دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 26-فېۋرال ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خىتاي تورداشلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۇجۇمى خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نى ئالغا سۈرۈش پىلانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ قەلەمگە ئالغان ماقالىدا، خىتاينىڭ «جياڭنەن ئاستانە خەۋەرلەر گېزىتى» تورىنىڭ پىكىر مۇنبىرىدە قوزغالغان گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمى ھەققىدىكى مۇنازىرە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە قەيت قىلىشىچە، مەزكۇر مۇنبەردىكى مۇنازىرىدە ئۇيغۇرلار كەمسىتىش، تەھدىت ۋە ھاقارەت نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان.
ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى چەكلىمە «مىللەتلەر ئىناقلىقى»نى قوغداشتىكى تەدبىر، دەپ قارىسىمۇ، بىراق بۇ تەدبىرنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋالنى خىتاي تورداشلىرىنىڭ پەرقلىق ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ ناھايىتى چەكلىك بولۇشى، پەقەت خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ئۇچۇرلىرىغا تايىنىپ قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەركىزى فىرانسىيەدىكى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار دىرېكتورى بېنجامىن ئىسمائىل (بەنجامىن ئىسماىل)مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر چەتئەل ئاخباراتى چەكلەنسە، خىتاي ئاخباراتى دائىرىلەر تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنسا، بۇ ئەلۋەتتە خىتاي تورداشلىرىنىڭ مىللەتچىلىك تەشۋىق قىلىنغان ئۇچۇرلار، بىر تەرەپلىمىلىك تەرەپدار ئۇچۇرلار ۋە ھەتتا تەشۋىقات خاراكتېرلىك خاتا ئۇچۇرلار ئاساسلىقى مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار (ئۇيغۇر) ۋەزىيىتىگە باھا بەرگەندە ئۇلار بۇنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇر مەنبەسى قىلىدۇ».
بېنجامىن ئىسمائىلنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا پەرقلىق پىكىر ئېقىملىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن رايوندىكى خىتايلارغا مىللەتچىلىك تۇيغۇسىنى سىڭدۈرۈپ كەلگەن.
بېنجامىن ئىسمائىل مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيىسى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆز پۇقرالىرىدىكى نارازىلىق ۋە مىللەتچىلىك تۇيغۇلىرىنى كۈچەيتىپ كەلدى. بۇ ئارقىلىق ھېچ بولمىسا كۆپ خىللىقنى، كۆپ خىل پىكىر ئېقىملىرىنى ۋە رېئاللىققا بولغان كۆپ خىل چۈشەنچىلەرنى توسۇپ كەلدى. ژۇرنالىستلارنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتكە دائىر ئۆز چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ھۆكۈمەت كونترولىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى رايوندىكى ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلغاندا ئۇ چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي سىزىقىنى بويلاپ مېڭىشى، يەنى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل ئورگانلىرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن سىياسىي لىنىيىدە مېڭىشى كېرەك».
بۇ يىل 14-فېۋرال خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدا 3 نەپەر ھۇجۇمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 ئادەم ئۆلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەنى دەرھال خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، بىراق ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىشىلەرنىڭ توردا بۇ ۋەقەنى مۇنازىرە قىلىشىنى چەكلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتايدا پەقەت «جياڭنەن ئاستانە خەۋەرلەر گېزىتى» لا ئۆزىنىڭ تورىنى كىشىلەرنىڭ پىكىر يېزىشىغا ۋە ۋەقەنى مۇنازىرە قىلىشىغا ئېچىپ بەرگەن.
بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇر -خىتاي مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ كونترولدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.
ئامېرىكا خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور خەن ليەنچاۋ: «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ خىل ۋەقەلەرنى كەڭ خەۋەر قىلىپ، خىتاي-ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىۋېتىشىدىن، ۋەزىيەتنىڭ كونترولدىن چىقىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. مېنىڭچە كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇ بۇ خىل ۋەقەلەرنى خۇپىيانە بىر تەرەپ قىلىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يوغانتماسلىققا ئۇرۇنۇپ كەلدى. مېنىڭچە ئۇلار بۇ ۋەقەلەرنى خىتاي-ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىگە ئايلىنىپ، ئومۇمىي يۈزلۈك بىر ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن قورقتى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى كونترول قىلىشتىمۇ مۇشۇنى ئويلاشقان، دەپ قارايمەن»، دېدى.
خەن ليەنچاۋنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ۋەقەلەرگە دائىر ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، ئەگەر بۇنداق ۋەقەلەر خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بولسا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ زوراۋانلىق ھۇجۇمىنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدە قانۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىكەن.
بىراق دوكتور خەن ليەنچاۋ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نى قوغداشنى باھانە قىلىپ، ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى كۈتكەن نەتىجە بەرمەيۋاتقانلىقى، بەلكى بۇنىڭ زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ليەنچاۋ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بۇ قاراش توغرا. چۈنكى، ئۇ بۇ ۋەقەلەرنى تاللاپ خەۋەر قىلىپ كەلدى. ئۇ، بۇ ۋەقەلەر نېمىشقا يۈز بېرىدۇ، ئۇلار نېمىشقا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى بۇ كىشىلەر نېمىشقا بۇ تەۋەككۈلچىلىكنى قىلىدۇ، دېگەن سوئاللارنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى مۈجىمەللەشتۈرۈپ كەلدى. ئۇلار بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق نۇقتىلىرىنى تاللاپ بېرىپ كەلدى. نەتىجىدە بۇ،مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھاجەتسىز بەزى كەيپىياتلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدى. ئارقىدىنلا پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىش، دېگەندەك ئىنتايىن خاتا رادىكال سۆزلەرنىڭ يېزىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.، بۇ (خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ) ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى كونترول قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر ئاقىۋەت. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تاللاپ خەۋەر قىلىپ جامائەت پىكرىنى يېتەكلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ، ئۇ ئويلىغان نەتىجە بەرمىدى.
چۈنكى، سۆز ئەركىنلىكى بولمىغان، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان بىر دۆلەتتە، خەلق ئاممىسىنى ناھايىتى ئاسان قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى باشقا بىر خىل رادىكاللىققا يېتەكلىگىلى بولىدۇ».
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تورىدىكى ماقالىدا قەيت قىلىشىچە، «جياڭنەن ئاستانە خەۋەرلەر گېزىتى» تورىدىكى مۇنبەرگە پىكىر يازغان تورداشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم خەتەرلىك، ھاقارەت خاراكتېرلىك، ئىسلام بىلەن تېررورلۇق ئوخشاش، دەيدىغان پىكىرلەرنى قالدۇرغان.
بەزىلەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يان بېسىش، مۇسۇلمانلارنى ناھەق قوغداش بىلەن تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارنى كوللېكتىپ جازالاشنى، «تېررورچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنى قوشۇپ ئۆلتۈرۈش»نى، «پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى بىردەك قىرىپ تاشلاش»نى، پۈتۈن مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان.