خىتايدىكى ئېتنىك زىددىيەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر

0:00 / 0:00

خىتايغا ئوخشاش بىر يېرىم مىلياردقا يېقىن نوپۇسقا ئىگە ۋە شۇنداقلا نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي مىللىتىدىن تەشكىللەنگەن بىر دۆلەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەم ئۇلارنىڭ تەقدىرى كۆزەتكۈچىلەر ئەڭ قىزىقىدىغان مەسىلە. تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتايدىكى ئېتنىك زىددىيەتلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىق. بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتايدىكى ئېتنىك زىددىيەتنى خىتايغا ئۆزگىرىش ئەپ كېلىدىغان «قەرەللىك بومبا»غا ئوخشىتىدۇ، بىراق يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بولسا ئېتنىك زىددىيەتلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ بۇ دەرىجىدە زورلۇقىنى رەت قىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بىلەن يەرلىك خەلق ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋە خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان توقۇنۇشلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بۇ، خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتىدۇ. خىتايدىكى ئېتنىك زىددىيەتلەرنىڭ كۈچى ۋە تەسىر دائىرىسىگە قارىتا ئوخشىمىغان پىكىرلەر مەۋجۇت بولۇپ، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلىرىدە، خىتايدىكى ئېتنىك زىددىيەتلەرنى خىتايدا كەڭ كۆلەملىك ۋەقە پەيدا قىلىدۇ، دەپ مۇلاھىزە قىلغان. يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زىددىيەتنى پەلەستىن ۋە چېچەن مەسىلىلىرىگە ئوخشىتىپ، ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى پەلەستىن بولۇپ قالىدۇ، دەيدىغان كۆز قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىراق، ئاۋسترالىيەدىكى لاتروپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى جەيمىس لېيبولد بۇ خىل كۆز قاراشنى رەت قىلىدۇ. ئۇ خىتاي سىياسەتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىدە «خىتاي ئېتنىك زىددىيەتلەرنىڭ قەرەللىك بومبىسىمۇ؟» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك قاراشلارنى يېتەرلىك دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جەيمىس لېيبولدنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ۋە باشقۇرۇشىدىكى خاتالىقلار، چىرىكلىك ۋە باشقا نۇرغۇن سەۋەبلەر نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئېتنىك زىددىيەتلەر مەۋجۇت. بۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە ئىنتايىن روشەن بولۇش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ كۆپ مىللەت يەرلەشكەن بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. بىراق، خىتايدىكى ئېتنىك زىددىيەت ھەممىلا يەردە مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى زور كۆلەملىك توقۇنۇشقا ئايلىنىدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، دەپ قاراش توغرا ئەمەس.

جەيمىس لېيبولد ماقالىسىدە بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل سەۋەبنى كۆرسەتكەن. بىرىنچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش پەيدا قىلغان، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان «ئىلغارلار» يەرلىكنىڭ ۋە شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك مۇھىم ئاپپاراتلىرىدا ئورۇن ئالغان. مانا بۇ ھازىرقى رېجىم ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خۇي مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا مىللىي ئاڭ كۈچىيىشكە ۋە ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىن يىراقلىشىش ئەھۋالىمۇ ئېغىرلاپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئاساسلىق خىتاينىڭ دىنى بېسىم سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئىككىنچىسى، خىتاي مىللەتلەرنى «ئايرىپ باشقۇرۇش ۋە يېقىندىن تەقىب قىلىش» دەيدىغان سىياسەت بىلەن باشقۇرۇلۇپ كەلگەن. خىتايدىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى چەكلىك ئۇچرىشىش ياكى چەكلىك دەرىجىدىكى ئارىلىشىپ ياشاش بىر جەھەتتىن ئالغاندا ئېتنىك زىددىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقان بىر ئامىل ئىكەن. ئەمما مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك ئۇچرىشىشىنى ئازايتىدىغان بۇنداق ئۇسۇل گەرچە قىسقا مۇددەتتە ئىشقا يارىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇزۇن مۇددەتتىن ئالغاندا، خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا كەڭ قورساقلىق بىلەن بىرگە ياشاش ۋە «كۆپ خىل مەدەنىيەتچىلىك» نى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن پايدىسىز.

ئۈچىنچىسى، خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ زېمىن ۋە نوپۇس ئالاھىدىلىكىمۇ ئېتنىك توقۇنۇشنىڭ كۆلىمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۈچىنچى زور ئامىل ئىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە باش كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر سان جەھەتتىن خىتايغا تەڭ كېلەلمەيدىكەن.

يەنى قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، جەيمىس لېيبولد مۇلاھىزىسىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بەك خىتاي مىللىتىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى كىملىك ۋە ئىدىيە پەرقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كەلتۈرىدىغان خەۋپىنىڭ بەكرەك زورلۇقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى جەيمىس لېيبولدنىڭ يۇقىرىدىكى كۆز قاراشلىرىغا قارىتا پىكرىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە، جەيمىس لېيبولد ئەپەندى ئېيتقاندەك، خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە پۇل ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشكەن بىر قىسىم «ئېلىتلار» ياكى «جەمئىيەتنىڭ جەۋھەرلىرى» شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ خىتايغا تارىختىن بېرى سىڭىپ كەتكەن خىتاي مىللەتچىلىكى ئالدىدا كەمسىتىلىشنى بەرىبىر ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەرنى ئايرىپ باشقۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دەيدۇ:
«خىتاينىڭ مىللەتلەرنى ئايرىپ باشقۇرۇش سىياسىتى تا بۇرۇنلا يولغا قويۇلغان، ئەمما شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر ھەممىسى بىرلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دېگەن ئىدىيە ئاستىغا يىغىلغان ئىدى. شۇڭا شۇنداق بىر پەيت كەلسە، ھەممىنى ئۆزىگە تارتىدىغان بىر ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىنتايىن مۇھىم».

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە، خىتاينىڭ تارىختىن بېرى نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى خەن سۇلالىسىنىڭ چېگراسى ھېسابلىنىدىغان خۇئاڭخې ۋە چاڭجياڭ دەريالىرىنىڭ قىرغىقىدىكى مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، نوپۇس ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش مەسىلىسىدە جەيمىس لېيبولدنىڭ سۆزىگە قېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەيمىس لېيبولد ماقالىسىدە مۇلاھىزە قىلغان ئىككىنچى مۇھىم مەسىلە بولسا، ئەگەر خىتايدا بىرەر زور ئۆزگىرىش بولغان تەقدىردە ئارىدا قىسىلىپ قالغان تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە. ئۇ ماقالىسىدە «ئەپسۇسكى ئۇلار خەتەرلىك ۋەزىيەتتە قالىدۇ» دەيدۇ. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ مۇلاھىزە قىلغان:
«ۋەزىيەتتە ھەرقانداق بىر ئۆزگىرىش بولغان تەقدىردە، مەسىلەن يېڭى بىر تۈركۈم ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلغان، مىللەتلەر ئارا ئۇچرىشىش كۆپەيگەن ۋە كومپارتىيە ئاجىزلاشقان ياكى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تەقدىردە ھازىرقى مەۋجۇت نوپۇس، زېمىن ۋە بىخەتەرلىك كونترولى يوقاپ، ئېتنىك زىددىيەت ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى مىللىي سىياسىتى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا تەنقىد قىلىنىۋاتقان بىلەن، مەيلى خىتاي كېيىن مىللىي ئاپتونومىيەنى كۈچەيتسۇن ياكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرسۇن، ھەر ئىككى خىل ئەھۋال مىللەتلەر ئارا رىقابەت، ئۆچمەنلىك ۋە ئىتتىپاقسىزلىقنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق بىر ۋەقە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ يۇ، ئەمما ئىنتايىن قانلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا قارىماققا، مۇقىمسىز، ئۆزگىرىۋاتقان، دېموكراتىيەلىشىۋاتقان خىتايغا قارىغاندا كۈچلۈك ۋە مۇقىم بىر پارتىيە قىسقا مۇددەت ئىچىدە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق ياشىشىغا بەكرەك پايدىلىقتەك تۇرىدۇ.»

خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەگەر خىتايدا يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئۆزگىرىش بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى نېمە بولىدۇ، دېگەن سوئالغا تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەردى.
«ئەگەر خىتايدا بىرەر ئۆزگىرىش بولغان تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ، دېگەنگە بىز تارىختىكى مىساللارغا قاراپ باقساق بولىدۇ. 1911-يىلى مانجۇ ئىمپېرىيىسى يىقىلغاندا موڭغۇللار ۋە تىبەتلەر مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ياڭ زېڭشىڭ بىر كېچىدىلا ئۆزىنى جۇڭخۇا مىنگونىڭ باش ۋالىيسى دەپ ئېلان قىلدى. 1933-يىلىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئۈرۈمچىدىن باشقا نۇرغۇن يەرلەر يەرلىك خەلقلەرنىڭ قولىغا چۈشكەن. ئەمما شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە باشقا كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ يەنە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى قولىغا ئېلىۋالغان. ئەمدى بۇنىڭ سەۋەبى نېمە دېگەندە، بۇ ۋەزىيەت شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇنداق بىر ئەھۋالغا قارىتا تېخى تەييار ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا خىتايدا ئەگەر يەنە شۇنداق بىرەر ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىگە قارىتا تەييارلىق بولمىسا توقۇنۇشلار ئىنتايىن قانلىق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلارنىڭ نوپۇسى ئىنتايىن كۆپىيىپ كەتتى. شۇڭا قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ئېھتىمالى بار. »

ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ جەيمىس لېيبولد ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن:
«خىتاي ھازىرقى مىللەتلەرگە قارىتىلغان بېسىم ۋە ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى داۋام قىلغان ياكى مىللەتلەر ئۈستىدىكى كونترولىنى بوشىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ۋە رىقابىتىنى ئاشۇرغان تەقدىردە، ھەر ئىككىلا خىل ئەھۋالدا قىسقا ۋە ئوتتۇرا مۇددەتتىن قارىغاندا ئېتنىك زىددىيەت ئوخشاشلا كۈچىيىدۇ. ئەمما كۈلكىلىك بولغىنى، بۈگۈنكىدەك مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچرىشىشنىڭ ئاز بولۇشى ئۇزۇن مۇددەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا كۆپ خىل مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەرنىڭ بىرلىكتە، باراۋەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان ‹كۆپ خىل مەدەنىيەتچىلىك› نىڭ خىتايدا ساغلام ۋە مۇقىم ھالدا شەكىللىنىشىگە زىيانلىق. خىتايدىكى ھازىرقى مەۋجۇت سىستېما ئۆزىنىڭ مىللەتلەر ئارا كەڭ-قورساقلىق، ئىشەنچ، چۈشىنىش ۋە شۇنداقلا دۆلەتنى باشقۇرۇش ۋە زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ تۇرۇۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا خىتايدا ‹كۆپ خىل مەدەنىيەتچىلىك› نى كۈچلەندۈرىدىغان ئىستراتېگىيىلەرنى يولغا قويۇش زۆرۈر.»

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ «كۆپ خىل مەدەنىيەتچىلىك» كە مېڭىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ مەدەنىيىتىدە ۋە سىياسىي تارىخىدا بۇنداق بىر ئۇقۇمنىڭ يوقلۇقىنى، ھەر ۋاقىت ھاكىممۇتلەقلىق، مەركەزچىلىك ئىدىيىسى بىلەن دۆلەت باشقۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇڭا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە بۇندىن كېيىنمۇ بېسىم سىياسىتىنى داۋام قىلدۇرۇپ، ئاسسىمىلياتسىيىنى تېزلەشتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنى مىللەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئالاھىدىلىكلىرىنى يوق قىلىۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنى تىنچىتىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزى داۋامىدا ئەسكەرتىپ، ئەگەر جېيمىس لېيبولد ئەپەندى ئېيتقاندەك خىتاينىڭ ئۆزى ئىچىدە بىر قالايمىقانچىلىق چىقىپ، خىتاي كومپارتىيىسى گۈمۈرۈلىدىغان، جەمئىيەت قالايمىقانلاشقان تەقدىردە، يەنە بۇرۇنقى تارىختىكىدەك ئەھۋالنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ھوشيارلىق بىلەن ئىش كۆرۈشى ۋە پۇختا تەييارلىققا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.