ئاقسۇدا قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي ئايالنىڭ ۋەقەسى قوزغىغان مۇنازىرىلەر

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.08.04
kelpin-saqchi-adem-olturush-namayish-2.jpg موتسىكلىت بىلەن قىزىل چىراغدىن بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن 17 ياشلىق ئابدۇلباسىت ئۈچۈن نامايىش قىلىۋاتقان كەلپىندىكى ئۇيغۇر جامائەت.
Photo: RFA

بۇلتۇر 18-ئىيۇل كۈنى لى ۋىنجې ئىسىملىك بىر خىتاي ئايال ئاقسۇدا ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بىر پاي ئوق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. خاراكتېر جەھەتتىن قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 17 ياشلىق ئابدۇلباسىتنىڭ ۋەقەسىگە ئوپمۇ-ئوخشاش بولغان بۇ ۋەقەنىڭ نەتىجىلىرى بولسا تولىمۇ پەرقلىق. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىككى ۋەقە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئوچۇق بىر پاكىتى، دەپ قارالماقتا. بىراق، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ۋەقەدە دىققەت تارتىدىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتىنىڭ خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ۋەقەگە قايتۇرغان ئىنكاسىدىكى چولتىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2014-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋاقىتلىرىدا ئاقسۇدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي ئايال لى ۋېنجې 7 ياشلىق قىزىنى پىئانىنو دەرسىگە ئېلىپ كېتىۋاتقاندا بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا توختىماي ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان. نەتىجىدە كاللىسىغا بىر پاي ئوق تەگكەن لى ۋېنجې نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ۋەقە بولۇپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، دائىرىلەر بۇ ئايالنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بىر قانائەتلىنەرلىك چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن. ساقچىلار جاڭ جېنخەيگە ئايالىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ خاتالىقتىن كېلىپ چىققان پاجىئەلىكىنى، ئەسلىدە ئايالىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئېتىلغان ئوق ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئەجەللىك يېرىگە تېگىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ۋە بۇ ئائىلىگە مەلۇم مىقداردا تۆلەم بەرگەن.

يۇقىرىدىكى بۇ ۋەقە بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدە ئاقسۇ كەلپىندە يۈز بەرگەن 17 ياشلىق ئابدۇلباستىنىڭ ئۆلۈمىنى ئەسكە سالماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. 17 ياشلىق ئابدۇلباسىت 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى موتسىكلىت ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا قىزىل چىراغدىن توختىماي ئۆتۈپ كېتىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ساقچىلار ئۇنى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دوستلىرى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە شۇ يەرلىك خەلق بۇ ناھەقچىلىككە چىدىماي نامايىش قىلىپ ھۆكۈمەتتىن جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. ئەمما ساقچىلار بۇ نامايىشچىلارنىمۇ تۇتقۇن قىلىپ، جازالىغان، ئابدۇلباسىتنىڭ ئۆلۈمىگە شاھىت بولغانلارنى غايىب قىلىۋەتكەن، ئۇنىڭ ۋەقەسىنى ئۈندىدارغا يوللىغانلارنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخىرى جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئابدۇلباسىتنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەينى ۋاقىتتا، خىتاي تىلىدا چىقىدىغان «ئاقسۇ تورى» ناملىق ھۆكۈمەت ئاخباراتى، ئابدۇلباسىت قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ ھاۋاغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى، بۇ چاغدا ئابدۇباسىتنىڭ موتسىكلىتىنى ئارقىسىغا ياندۇرۇپ پونكىتتىكى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە ساقچىلارنىڭ قورالىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ، خاراكتېرلىرى ئوخشاش بولغان بۇ ئىككى ۋەقەگە قايتۇرۇلغان ئوخشىمايدىغان ئىنكاسنىڭ شۈبھىسىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان پەرقلىق مۇئامىلىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچىنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن بۇ خىتاي ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ يولدىشى جاڭ جېنخەينىڭ ۋال سترىت ژۇرنىلى ۋە شۇنىڭدەك بىر قىسىم خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دائىرىلەردىن ئايالىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەتتا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر لې كېچياڭلارغا مەكتۇپ يازغان. بىر قىسىم مۇھىم ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولسىمۇ، قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. ئاقسۇ ساقچى دائىرىلىرى بۇ خىتاي ئايالنىڭ ۋەقەسىدە ساقچىنىڭ خاتالىقى بارلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خاتالىق سادىر قىلغان ئۇ ساقچىنىڭ جازالانغان-جازالانمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھېلىھەم خىزمىتىنى داۋام قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقىنى قۇربان بولغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ئېيتىپ بەرمىگەن. ئۇلار بۇنىڭ سەۋەبىنى «بىزدە ساقچى كەمچىل، بىز بۇ ئىشنىڭ باشقا ساقچىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشىنى خالىمايمىز» دەپ چۈشەندۈرگەن. ئۇ، ۋال سترىت مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە «مەن پەقەت ئايالىمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېتىلغانلىقىنى بىلمەكچى» دېگەن. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا بۇ خىتاي ئايالنىڭ ناھەق ئۆلۈمىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى بۇ ۋەقە، خىتاي تور بەتلىرىدىمۇ كەڭ تارقىلىپ، بۇ ھەقتە نۇرغۇن مۇنازىرىلەر قوزغالدى. ئەمما ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ئىنكاسلارنى چولتا، دەيدۇ. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا بولۇۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە چىراغ بولۇپ بېرەلەيدىغان ماھىيەتكە ئىگە بۇ ۋەقەدە، مەيلى ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى بولسۇن ۋە ياكى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان خىتاي تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ بولسۇن، ۋەقەگە كىشىلىك ھەق-ھوقۇق، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكى نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.