خوتەندىكى مەلۇم بانكىدا يۈز بەرگەن ئۆچىرەت ماجىراسى نېمىلەرنى ئاشكارا قىلىۋاتىدۇ؟

0:00 / 0:00

يېقىندا خوتەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر سودا-سانائەت بانكىسىدا يۈز بەرگەن بىر ماجىرا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاۋام خەلقنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى.

مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر نەپەر خىتاي ئايال شەخسىي ئىشى بىلەن خوتەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر سودا-سانائەت بانكىسىغا كىرگەن. بانكىنىڭ ئامانلىق خادىمى مەزكۇر بانكىدا ئىش بېجىرىش ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر پۇقرالارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن، خىتاي ئايالنى ئۆچىرەتنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ قويغان. بۇ خىل ئادالەتسىز مۇئامىلىگە چىدىمىغان بىر ئۇيغۇر يىگىت بانكا ئامانلىق خادىمى بىلەن زاكۇنلاشقان.

مەزكۇر ۋەقە ئۈندىدار ئارقىلىق ئاۋامغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

ئىگىلىنىشىچە، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە، بولۇپمۇ رايوندىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلار مۇناسىۋىتىدە پەۋقۇلئاددە جىددىيچىلىك كۆرۈلگەن.

تېخى بۇ يىل ئاپرېلدا ئاقسۇنىڭ مەلۇم بىر ساقچىخانىسىدا خىتاي ساقچى باشلىقىنىڭ بىر نەپەر ئۇيغۇر ساقچىنى ئۇرۇپ-تىللاپ ھاقارەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى بىر سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارا بولغان ئىدى. نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىۋېلىنغان بۇ سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا بولغان ئىدى.

بىز رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى 7 ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن ساقچىخانىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى. ئاقسۇ شەھەرلىك قاتناش ساقچىخانىسىنىڭ بىر نەپەر خىتاي ساقچىسى ئىنتايىن قوپاللىق بىلەن ئۆزىنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

2014-يىلىنىڭ ئاخىرى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ توقاي يېزىسىدا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەرلىك پۇقرالارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى مەجبۇرىي ئىگىلەپ قۇرۇلۇش قىلىشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ياش قاسىمجان ئاۋۇتنىڭ دېلوسى رادىيومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارا بولغان ئىدى. ئەينى چاغدا جاراھىتى تېخىچە تامامەن ساقىيىپ كەتمىگەن قاسىمجان رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ناھىيەلىك سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى شۈ ۋېيچاڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قاتتىق دۇمبالانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ساقچىلار بىلەن سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ ئاچا-سىڭىل بىر جۈپ ئۇيغۇر قىزنىڭ توي رەسىملىرى دۇكىنىنى زورلۇق بىلەن پېچەتلىشى ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى.

نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئېلىنغان ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارا بولغان 67 سېكۇنتلۇق بىر سىن كۆرۈنۈشى ئاچا-سىڭىل ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىنى نامايان قىلغان ئىدى.

سىن كۆرۈنۈشىدىكى تەپسىلاتلاردىن قارىغاندا، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ۋە ئاھالىلەر كومىتېتىدىن تەشكىللەنگەن بىرقانچىلىغان ھۆكۈمەت خادىملىرى ساقچىلارنىڭ ھىمايىسىدە ئۈرۈمچىنىڭ مەلۇم كوچىسىغا جايلاشقان ئاچا-سىڭىل ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ دۇكىنىغا زورلۇق ئىشلەتكەن.

مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردا دۇكاننىڭ ئاچا-سىڭىل ئىككى ئۇيغۇر قىز تەرىپىدىن قانۇنلۇق رەسمىيەتلەر بويىچە ئېچىلغانلىقى، ئۇيغۇر خېرىدارلار ئۈچۈن توي-گىرىمى ۋە توي سۈرەتلىرى مۇلازىمىتى قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ھالبۇكى، خىتاي ساقچىلارنىڭ ھىمايىسىدە يوپۇرۇلۇپ كەلگەن بازار باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر خادىملىرى ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي دۇكاننىڭ ئېلان تاختىسىنى زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ سۆكۈپ كەتكەن.

يۇقىرىقى ئەھۋاللار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئادەتتە ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان كوچا ۋە رايونلاردىكى جېدەل-ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇيغۇر ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇر ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئالدىغا چىقىرىدىكەن.

بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە يەنە بىر ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ياكى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدىكى جېدەل-ماجىرانى بىر تەرەپ قىلىشتا خۇددى جاڭ چۈنشيەن بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى تەكىتلىگىنىدەك «ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش» تاكتىكىسى قوللىنىلماقتىكەن.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.