يېقىنقى مەزگىللەردە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كېلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى بولۇپ، بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ رەسمىي ھالدا مۇقىملاشقانلىقى 20-ماي كۈنى جاكارلاندى. شۇ كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى 23-مايدىن 28-مايغىچە بەش كۈن داۋام قىلىدىغانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ گۇاڭجۇ، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى رەئىسىنىڭ 2005-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق رەسمىي زىيارىتى بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، مىشېل باچېلېت زىيارەت جەريانىدا مەركەز ۋە ئۈرۈمچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن، ھەرقايسى تەشكىلات ۋە شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا بىر تۈركۈم زىيالىيلار بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزمۇنلىرىنىڭ بىر قاتارىدا ئۇ يەنە گۇاڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە بېرىدىكەن. زىيارەتنىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى 28-ماي كۈنى زىيارەت ئۆمىكى ئۆزلىرىنىڭ زىيارىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچىدىكەن. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى زىيارەت ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، بۇنى ئۆزلىرىنىڭ «خەلقئاراغا ئوچۇق دۆلەت» ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرمەكتە ئىكەن. ئەمما بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ تەستىقلىنىشىغىلا نەچچە يىللار كەتكەنلىكى ھەققىدە بولسا بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىنمىغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك «مۇداپىئە چارىلىرى» مۇ تىلغا ئېلىنمىغان. 20-ماي كۈنى ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللارغا قارىتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن «ھازىر ئىككى تەرەپ زىيارەتنىڭ تەپسىلىي ھالقىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ بىر قېتىملىق دوستانە ھەمدە ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئالغا سۈرىدىغان ھەقىقىي زىيارەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن.
ھالبۇكى خەلقئارادا بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئائىت پىكىرلەرنىڭ «تۆكمە» بولغانلىقىغا خېلى بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرنەچچە يىللىق «تەييارلىق» تىن كېيىن بۇ زىيارەتكە رۇخسەت بەرگەنلىكى مەلۇم بولغاندىلا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئەمەس، ئەكسىچە ھەق ۋە ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا پايدىلىق بولىدىغان نەتىجە بىلەن خۇلاسىلىنىشى مۇمكىن» دېگەنىدى. 20-ماي كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ «خىتاي ھۆكۈمىتى مىشېل باچېلېتنىڭ كۆرۈپ قېلىشنى زىنھار خالىمايدىغان ھەرقانداق نەرسە، جۈملىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش دېگەنلەر ئۇنىڭغا نېسىپ بولماسلىقى مۇمكىن. سىزنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىڭىز قەيەردە؟» دەپ يازدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى كېللىي كۇررى (Kelley Currie) خانىم ب د ت نىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىكى «قورال» بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتايغا ئوخشىغان دىكتاتورا ھاكىمىيەتلەرنىڭ ب د ت نى كونترول قىلىۋېلىش ئارقىلىق ئۆز مەقسەدلىرىگە «شوتا» ھازىرلىىشىنى ئەيىبلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەت ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى ۋە ئارزۇسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە، مىشېل باچېلېتنىڭ ئۆزى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە چىلىدىكى سىياسىي تەقىبنىڭ قۇربانلىرى قاتارىدا ئاتا-ئانىسىغا چېتىلىپ سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئوبيېكتى بولغان ئىكەن. كېيىنچە ئۇ ئىككى نۆۋەت چىلىنىڭ پرېزىدېنتى بولغاندىن كېيىن 2018-يىلى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇق قىلمىشى كۆپلەپ پاش بولۇۋاتقان ئەھۋالدا پرېزىدېنتلىق دەۋرى ئاخىرلىشىپ ب د ت غا ئىشقا چۈشكەن ئىكەن. ئەمما ئۇ رەئىسلىك قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ «ئويۇنچۇقى» بولۇپ قېلىشى ئەۋجىگە چىققانلىقتىن ترامپ ھۆكۈمىتى 2018-يىلى ئىيۇندا ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر كېڭەشتىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىكەن.