ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كۆپىيىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

0:00 / 0:00

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2008-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش بارغانسېرى كۆپەيگەن. 2013-يىلىدا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئورۇن ئالغان 10 چوڭ ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا 159 كىشى ئۆلگەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە 59 كىشى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا يېقىندىن بېرى خىتاي، خوتەن ۋە قەشقەردە كۆپ ساندا پۇلدار كىشىلەرنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن قولغا ئالغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قاتتىق قول سىياسىتىگە تايىنىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلالامدۇ؟

بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ خىل يوللار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.