ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىككى كۈنلۈك «تەكشۈرۈپ باھالاش زىيارىتى» مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان. چۈنكى بۇ زىيارەتنىڭ خاراكتېرى ئالىبۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مىشېل باچېلېتنىڭ كېلىشىمى بويىچە بېكىتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز جىنايىتىنى ئومۇمىييۈزلۈك ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.
مىشېل باچېلېت بۇ زىيارەتنىڭ «تەكشۈرۈش» ئەمەسلىكىنى تاكى بۇ زىيارەتنى باشلىغىچە يوشۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي بىلەن بۇ جەھەتتە ئالىقاچان مۇرەسسەلىشىپ بولغانلىقى زىيارەتتىن كېيىن ئايدىڭلاشقان. ئۇ 28-ماي كۈنى بەرگەن باياناتىدا «بۇ قېتىملىق زىيارەت تەكشۈرۈش ئەمەس. يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملارنىڭ رەسمىي زىيارىتى ئالىي دەرىجىلىك بولىدۇ، ئۇنداق تەپسىلىي، سىستېمىلىق، ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش قىيىن بولىدۇ. بۇ زىيارەتتە خىتاينىڭ تەجرىبىلىك رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتى بولدى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىر-بىرىمىزنىڭ گېپىنى ئاڭلىدۇق، كەلگۈسىدە خىتاينىڭ خەلقئارادا بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھوقۇق بۇرچىنى ئادا قىلىشىنى قوللايدىغان بولدۇق،» دېگەن.
ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن خەۋەرلەردە مەلۇم بولغىنىدەك، مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. گەرچە ئۇ خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق بىر ئورگاننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش ۋەكىلى بولسىمۇ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىق بارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىغان.
جەيمېس مىلۋارد ئەپەندى مىشېل باچېلېتنىڭ زىيارىتى ۋە بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئەڭ باشتا دەيدىغىنىم، بۇ ھەرگىز تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت ئەمەس. مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى پەقەت ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىزمەت فونكىسىيەسىنىڭ بىر قىسمى. كىشىنى ئەڭ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتى بەئەينى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تۈزۈۋالغان تەشۋىقات ماتېرىيالىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتىنىڭ مۇھىم تەشۋىقات نۇقتىلىرى بار. ب د ت نىڭ بۇ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلمىدى، بەلكى خىتاينىڭ زۇۋانىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈشى مۇمكىن، مۇمكىن دېيىشىمدىكى سەۋەب، بىز يەنىلا ئۇنىڭ ھېلىقى دوكلاتنى ئېلان قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. بەلكىم بۇ دوكلات ئۇنىڭ قىسقىچە باياناتىغا قارىغاندا، خەلقئارادىكى ئورتاق تونۇشقا يېقىنراق كېلىشى مۇمكىن».
مىشېل باچېلېت بۇ زىيارەتتىن كېيىن قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، جايلاردىكى خىتاي باشلىقلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا قەشقەردىكى ئاتالمىش تۈرمە ۋە «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» نى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، تەتقىقاتچىلار، دىنىي زاتلار بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئاتالمىش «رادىكاللىق، تېررورلۇق» قا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتى ئۆتكۈزمەسلىك، گۇناھكارلارنى مۇستەقىل نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش، قانۇنىي تەرتىپ ۋە ئىجرائاتىنى ئاممىغا ئاشكارىلاش قاتارلىقلارنى تەۋسىيە قىلغان.
ئەمەلىيەتتە مىشېل باچېلېت ئۆزىنىڭ بۇ باياناتىدىمۇ خىتاينىڭ تېررورلۇقنى ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىمىز دەپ قۇرغان ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئومۇميۈزلۈك باھا بېرىشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى ھەمدە خىتاي ئالىقاچان بىكار قىلدۇق دەپ يالغان ئېيتقان شۇ «مەكتەپلەر» نى قايتا تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
جەيمېس مىلۋارد ئەپەندى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئۆمىكىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىنىڭ خۇددى ب د ت غا قاراشلىق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋۇخەندىكى زىيارىتىگە ئوخشاشلا مەغلۇب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كىشىلەر بىر چاغدا خىتاينى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ باياناتىنى بەلگىلەپ بەردى دەپ قارىغانىدى. بۇ ئەھۋال مىشېل باچېلېتنىڭ باياناتىدىمۇ كۆرۈلدى. ئۇمۇ خىتاينى كۆرۈپلا يېنىپ كەلدى. سەھىيە تەشكىلاتىدىكىلەر ۋىرۇسنى يوق دېمىگەنىدى، ئەمما مىشېل باچىلېت ئۆزىنىڭ باياناتىدا خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يوقتەك مۈجمەل گەپ قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر رايونىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىككە مەلۇم. بۇ ئىشلارنى خەلقئارادىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، مەسىلەن، ئۇيغۇر سوتى ۋە باشقا كۆپلىگەن تاراتقۇلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يەكۈن چىقىرىپ بولغان. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەتقىقاتچى ئالىملارمۇ بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ ئورتاق تونۇشقا كېلىپ بولغان».
«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز «ئەلجەزىرە» قانىلىنىڭ زىيارىتىدە قىلغان سۆزىدە بۇ يېڭى ئىسپاتلار دەلىللىگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن يۈز بەرگەن كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ئاتالمىش كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ نامراتلىق ياكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، بەلكى بۇنىڭ قىيىن-قىستاققا تولغان لاگېرلاردىكى مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ ئىسپاتلاردىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلىش ھەم ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئۈچۈن تۈزگەن ئومۇمىي پىلانى ۋە ۋەھشىي ئىجرائاتلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى پولاتتەك پاكىتلار دۇنياغا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاۋاتقان ئەھۋالدا، مىشال باچېلېتنىڭ پەقەت 2 كۈن ئىچىدە خىتاي ھازىرلاپ بەرگەن سەھنىلەرنى كۆرۈپ، خىتاي تاللاپ بەرگەن شەخسلەرنىڭ يالغان-ياۋداقلىرىنى ئاڭلاپ يېنىپ كېلىشى ۋە ئۇنىڭدىن خىتايغا پايدىلىق يەكۈن چىقىرىشى، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتىكى نوپۇزىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىكەن.
شان روبېرتىس ئەپەندى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ب د ت نىڭ ئۆز رولىنى يوقاتقانلىقىنى ۋە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىش دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىدىغان ب د ت دەك بىر ئورگاننىڭ ئابرۇي-ئىناۋىتىگە زور زىيان يەتكۈزدى. مەنچە ب د ت بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خىتايدىن ھېساب ئالالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئاساسىي جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە تايىنىپ قالغان. مەن ھازىر ب د ت نى كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىدىغان كۈچلۈك ئورگان دەپ قاراشتىن ئاساسەن ۋاز كەچتىم. خەلقئارا جەمئىيەتنى دېسەك، بۇنىڭدىمۇ خىتاي ئويۇننىڭ ئەڭ يامىنىنى ئويناۋاتىدۇ. رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلدى، ب د ت بۇنىڭدىنمۇ ھېساب ئالالمايدۇ. ھەتتا ئامېرىكامۇ ب د ت خەپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىي ئەزالىرى بولغان خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ قىلمىشلىرىدىن، جۈملىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىدىن ھېساب ئالالمايدۇ ».
مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىكەن. فوكس خەۋەرلىرى تورىنىڭ 2-ئىيۇن كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرغان سابىق ئەلچىسى نىككى خالىي (Nikki Haley) مىشېل باچېلېتنىڭ زىيارىتىنى «خىتاينى تەشۋىق قىلىش سەپىرى» دەپ ئاتىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى ئەيبلىگەن، ئاندىن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇنى ئىشتىن قوغلىشى كېرەك ياكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ب د ت نى ئىقتىسادىي جەھەتتە يۆلەشنى توختىتىشى كېرەك» دېگەن.