ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتلىرى ئەمدى كارغا كەلمەيدۇ

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملار ئېغىرلاۋاتقان بىر پەيتتە، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ خىتايدىكى كونا تەشۋىقات تېمىلىرىدىن بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقى مەسىلىسىنى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ھەرقايسى ساھە كىشىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرى ۋە زىيالىيلىرى پىكىر بايان قىلىپ، ئۆزىگە خاس قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بۇنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈرلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 28 -مارتتىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى» نىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرىلىتىپ ئۇنى بۇ يىلدىن باشلاپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى» غا ئۆزگەرتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ بۇندىن كېيىن ھەر ساھە كىشىلىرى ئۈچۈن يېڭى بىر خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئۆلچىمى بولۇپ قالىدىغانلىقىمۇ مۆلچەرلەنمەكتە. نۆۋەتتە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقات خىزمەتلىرىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردا تىكلەپ چىققان «يەرلىك ئۈلگە» لەرنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەر بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.

يەرلىك دائىرىلەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتى ئۈچۈن تىكلەپ چىققان ئۈلگىلىك شەخس، 73 ياشلىق دېھقان مۇھەممەت قاسىمنىڭ كەچۈرمىشى ۋە ھازىرقى نامرات ھالىتى رادىيومىز ئارقىلىق جامائەتچىلىككە مەلۇم بولغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە دىنىي زاتلار بۇ مەسىلە ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقات ئۇسۇلىنى يېڭىۋاشتىن كۈچەيتكەنلىكى ھەققىدە ئامېرىكىدىكى تونۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆتكەنكى ئاتمىش يىلدا كۆپ تەكرارلانغان كونا ماۋزۇ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھازىرمۇ دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش ئۈمىدىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ۋاقىتتا يەرلىك دائىرىلەر تىكلەپ چىققان ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ئۈلگىلىرى ئەمەلىيەتتە 1960-يىللاردىكى «قۇربان تۇلۇم ئوبرازى» دىن پەرق قىلمايدىكەن.

ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇرۇشلۇق جامائەت ئەربابلىرىدىن ئەھمەد مۆمىن ھاجى ئۆزىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا بۇنى يەرلىك دائىرىلەر قوللىنىپ كەلگەن «كونا نەيرەڭلەردىن» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ خىتايدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ قىسمەن ئۈنۈمى سۈپىتىدە بۇ خىلدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرى» نىڭ چىقىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ھازىرقى مەۋجۇت سىياسىي ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا «ئىتتىپاقلىق» نىڭ ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى دوكتور ئالىمجان بوغدا خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىگە شاھىت بولغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، تاشقى دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت زۇلۇمى ئاز-تولا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ تاشقى دۇنيانى ئالداش ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلىرى ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن بولغاچقا يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە بۇ بىر ئاقماس تەشۋىقات نەيرىڭى ھېسابلىنىدىكەن.

ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى زور داغدۇغا بىلەن باشلانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا بەلگىلىك مىقداردا مالىيە ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.