا قىلىش» ئىدى. ھالبۇكى، بۇ بۈيۈك ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنچىلىك ئاساس ئەمەس، يەنە كېلىپ ئۇنىڭغا توسالغۇسىز يېتىدىغان بىر قولاي يولنى تېپىشمۇ مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنمەكتە ئىدى.

شۇ ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ۋە ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا قارىغاندا، ئىسمائىل غاسپىرالى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «تەرجۈمان» گېزىتى ۋە ئۇنىڭغا بېسىلغان ماقالە-يازمىلارنىڭ بەزى ۋاقىتلاردا پۈتۈن ئوسمان ئىمپېرىيەسى تەۋەلىكىدە چەكلەنگەنلىكى، ھەتتا غاسپىرالى ئەپەندىنىڭ گېزىت يازمىلىرى سەۋەبلىك بىر قېتىم ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ سانكىتپېتېربۇرگقا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى مەلۇم. 1902-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە، «تەرجۈمان» گېزىتى ئوسمان ئىمپېرىيەسى تەۋەسىدە پۈتۈنلەي چەكلەنگەن.
مەسۇم ئەپەندىدىن بۇرۇن ئىستانبۇلغا كېلىپ ئوقۇشقا كىرگەن بىر قانچىلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «ئۇسۇلى قەدىم» دىن تەلىم ئېلىۋاتقانلار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە غۇلجادىن كەلگەن، ئۆزىنى «خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىلى» ئورنىغا قويۇۋالغان ئابدۇلئەزىز غۇلجالىغا ئوخشاش دىندار كىشىلەرمۇ بار ئىدى. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن غاسپىرالىنىڭ يېنىدا تەلىم ئالغان مەسۇم ئەپەندىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىنىڭ ئۇ قەدەر ئاسان ئۆتمىگەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.
ئۇنداقتا، مەسۇم ئەپەندى ئىستانبۇلدا نېمە ئىشلارنى قىلغان؟ ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئىستانبۇلدا قانچە يىل تۇرغان؟
ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى يالقۇن روزىنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى قانداق باشلانغان؟» سەرلەۋھەلىك ماقالىسىدە، مەسۇم ئەپەندىنىڭ ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ مائارىپ نازىرى جەلالىددىن ئەپەندىگە بىر پارچە ئىلتىماس يېزىپ ئوقۇشقا كىرىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەنلىكى يېزىلغان. مەكتۇپنىڭ داۋامىدا جەلالىددىن ئەپەندىنىڭ ئۇنىڭ بۇ ئىلتىماسىنى سۇلتانلىق باش كاتىپىغا يەتكۈزۈپ، مەسۇم ئەپەندىنىڭ بىر «دارىلمۇئەللىمىن» گە ياكى ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن بىرى «مەكتەبى مۈلكىيە» گە قوبۇل قىلىنىشىنى ئۆتۈنگەنلىكى بايان قىلىنغان. ھالبۇكى، مەزكۇر ماقالىدە مەنبە يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن مەسۇم ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى، ئۇنىڭ قاچان شەرقىي تۈركىستانغا قايتقانلىقى ھەققىدە بىر قىسىم ئىلمىي پەرەزلىرىنىلا ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن كۇپايىلەنگەن.

مەسئۇد سابىرىنىڭ «يۇرتىمىزنىڭ تەجەددۇد تارىخى» ناملىق دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، مەسۇم ئەپەندى ئىستانبۇلغا كېلىپلا ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفلارغا خەت يېزىپ، ئىستانبۇلغا يەنە بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش 40-50 ياشلاردىكى بىر كىشىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەنلا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېڭى مائارىپ ئېھتىياجىنى قامداشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفلار ئالدى بىلەن جىيەنى ئابدۇلقادىر ئەپەندىنى ئىستانبۇلغا يوللايدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە 6 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئىستانبۇلغا ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىستانبۇلدا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 10 غا يېتىدۇ. مەسۇم ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئوقۇش ئىشلىرى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستانبۇلدا مەكتەپكە ئورۇنلىشىش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ.
بۇ تېمىدا دىققىتىمىزنى چەككەن يەنە بىر مەنبە، ئوسمان ئىمپېرىيەسى ئارخىپىدا ساقلانغان مەسۇم ئەپەندىنىڭ يەنە بىر پارچە مەكتۇپىدۇر. بۇ مەكتۇپ 1904-يىلى 11-نويابىر كۈنى مەسۇم ئەپەندىنىڭ نامىدا يېزىلىپ، ئاخىرىغا ئۇنىڭ شەخسى تامغىسى بېسىلغان. مەزكۇر مەكتۇپتا شۇ يىلى ھۈسەيىن مۇسابايوف بىلەن باۋۇدۇن مۇسابايوف تەرىپىدىن ئىستانبۇلغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئابدۇلقادىر ئەپەندى، مەسۇد ئەپەندى، ئىبراھىم ئەپەندى ۋە مۇھەممەد سەيىد قاتارلىق تۆت نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق ياشنىڭ «ھەمىدىيە مەكتىپى» نامىدىكى سودا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلگەن. بۇ مەكتۇپتا مەسۇم ئەپەندى ئۆزىنى «غۇلجا مەكتەبى ھەمىدى-ھۈسەيىنى» نىڭ مۇدىرى، شۇنداقلا «مەرجان مەكتەبى مۈلكىيەئى شاھانەلەرىدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان» دەپ تونۇشتۇرغان.
بۇ مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىدىن بىز مەسۇم ئەپەندىنىڭ 1902-يىلى 9-ئايدا ئوسمان ئىمپېرىيەسى مائارىپ نازىرىغا سۇنغان ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىپ، «مەكتەبى مۈلكىيە» گە قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن خەۋەردار بولىمىز. بۇ مەكتەپ ئوسمان ئىمپېرىيەسى تەۋەسىدە ياۋروپا مائارىپى سىستېمىسىنىڭ تەسىرىدە قۇرۇلغان ئالىي ئىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا كېرەكلىك ئىلغار پىكىرلىك ھەم ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغانىدى. بۇ مەكتەپتە جۇغراپىيە، ئىقتىساد، سىياسەت، ھېسابات، خەلقئارالىق قانۇن دەرسلىرى ئۆتۈلەتتى. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلىرىدا خىزمەتكە قويۇلاتتى. مەزكۇر مەكتەپ 1936-يىلى ئەنقەرەگە كۆچۈرۈلگەن ۋە ھازىرقى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1858-يىلى قۇرۇلغان مەزكۇر مەكتەپ مەسۇم ئەپەندى ئىستانبۇلغا كەلگەن شۇ يىللاردا ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرنى باشتىن كۆچۈرمەكتە ئىدى.

ھەر يىلى 9-ئايدا ئوقۇش باشلايدىغان بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇددىتى 5 يىللىق بولۇپ، دەسلەپكى 3 يىلدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك دەرسلەر ۋە كېيىنكى 2 يىلدا كەسپىي دەرسلەر ئوقۇتۇلغان. بۇ دېگەنلىك، 1902-يىلى ئوقۇشقا كىرگەن مەسۇم ئەپەندى 1907-يىلى يازدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن دېگەنلىك بولاتتى. ئورېنبۇرگدا نەشىر قىلىنىدىغان «ۋاقىت» گېزىتىنىڭ 1906-يىلى 22-ئاۋغۇستتىكى سانى ۋە تاشكەنتتە مەشھۇر مائارىپچى مۇنەۋۋەر قارى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «خۇرشىد» گېزىتىنىڭ شۇ يىلى 19-سېنتەبىردىكى سانلىرىغا بېسىلغان ئوخشاش بىر خەۋەردە «چىنى تۈركىستانى مۇسۇلمانلىرىدىن بۇ تەرەپتە مەشھۇر سودىگەرلەر ھۈسەيىن ۋە باۋۇدۇن مۇسابايوفلار بۇ يىل›غۇلجا‹شەھىرىدە بىر يېتىمخانا ئاچتىلار. ھازىر 25 يېتىم بالا قوبۇل قىلىندى. كېلەر يىلىمۇ 25 بالا قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ يېتىمخانا ھەم مەكتەپ بولۇپ، ئىسلامشۇناسلىق، سانائەت، دېھقانچىلىق، سودا بىلىملىرى ئۆگىتىدۇ. خىتاي، موڭغۇل ۋە رۇس تىللىرىمۇ ئۆگىتىلىدۇ. مۇئەللىملەردىن بىرى مۇھەممەد مەسۇم ئەپەندى، ئۇ زات غۇلجاغا ئەمدى كېلىدۇ. ئۆزى بۇ غەيرەت ئىگىسىنىڭ ھىممىتى بىلەن 7-8 يىلدىن بېرى ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئىدى».
بۇ مەكتەپنىڭ «يېتىملەر مەكتىپى» نامىدا ئېچىلىشى «ئۇسۇلى قەدىم» نى جان جەھلى بىلەن تەشەببۇس قىلىۋاتقان مۇتەئەسسىپ قەدىمىيەتچى كۈچلەرنىڭ «ئۇسۇلى جەدىد» نامى بىلەن ئاشكارا بىر مەكتەپ ئېچىشقا يول قويمايۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. 1907-يىلى بۇ مەكتەپتە 25 يېتىم قىز ۋە 25 يېتىم ئوغۇل بالا ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئىشەنچلىك مەنبەلەرنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، شۇ ۋاقىتقىچە ئاكا-ئۇكا مۇسابايوف قېرىنداشلار ۋە باشقا مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر ھەر يىلى دېگۈدەك مەكتەپ ئېچىشقا ئىنتىلىپ باققان بولسىمۇ لېكىن ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ مەكتەپلەرنىڭ بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا تاقىلىپ قالغانلىقىنى بىلىمىز. بۇنى ئاز دېگەندەك تاتارىستاندىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئېغىر بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بىر نەچچە ئاي دەرس ئۆتۈپلا يۇرتىغا قايتىپ كېتىدىغان ئىشلار داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرغان. بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «ۋاقىت» گېزىتىدە مەخسۇس ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرمۇ ئانچە نەتىجە بەرمىگەن.
-1908يىلىغا كەلگەندىلا ئەھۋالدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفلار كۆلىمۇ چوڭراق بىر «ئۇسۇلى جەدىد» مەكتىپى ئېچىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. بۇ خۇشخەۋەر «ۋاقىت» گېزىتىنىڭ 1908-يىللىق 1-ماي سانىدا ئېلان قىلىنغان. ئارقىدىن 14-ماي كۈنىدىكى سانىدا تەكرار بېسىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «شۈكۈرلەر بولسۇن! بۇ يىللاردا مۇسابايوفلار›ئۇسۇلى جەدىد‹مەكتىپى ئېچىپ، ماھىر مۇئەللىملەر كەلتۈردىلەر؛ بالىلارنى نىزام ۋە تەرتىپ بىلەن ئوقۇتۇشقا باشلىدىلار؛ شاگىرتلار ئارىسىدا چىرايلىق يازىدىغانلار ۋە توغرا قۇرئان ئوقۇغۇچىلار يېتىشىشكە باشلىدى. موللىلارغا ۋە باشقىلارغا ئىبرەت بولسۇن!»
بىز بۇ خۇشخەۋەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن مەسۇم ئەپەندىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋاقتىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلساق، ئۇنىڭ 1907-يىلى 7-ئايدىن ئىستانبۇلدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن غۇلجاغا قايتقانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز.
قىسقىسى، مۇھەممەد مەسۇم ئەپەندى، 19-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفلارنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان تۇنجى ئۇسۇلى جەدىد مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى بولغان؛ 1900-يىلى قىرىمغا بېرىپ جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى ئىسمائىل غاسپىرالى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇ يەردىكى ئۇسۇلى-جەدىد مەكتىپىدە تەھسىل ئالغان؛ 1902-يىلىدىن كېيىن ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلدا مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپ تەربىيەسى ئالغان تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر مائارىپچىسىدۇر. ئۇنىڭ قولىدا ئۇسۇلى جەدىد مېتۇدى بىلەن تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار يەنىمۇ چوڭقۇر بىلىم ئېلىش ئۈچۈن، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلغا ئەۋەتىلگەن، كېيىنچە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ تايانچ كۈچلىرىگە ئايلانغان ئىدى.
***بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ