2014-يىلدىن بېرى تايلاند مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كېرىيەلىك ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن 41 ياشلىق مەتتوختى مەتقۇرباننىڭ ئۆتكەن ھەپتە ۋاپات بولۇشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. نۆۋەتتە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تايلاند ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تۈرمە شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنى تېزدىن مۇۋاپىق بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.
بەزى تاراتقۇلاردا مەتتوختى مەتتۇرسۇن، دېگەن ئىسىم بىلەنمۇ ئاتالغان مەتتوختى مەتقۇربان، يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە تايلاند تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان 2-كىشىدۇر. بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئاۋۋال ئۇنىڭ بىلەن تايلاند پايتەختى باڭكوكتىكى ئوخشاش بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە يېتىۋاتقان ئابدۇلئەزىز ئابدۇللا ئىسىملىك 40-50-ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر مۇساپىرىمۇ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانىدى.
ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ 2011-يىلدىن كېيىنكى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق چەتئەلگە قېچىش دولقۇنىدا تايلاندقا قېچىپ چىققان مەتتوختىنىڭ 2014-يىلى 3-ئايدىن بېرى تايلاند مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە قامىلىپ، يېقىنقى 9 يىللىق ھاياتىنى بۇ مەركەزدە ئۆتكۈزگەنلىكى مەلۇم. ئىلگىرى ئۇلار بىلەن ئوخشاش بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە ياتقان ۋە تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا ئىزچىل ئالاقىلىشىپ تۇرغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرى ئەلىجاننىڭ 25-ئاپرېل رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەتتوختىنىڭ ئاشقازان كېسىلى ئېغىرلىشىپ، 22-ئاپرېل كۈنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن بىر كۈن كېيىن يەنى 23-ئاپرېل ۋاپات بولغان.
لېكىن تايلاند ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر مەتتوختىنىڭ ۋاپات بولۇش سەۋەبىگە چۈشەنچە بېرىپ باقمىدى. دائىرىلەر ئىلگىرى ئابدۇلئەزىز ئابدۇللا ۋاپات بولغاندىمۇ ئۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ باقمىغانىدى.
ئەلىجاننىڭ قەيت قىلىشىچە، مەتتوختىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەنگە خېلى بولغان، شۇنداقلا كۆپ قېتىم داۋالىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ كارى بولمىغان. ئەلىجان، تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى بىمارلار بەك ئاغرىپ كەتسە، پەقەت ئۇخلىتىش دورىسى بېرىش بىلەن بولدى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز 25-ئاپرېل تايلاندتنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا ئېلخەت يېزىپ، ئۇلاردىن مەتتوختىنىڭ ۋاپاتىغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى.
تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىشىغا يېقىندىن ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «خەلقلەرنى كۈچەيتىش تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇلى چالىدا تاجارۇنسوكنىڭ ئېيتىشىچە، باڭكوكتىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ھەقىقەتەن ئەندىشە قىلارلىق ئىكەن. ئۇ، 25-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قايتىپ كېلىپلا ۋاپات بولغان. كونكرېت قانداق ۋاپات بولغانلىقىنى بىلمىدىم. بىراق ئۇ ئىككى كۈن ئاۋۋال ۋاپات بولغان. ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قايتىپ كەلگەندە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ قانداق كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم. لېكىن دائىرىلەر ئۇنىڭ كېسىلىدىن خەۋەردار. ھازىر ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان كامېرلارغا بۆلۈۋېتىلگەچكە بىر-بىرىنىڭ ئەھۋالىدىن بەك خەۋىرى يوق. مەن ئالاقە قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر بار ئىدى، لېكىن ئۇ ئايرىم كامېرىدا ياتقاچقا ئۇمۇ نېمە بولغانلىقىنى بىلمەپتۇ».
چالىدا تاجارۇنسوكنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن نۇرغۇن كىشى كېسەل بولۇپ كەتكەن، شۇ جايدىكى بىر مۇسۇلمان تەشكىلاتى دوختۇر ئەۋەتىپ بىمارلارنى داۋالاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، دائىرىلەر رۇخسەت بەرمىگەن. چالىدا تاجارۇنسوك: «مېنىڭچە نۇرغۇن ئۇيغۇر كېسەل بولۇپ كەتتى. بىراق بىز قايسىسىنىڭ كېسەل بولغانلىقىنى بىلمەيمىز. شۇنداقلا قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنىمۇ بىلمىدۇق. چۈنكى ئىسلام تەشكىلاتى دوختۇر ئەۋەتىپ داۋالاشنى ۋە مۇساپىرلارغا قارىتا سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى رۇخسەت قىلمىغان» دېدى.
نۆۋەتتە، تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىدىكى سۇئانفلۇ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى قاتارلىق جايلاردا 45 تىن 50 قەدەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. مەتتوختى تايلاند تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە 2018-يىلىدىن بېرى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلاردىن 5-كىشىدۇر. بۇلارنىڭ ئىككىسى كىچىك بالا بولۇپ، ئۇلاردىن 2014-يىلى ئۆپكە ياللۇغىدا ۋاپات بولغان بىرى تېخى 3 ياشلىق بىر نارەسىدە ئىدى.
مەتتوختىنىڭ ۋاپاتى «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» دىمۇ تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتكەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ ئېيتىشىچە، تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل ناچار شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا شېرىك بولغانلىق ھېسابلىنىدىكەن.
مايا ۋاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل ناچار شارائىتتا ئۆلۈش ھەقىقەتەن كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېزىدۇ. بۇ، بىز ۋە ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيىتىنى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت›دەپ بېكىتىشىمىزدىن كېيىنكى يەنە بىر ئېغىر ۋەقە. شۇنى ئېيتالايمىزكى، تايلاند ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېغىر جازالاشتا ئۇنىڭغا شېرىك بولماقتا».
مايا ۋاڭ يەنە تايلاند دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىپ، تايلاند تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى بارلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قويۇپ بېرىشى، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىشىغا پۇرسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
مايا ۋاڭ: «تايلاند ئۇلارغا بۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىن قويۇپ بېرىلىپ، سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك. لېكىن ھازىر ئۇلار شارائىتى قورقۇنچلۇق بۇ تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە قاپسىلىپ قالماقتا. بۇ ئورۇنلارنىڭ شارائىتى قورقۇنچلۇق ھەم غەيرىي ئىنسانى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىپ، ئۇلارغا بىر چىقىش يولى بېرىلىشى كېرەك، ئۇلارنى بۇ ئورۇنلاردا زايە بولۇپ كېتىشتىن قۇتقۇزۇش كېرەك». لېكىن تايلاند «خەلقلەرنى كۈچەيتىش تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇلى
چالىدا تاجارۇنسوك، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىسى تايلاندتا ئىنتايىن نازۇك مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىشقا تايلاند دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى داۋالاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
چالىدا تاجارۇنسوك: «ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئالىي مەخپىيەتلىك، يۇقىرى دەرىجىدىكى نازۇك مەسىلە ئىكەن. ئادەتتە تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنى زىيارەت قىلىشنى شۇلار تەستىقلايدۇ. تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى خادىملار بۇنىڭغا قارار بېرەلمەيدۇ. ئەگەر بىرەرى ئۇچۇر ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، قانداق قىلىش، نېمە قىلىشنى خەۋپسىزلىك كومىتېتى قارار قىلىدۇ. ئادەتتە بىزنىڭ زىيارەت قىلىشىمىزغا يول قويمايدۇ. شۇڭا تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئىچىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيمىز» دېدى.
ھالبۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 25-ئاپرىل ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ۋاپات بولغۇچىنى مەتتوختى مەتتۇرسۇن دەپ ئاتىغان بولۇپ، د ئۇ ق ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقى، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغدىيالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ناچار شارائىتىدىن داۋاملىق ئەندىشە قىلىمىز، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈم-يېتىملەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەيمىز» دەپ كۆرسەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەتتوختىنىڭ 3 پەرزەنتى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى بىلەن 3 پەرزەنتى تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2015-يىلى تايلاند تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدىكى 170 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئايال ۋە بالىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەندە تۈركىيەگە كەلگەنىكەن. بىراق ئۇلارنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. بىز ئىز-دېرىكىنى قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېپىلمىدى.
تايلاند ئەينى ۋاقىتتا 170 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئايال ۋە بالىنى تۈركىيەگە يولغا سېلىش بىلەن بىرگە، 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. شۇ قېتىم خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلاردىن 2-قېتىم ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلىنالمىغانىدى.