باچېلېتنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان زىيارىتى ۋە خىتاينىڭ چوتى

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومسسارى مىشېل باچېلېت خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، تور ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ باياناتى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى. مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش سەپىرى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئالدىن كۆپلىگەن خەۋەر ۋە باياناتلار بېرىلگەن ئىدى، يەنە كېلىپ باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىگە سەۋەب بولغىنى يەنىلا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ «تېرورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكى» گە بىر ئاز «گۇمان ۋە ئەندىشە بىلەن قارايدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويغاندەك قىلسىمۇ، ماھىيەتتە ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئەسەبىيلىك» ۋە «تېرورلۇق» بىلەن بولغان ئالاقىسى خىتاينىڭ لاگېرلارنى قۇرۇشىغا ئاساسلىق سەۋەب بولغان دېگەننى ئىما قىلغانىدى. بولۇپمۇ مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا «قەشقەر كوناشەھەر ھۆججەتلىرى» دىن ئىبارەت خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ پولاتتەك دەلىل-ئىسپاتلىرى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما مىشېل باچېلېت يەنىلا خىتاينى ئاقلىدى. ئۇنداقتا، خىتاي مىشېل باچېلېتنىڭ زىيارتىدىن زادى قانداق نەتىجىگە ئېرىشتى؟

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش

نۆۋەتتە خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرەپ-تەرەپتىن ماقالە ۋە باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، مىشېل باچېلېتنىڭ «ئادالەتنى ياقىلىغان» لىقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلماقتا. 29-ماي كۈنى خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە «ئامېرىكا ۋە غەرب مىشېل باچېلېتكە بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينى قارىلىيالمايدۇ!» ناملىق باش ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىنى غەرب ئەللىرىنىڭ تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۇ بۇ قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا خىتايدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى بىتەرەپ ھالدا سەمىمىيلىك بىلەن بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىنىڭ مىشېل باچېلېتنىڭ باياناتىدىن گۇمان قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينى قارىلايدىغان يەنە بىر مۇنچە «يالغان ئىسپاتلارنى ئويدۇرۇپ چىققان» لىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» قاتارلىق بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ يالغانلىقى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۇنياسىنىڭ «خىتايغا تۆھمەت قىلىۋاتقانلىقى»، ئەمما رېئاللىقتا بولسا ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇنى باھانە قىلىپ ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى» نى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە يەنە ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت ئاتالمىش «پولاتتەك ئىسپات» لارنى ياساپ چىقىپ، كىشىلەرنى ئىشەندۈرمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ۋاشىنگىتوننىڭ پۈتكۈل غەرب دۇنياسىغا باش بولۇپ، ئاتالمىش «غايىپلار تىزىملىكى» نى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئاتالمىش «لاگېر شاھىتلىرى» نىڭ ھېكايىلىرىگە ئاساسلىنىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «مەجبۇرىي ئەمگەك» ھەققىدە قورقۇنچلۇق «ساختا ھېكايە» لەرنى توقۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ خىل يالغانچىلىقنىڭ ئاسانلا ئاشكارا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، شىنجاڭغا بېرىپ باققان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى ئەپسانىلىرىنىڭ قىپ-قىزىل بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە يەنە مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى داۋامىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، باچېلېتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان نامراتلىقنى يىلتىزىدىن تۈگىتىش خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى شەرھىيلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاينىڭ تېرورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تېما قىلىنغان چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسىنى كۆرگەنلىكى، ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ، سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، مىشېل باچېلېتنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ نازارەتتىن مۇستەسنا ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

يىغىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر ماقالىدە مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىمىغانلىقىنى تاشقىي دۇنياغا مۇنداق ئىككى نوقتىدىن ئىسپاتلىماقچى بولغان. بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقچى ئىكەنلىكىدىن بولماستىن، بەلكى دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېرورلۇقنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىدىن بولغانمىش؛ يەنە بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تاشقىي دۇنيادا ئېيتىلىۋاتقاندەك قورقۇنچلۇق بولماستىن، بەلكى ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئەركىن، چەكلىمىسىز سۆھبەتلىشىش ئىمكانىنىڭ بارلىقى مىشېل باچېلېتنىڭ مەزكۇر زىيارىتى داۋامىدا دەلىللەنگەنمىش.

دەرۋەقە، مىشېل باچېلېتنىڭ مەزكۇر زىيارتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى يوقۇرىقىدەك خۇلاسىلەش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان. شۇنداقلا مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ غەربنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكىدەك بىر كەڭ كۆلەملىك سىياسىي تەشۋىقاتنى باشلىۋەتكەن.

مۇسۇلمان ۋە تۈرك دۇنياسىدىن غەربكە قارشى پايدىلىنىش

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر ئىسپاتلارنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى بىلەن، پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتى 2019-يىللىرىدىن بۇيان خىتايغا بۇرالغان ئىدى. گەرچە كورونا ۋىرۇسى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئوخشاش دۇنيا خاراكتېرلىق چوڭ ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايدىن بىراقلا ۋىرۇس ۋە ئۇرۇش مەسىلىلىرىگە بۇرالغاندەك قىلسىمۇ، ماھىيەتتە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسى خىتايدىن ئىبارەت دۇنياۋىي ئاپەتنىڭ ۋىرۇس ۋە ئۇرۇشتىنمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېچقاچان ئەستىن چىقارغىنى يوق. چۈنكى «ئاش بەرگەنگە مۇش بېرىدىغان» خىتايدەك رەزىل بىر دۆلەتنىڭ نۆۋىتى كەلسە، دۇنيانى ئۇرۇش ۋە كېسەللىك ۋەھىمىسىدىنمۇ قورقۇنۇچلۇق بالايى-ئاپەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇلار ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتى.

1980-يىللاردا ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، غەرب دۇنياسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغان خىتاي، تاكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى دۇنياغا ئاشكارا بولغانغا قەدەر، دۇنيا جامائىتى ئارىسىدا «پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بۈيۈك بىر دۆلەت» دېگەن ئوبرازنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈپ بولغانىدى. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى»، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى، «يەر شارى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» ئىدىيەسى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئاتالمىش «ئۇلۇغۋار پىلان» لارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇشى، خەلقئارانى خىتاينىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىدەك ھەقىقەتكە ئىشەندۈرۈپمۇ قويغانىدى. ھالبۇكى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتايدىن ئىبارەت بۇ «ئىستىقباللىق شەرق دۆلىتى» دە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دۇنيانىڭ خىتايغا بولغان قارىشىدا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش ياسىدى. يەنى خىتاي بىلەن غەرب ئارىسىدىكى بۈگۈنكى توقۇنۇشنى دەل ئىككىنچى قېتىملىق «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نىڭ باشلىنىشى دەپ قاراش تامامەن مۇمكىن. چۈنكى خىتاي بىلەن ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسى ئارىسىدىكى بۈگۈنكى زىددىيەت، تارىختىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكىگە ئوخشاشلا ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. خىتايمۇ دەل بۇ نوقتىنى ئېنىق چۈشەنگىنى ئۈچۈن، مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىغا قارشى قوللىنىشتا قىلچە بوشىشىپ قالمىدى. تېخى يېقىندىلا پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىدا تونۇلغان ئىسلام ئالىمى، پەيلاسوپ شەيخ ئىمران ھۈسەيىننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلىگەن سەپسەتىلىرى كەڭ تارقىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. شەيخ ئىمران ھۈسەيىن گەرچە تونۇلغان ئىسلام ئالىمى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىغا بولغان قاراشلىرى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوققا چىقىرىش تەشۋىقاتلىرىغا ھەمدەمدە بولغانىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار نۆۋەتتە ھەقىقەتەنمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. چۈنكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقى دۇنياغا تونۇلغاندىن بۇيان، مۇسۇلمان ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىدا چېكىنىش تۇرماق، ئەكسىيە ئىلگىرلەش كۆپ بولدى. مۇسۇلمانلار دۇنياسى «ئامېرىكا دۈشمەنلىكى» كەلتۈرۈپ چىقارغان تارىخىي ۋە سىياسىي تۈگۈنلەر تۈپەيلىدىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئامېرىكانىڭ ئويۇنى» دېگەندەك بىر ئورتاق تونۇشتا تېڭىرقاپ تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ خىتاينى خەۋپ دەپ قارىماستىن، ئەكسىچە خىتايغا ھېسسىداشلىق قىلىشى، ھەتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە خىتاينى بىردەك قوللىشى، بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.

ناۋادا يېرىم ئەسىرىدىن كۆپرەك داۋام قىلغان ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى، بۈگۈن خىتاي سەۋەبلىك قايتا يۈز بەرگىنىدە، بۇ ئۇرۇشتا بەدەل تۆلەيدىغانلار بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا يەنىلا مۇسۇلمانلار دۇنياسى بولىدۇ. ئەگەر پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسى بۇ غەپلەت ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىنىڭ تەرىپىدە تۇرمىسا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا جامائىتىنىڭ ئارلىشىشى بىلەن توختىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكىنى قۇتقۇزۇش ئىشى مۆلچەرلەش قىيىن بولغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.