ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى باياناتچىسى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت (Michelle Bachelet) نىڭ 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتايغا زىيارەتكە بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 19-ماي كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ مۇقىملاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ ب د ت نىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى لۇيىس ئاربور (Louise Arbour) 2005-يىل خىتاينى زىيارەت قىلىپ 17 يىلدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقان زىيارەت ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ زىيارەت ئۆز قەرەلىدە ئېلىپ بېرىلىشقا مۇقىملاشقان بولسىمۇ، زىيارەتنىڭ قانداق ۋە قايسى شەكىلدە بولۇشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئىگىلەش، خەلقئارا جەمئىيەت ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەكشۈرۈش ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلماي كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى تېررورلۇق ۋە رادىكالىزمنى يوقىتىش ئۈچۈن قۇرغان «كەسىپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاپ كەلگەنىدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن 11-ماي كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىشېل باچېلېت باشچىلىقىدىكى 5 كىشىلىك ئۆمەكنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ زىيارەتنىڭ «جىنايەتنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش» خاراكتېرىدە ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى باياناتچىسى ئېلىزابىت تروسسېل (Elizabeth Throssell) نىڭ 19-ماي كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ۋە ئۇنىڭ ئالدىن بارىدىغان ئۆمىكى كوۋىد يۇقۇمى سەۋەبىدىن گۇاڭجۇ بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىن باشقا جايغا بارمايدىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 17-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەت ھەققىدە بىلدۈرگەن بەزى مەلۇماتلىرى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى بىر ھەپتە داۋاملىشىدىكەن، بۇ جەرياندا ئۇ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن، سۆھبەت تېمىسى ئاساسەن دۇنيا ۋە رايون خاراكتېرلىك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ھەقىقىي زىيارەت بولۇشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئەمما يەنىلا زىيارەتتىن كېيىنكى نەتىجىگە قاراش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن بېرى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەنىدى. مىشېل باچېلېت ئىشخانىسى باياناتچىسى بۇ دوكلاتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم قاچان ئېلان قىلىدىغانلىق ئۇچۇرىنىمۇ بەرمىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغىنى ئۈچۈن، مەزكۇر دوكلات تەييارلانغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆرۈشىگە سۇنۇلىدىكەن، خىتاي تەرەپمۇ ئۇنىڭغا كۆز قارىشىنى بىلدۈرىدىكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى سوفى رىچاردسون خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مىشېل باچېلېتنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى بۇ قېتىملىق زىيارەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مىشېل باچېلېت بۇ دوكلاتنى خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇ بۇ دوكلاتنى بۇ قېتىملىق زىيارەتتىن كېيىن ئېلان قىلىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ۋەدە بەرمىدى. ئۇ بۇ قېتىملىق زىيارەتتىن كېيىن ئېلان قىلماقچى بولغان دوكلاتىغا نېمىلەرنى قوشىدۇ، تېخى ئېنىق ئەمەس. لېكىن ئۇنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك، ئەمما بىز ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن ئۇنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە ئاڭلىمىدۇق. بىز ئۇنىڭ بۇ دوكلاتنى بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىۋېتىشىگە مەدەت بەرگەنىدۇق، چۈنكى بۇ دوكلاتتىكى پاكىتلارنى دۇنياغا ئاشكارىلىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردىن، بەلكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن تېخىمۇ كۆپ ئىسپات كۆرسەتكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق. شۇنداقلا مىشېل باچېلېت خانىم بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت ئىسپاتلارنى خىتاينىڭ ئۆزىگە كۆرسىتىپ، بۇ مەسىلىنى ھەقىقىي، ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىشقا تىرىشاتتى».
مىشېل باچېلېت ئىشخانىسى يەنە مىشېل باچېلېت ئۆمىكىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرۇلۇق سوئال سورايدىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن بولغان سۆھبەتتىن ئالغان ئۇچۇرلارنى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا كىرگۈزىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ دوكلاتنى خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سوفى رىچاردسون خانىم «ئەگەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت بۇ دوكلاتنى بۇ قېتىملىق زىيارەتتىن كېيىن ئېلان قىلسا قانداق بولىدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇنى بىلمەيمىز. چۈنكى ئۇ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلامدۇ-قىلمامدۇ، بۇنىمۇ بىلمەيمىز. بىزنىڭ دىققەت نۇقتىمىز، ئۇنىڭ بۇ زىيارەتنى قانداق شەرت، قانداق مەقسەتتە ئېلىپ بارىدىغانلىقى، زىيارەتنىڭ قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ئۇنىڭ نەگەر بارىدىغانلىقى ۋە كىملەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، قانچىلىك ئەركىن بولالايدىغانلىقى مەسىلىسىدۇر. مەنچە، ناھايىتى روشەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق زىيارەتنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋالىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلىگەن نەرسىلەرنى كۆرسەتمەيدۇ ياكى ئاڭلاتمايدۇ».
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ زىيارەتنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئويۇنلارنى ئويناۋاتقانلىقىنى، ئەمما ب د ت كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، ئاخىرقى بايانات ئېلان قىلىنغىچە ئارتۇق ئەندىشە ۋە گۇمان قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.