مىشېل باچېلېت نېمە ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ۋەزىپە ئۆتەشنى خالىمىدى؟

0:00 / 0:00

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 13-ئىيۇن جەنۋەدە چاقىرىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلغان مىشېل باچېلېت، ئۆزىنىڭ ئاخىرىقى قېتىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئەمدى قايتا ۋەزىپە ئېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى شەخسىي تۇرمۇشىغا باغلىغان بولۇپ، ئېلان قىلىنمىغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلات ياكى 5-ئايدىكى خىتاي زىيارىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان.

بىراق مەتبۇئاتلار گويا مىشېل باچېلېتنىڭ مۇشۇ «شەخسىي قارارى» نى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا، بۇنى «ھەيران قالارلىق خەۋەر» دەپ ئاتاپ، 13-ئىيۇن ئۆز سەھىپىلىرىدە بۇ ھەقتە بەس-بەستە مەلۇماتلار ئېلان قىلدى. ئەسلىدە ھەيران قالارلىقى مىشېل باچېلېتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپە ئېلىشنى خالىماسلىق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە چېتىلغان مىشېل باچېلېتقا بولغان دىققەت-ئىتىبارىنىڭ يۈكسەكلىكى بولسا كېرەك.

گېرمانىيەدىكى ARD تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، چىلىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 70 يېشىدا خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنى تەكشۈرىمەن خىتايغا دەپ بېرىپ، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ، بۇ جىنايەتنىڭ باش جاۋابكارى بولغان شى جىنپىڭ بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ قايتىپ كەلگەن. «ئەينەك» ژۇرنىلىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى ئاپەت خاراكتېرلىك ھادىسە بولغان. ئۇ بېيجىڭدا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا قورال بولۇپ بەرگەن. «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» نىڭ تەكىتلىشىچە، مىشېل باچېلېت خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا زۇۋان سۈرمەيلا قالماي، خىتاينىڭ قۇلىقىغا خۇش ياقىدىغان ئىبارىلەرنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن. «زامان» گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى چوڭ بىر خاتالىق بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھازىرلانغان دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىقىمۇ زور خاتالىق ھېسابلىنىدىكەن.

گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مىشېل باچېلېت توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەرلەردە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى، نۇرغۇنلىغان مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ بۇنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق مىشېل باچېلېتنىڭ قايتا ۋەزىپە ئالماسلىقىدىكى ھەقىقىي سەۋەب ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

ئۇ ھالدا، مىشېل باچېلېت نېمە ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ۋەزىپە ئۆتەشنى خالىمايدۇ؟

ھازىر تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى رۇشەن ئابباس خانىم بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە، ئالدى بىلەن ھەپتىلەردىن بۇيان يۈزلىگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان مىشېل باچېلېتنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىش سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئېلىپ كەلگەن بېسىملارىنىڭ ئۆز رولىنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، مىشېل باچېلېتنىڭ 5-ئايدىكى خىتاي زىيارىتى سەۋەبلىك ب د ت نىڭ ئوبرازىغا ئېغىر داغ چۈشۈرگەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ب د ت نى خىتاي كەبى مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ قونچىغا ئايلىنىپ قالغاندەك كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن ب د ت نىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى خالىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ھەم ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، ھازىرقىدەك بېسىم ۋە ناچار شارائىت ئاستىدا مىشېل باچېلېتنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىشىنىڭ قېيىنغا توختايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىشېل باچېلېت خىتاي زىيارىتىدە ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي ب د ت دىن پۈتۈن دۇيانى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ۋە ئۆزىگە نىسبەتەن كىشىلەردە كۈچلۈك نەپرەت پەيدا قىلغان. بۇنداق بىر ئايال ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە توغرىسىدا زۇۋان سۈرۈش ئەمەس، بەلكى دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى لازىم ئىكەن.

مەتبۇئاتلار مىشېل باچېلېتقا دائىر خەۋەرلەردە، ئۇنىڭ 5-ئايدىكى خىتاي زىيارىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ بۇرمىلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ قامال ۋە تەقىپلىرى سەۋەبلىك «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لەرنى تەكشۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى بايان قىلغاندا، خىتاي ۋە رۇسىيەدىن ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۈشمىنى بولغان ئىككى مۇستەبىت دۆلەتنىڭ ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئورنى توغرىسىدا قايتىدىن جىددىي ئويلىشىشنى تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتمىغان.