خۇ ياۋباڭنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولدى؟ (2)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2015.02.04
xu-yawbang.jpg خۇ ياۋباڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلار بىلەن. 1985-يىل ئىيۇل.
RFA/Azad Qasim

خىتاي ۋە چەتئەلدىكى سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ مۇلاھىزىلىرىدە خۇ ياۋباڭ كومپارتىيە تارىخىدىكى بىر قەدەر دېموكراتىيىگە مايىل بولغان رەھبەر دەپ قارىلىدۇ.

خىتايدىكى ئۆكتىچى زىيالىيلاردىن لى يۈنفېى «بۈگۈنكى خىتاي» تورىدا ئېلان قىلغان «خۇ ياۋباڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلى سىياسىتى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ:
«خۇ ياۋباڭ 1984-يىلقى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلى خىزمەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ‹سىلەر ئاپتونومىيىلىك رايونلاردا سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن، كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ ئاجىزلىشىپ قېلىشىدىن، دىنىي كەيپىياتنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىدىن ھەمدە ئاخىرىغا بېرىپ چوڭ مالىمانچىلىق چىقىشىدىن ئەنسىرەۋاتىسىلەر. بىزنىڭ خىتاي كادىرلىرىمىز باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلمىسە، ھەتتا باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى دەسسىتىشكە ئۇرۇنسا چوقۇم مالىمانچىلىق يۈز بېرىدۇ. چۈنكى تۇرمۇشنىڭ لوگىكىسى شۇنداق بولىدۇ، ئۆزۈڭنىڭ بولمىغان نەرسىنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىۋېلىشقا ھەر قانچە ئۇرۇنساڭمۇ ئۇ ھامان ساڭا مەنسۇپ بولمايدۇ. شۇڭلاشقا مەركىزى ھۆكۈمەت ئاپتونوم رايونلارنى كەم بولغاندىمۇ ئىككى يىلغىچە باجدىن كەچۈرۈم قىلىشى، ئاپتونوم رايونلارنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى شۇ ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە زۆرۈر دەپ قارالغانلىرىدىن باشقا بارلىق خىتاي مىللىتىدىن بولغان كادىرلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قايتۇرۇلۇشى لازىم› دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ھالبۇكى، خۇ ياۋباڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان مىللىي ئاپتونومىيىلىك رايونلار ھەققىدىكى بۇ تەشەببۇسلىرى ئەينى چاغدا دىڭ شاۋپىڭ ۋە ۋاڭ جىنغا ئوخشاش مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيىسى قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بىر قىسىم كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.»

1987-يىلى خۇ ياۋباڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ۋە 1989-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن خىتاي جەمئىيىتىدە بارلىققا كەلگەن سىياسىي جانلىنىش ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىر قەدەر ئالقىشىغا ئېرىشكەن مىللىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك دەۋرى ئاياغلاشتى.

ئارىدىن 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە جىددىيلىشىۋاتقانلىقىغا پۈتۈن دۇنيا گۇۋاھچى بولۇۋاتىدۇ. گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سەرخىللىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھاكىمىيەتنىڭ بۇ تەدبىرلىرى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قارشىلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ.

ماقالە ئاپتورى خۇ ياۋباڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خۇ ياۋباڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلى سىياسىتىنىڭ يوققا چىقىرىلىشى ھەمدە قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش تەدبىرلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدا شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى قايتىدىن ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن؛ شەرقى تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، شەرقى تۈركىستاننىڭ نوپۇس نىسبىتىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان كۆچمەن يۆتكەشنى توختىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىش، خىتايلاشتۇرۇش ھەمدە مەجبۇرىي يوسۇندا خىتاي تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى توختىتىش.

ھالبۇكى، بۇ تەلەپلەر خەلقئارا بەلگىلىمىلەرگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغان شۇنداقلا چەتئەللەردىكى كۆپلىگەن ئاپتونومىيىلىك رايونلاردا ئاللىقاچان ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن تەلەپلەر بولسىمۇ،بىراق خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلەپلىرىگە قانلىق باستۇرۇش بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

گەرچە تارىخنى ئارقىغا قايتۇرۇش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەگەر 80-يىللاردا خۇ ياۋباڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلى سىياسىتى ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولسا شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقى تەلەپلىرى قانائەتلەندۈرۈلگەن بولسا، بۈگۈنكىدەك قانلىق توقۇنۇشلار يەنە يۈز بېرەتتىمۇ دېگەن سوئالنى قويماي تۇرالمايمىز.

دالاي لاما 2005-يىلى 17-نويابىر كۈنى «دۇنيا گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئەگەر خۇ ياۋباڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان بولسا، تىبەت مەسىلىسى ئاللىقاچان ھەل بولۇپ بولغان بولاتتى» دېگەن كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان بىر جۈملە سۆزنى قىلغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيەدىكى ئۆكتىچى زىيالىي لياۋ تيەنچى خانىم دالاي لامانىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«خۇ ياۋباڭ مىللىي مەسىلىدە ناھايىتى ئاقىلانە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، شۇڭا مەن دالاي لاما جانابلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىنى قۇۋۋەتلەيمەن. ھەر قانداق بىر مىللەت ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى مۇقەددەستۇر. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

«خۇ ياۋباڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلى سىياسىتى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«زوراۋانلىق سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ئوڭشىۋالغۇسىز دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىتايدا ھەقىقىي دېموكراتىك تۈزۈلمە يولغا قويۇلۇپ، ئۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، تۇنگان قاتارلىق مىللەتلەرگە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھوقۇقى بېرىلسە، تەبىئىيكى بۇ مىللەتلەر مۇستەقىللىق يولىنى تاللىۋالىدۇ. چۈنكى، يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ئۇلارغا بۇنداق ھاكىمىيەت ۋە خىتايدىن ئىبارەت بۇنداق مىللەت بىلەن بىرگە ياشاشنىڭ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بەردى.

كونىلاردا«قوي يۈتكەندىن كېيىن قوتاننى ئوڭشىساڭ كېچىكىپ قالىسەن» دېگەن سۆز بار. ئەگەر خىتاينىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر دۆلەتنى پارچىلىنىپ كېتىشتىن ئىبارەت ھالاكەت گىردابىدىن ساقلاپ قالماقچى بولىدىكەن، ۋاقتىدا ئېسىنى تېپىپ، خۇ ياۋباڭنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى يولىغا قايتىپ كېلىشى كېرەك. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق بۇ زېمىننى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.