ئالمۇتادا «مىللىي ئارمىيە ۋە تارىخىي ھەقىقەت» كىتابى تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.04.10
Milliy-armiye-ofitseri-hosman-tayirof.jpg شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى مەرھۇم ئوسمان تايىروفنىڭ «مىللىي ئارمىيە ۋە تارىخىي ھەقىقەت» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 7-ئاپرېل، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

7-ئاپرېلدا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ گورنىي گىگانت مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان «ياللا» رېستورانىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى مەرھۇم ئوسمان تايىروفنىڭ «مىللىي ئارمىيە ۋە تارىخىي ھەقىقەت» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مەزكۇر مۇراسىم ئوسمان تايىروف ئائىلىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يۇرت-جامائەتچىلىكى، زىيالىيلار، ياشلار، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ 200دىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى.

مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئالمۇتا شەھىرى ئەۋېزوف ناھىيەلىك باش يىگىت بېشى بۇرھان تاجىددىنوف بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈن بولغان 8-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى ھارپىسىدا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مىللىي ئارمىيەنىڭ ۋىزۋوت كوماندىرىدىن تا دىۋىزىيەنىڭ سىياسىي باشقارما باشلىقى لاۋازىمىغىچە خىزمەتتە بولغان ئوسمان تايىروفنىڭ «مىللىي ئارمىيە ۋە تارىخىي ھەقىقەت» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلىشقا مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن سەدىردىن ھاجىم ئوسمان تايىروف ۋە باشقىمۇ ئەنە شۇ مۇستەقىللىق، ئازادلىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن شېھىت بولغانلارغا ئاتاپ، خەتمە-قۇرئان ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلدى. ئاندىن «ئوسمان تايىروف ۋە ئۇنىڭ جەڭگىۋار يولى» تېمىسىدا دوكلات قىلىندى. دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە پارتلىغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ھەمدە مىللىي ئارمىيەنىڭ غەلىبىلىك يۈرۈشلىرى قىسقىچە يورۇتۇلدى. دوكلاتچى شۇ جەرياندا ئوسمان تايىروفنىڭ ھاياتى ۋە ھەربىي پائالىيىتىگە تەپسىلىي توختالدى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئوسمان تايىروفنىڭ سەپدىشى ئابدۇجالام ئابدۇللايېف ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈندە مىللىي ئارمىيە سېپىگە كىرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئوسمان تايىروفنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلىرى، شۇ ۋاقىتتىكى ھەربىي ھالەت ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئوسمان تايىروفقا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئوغلى، گورنىي گىگانت مەھەللىسىنىڭ باش يىگىت بېشى تارىم تايىروفقا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭدىن 74 يىل مۇقەددەم بارلىققا كەلگەن مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى باسقۇنچىلاردىن ئۈزۈل-كېسىل ئازاد قىلىش مەقسىتىنى قويغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرىدا ئوسمان تايىروفقا ئوخشاش ئۇيغۇر پەرزەندلىرىنىڭمۇ تۆھپىسى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. قەھرىمان غوجامبەردى ئۆز سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەمدە خەلقئارا ۋەزىيەت بويىچە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان زىيالىيلار، مىللىي ھەرىكەت پائالىيەتچىلىرى، ئوسمان تايىروفنىڭ يېقىنلىرى مىللەت تەقدىرىگە ئائىت ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوسمان تايىروفنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرى تاشمۇھەممەت ئابدۇراخمانوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۆز ۋاقتىدا ماڭا كىتابلىرىنى ئوقۇپ بەرگەن. ئۇ ھازىر چىقارسام بولمايدۇ، مۇمكىنچىلىك يوق دېگەن. ئۇ ۋاقىتتا سوۋېت ھۆكۈمىتى بار ئىدى. مانا بالىلىرى كېيىن كىتابىنى چىقىرىپ بەردى. ئۇ شۇ ياقتا بولغان ۋەقەلەرنى، ئۆزىنىڭ كۆرگىنىنى يازدى. ئۇنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ، ئاخىرىدا يىغلاپ كەتتىم. ۋەتەن يوق، بىز ھازىر يېتىم.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوسمان تايىروفنىڭ رەپىقىسى ھېكىمەم ھەدە تايىروۋا بۇ مۇراسىمغا كەلگەن بارلىق جامائەتچىلىككە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن ئۇنىڭ ئاياغلاشمىغان كىتابىنى يورۇققا چىقاردۇق. ئۇ ۋاقىتتا بالىلار كىچىك ئىدى، جەمئىيەتنىڭ، ئاغرىقنىڭ سەۋەبى بىلەن بۇنى ئاياغلاشتۇرالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى ئارمىنى بار ئىدى. بىرى ۋەتەننى كۆرسەم دەيتتى، ئىككىنچىسى، مۇشۇ كىتابنى تۈگىتەلىسەم دەيتتى. بۈگۈن بالىلار بۇنى يورۇققا چىقاردى. ئۇلارغا رەھمەت. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان كۆپچىلىكى ھازىر يوق. كىچىك ۋاقتىدا بىر ئورۇن، بىر قويۇن بولغان، ئوت-سۇنى بىللە كەچكەن ئابدۇجالان ئابدۇللايېف بار.»

بىز ئابدۇجالان ئابدۇللايېفنى سۆھبەتكە تارتقىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئارمىيەگە بىر كۈندە ئېلىندۇق. بىزنى ياركەنتكە ئەۋەتتى تەربىيە بېرىشكە. ياركەنتتىن قايتىپ، مۇداپىئە تۇتۇپ ياتتۇق. مەن زاپاس پولكتا تۇردۇم. كادىر تەييارلاپ، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىپ تۇردۇق. ئۇ ياقتىن كەلگەن ئىنسترۇكتورلار بولغان. ئۇلار ۋاقىتلىق كېلىپ، ۋاقىتلىق كەتتى. رەھبەرلەرنىڭ ئېيتقان ئىشلىرىنى ئورۇنداپ يۈرۈۋەردۇق. ئۇنىڭغىچە خىتاينىڭ 11 بىتىمى چىقتى.»

«مىللىي ئارمىيە ۋە تارىخىي ھەقىقەت» كىتابىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوسمان تايىروف 1921-يىلى قازاقىستاننىڭ قورام يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي كولخوزلاشتۇرۇش سىياسىتى باشلانغاندىن كېيىن، 1931-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توقۇزتارا ناھىيەسىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئاندىن ئىلى مىللەتلەر گىمنازىيەسىدە ئوقۇدى. 1944-يىلى غۇلجىدا قوزغىلاڭ باشلىنىپ، ئوسمان تايىروف 1945-يىلى فېۋرالدا ئەسكەرلىككە چاقىرتىلدى. ئۇ قورغاستا ئېچىلغان ھەربىي كۇرستا ئوقۇپ، ھەربىي تەلىم ئالغاندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيەنىڭ 4-پىيادە پولكىدا ۋىزۋوت كوماندىرى بولۇپ خىزمەت قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئوسمان تايىروف جىڭنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى. كېيىن ئۇ «ئازاد» نىشانلىق 2-پىيادە پولكقا ئەۋەتىلىپ، 2-باتاليون مىنوميوت روتىسىنىڭ كوماندىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ جەڭلەردە قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «باتۇرلۇق»، «پىدائىي» ۋە «ساداقەت» مېداللىرى بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئوسمان تايىروف مىللىي ئارمىيە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، بىر مەزگىل كورپۇس شتابىدا خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 1953-يىلى سۈيدۈڭ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق 14-دېۋىزىيەگە سىياسىي باشقارما باشلىقى قىلىپ ئەۋەتىلدى. خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن باشلانغان تەقىبلەشلەردىن كېيىن ئۇ 1955-يىلى 5-ئايدا ئۆز ئائىلىسىنى ئېلىپ، قازاقىستانغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئوسمان تايىروف ھەر خىل ئورۇنلاردا ئىشلىگەندىن كېيىن ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققان. ئۇ «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ» ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىرى بولغان. ئوسمان تايىروف 1996-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.