ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچى شەخسلىرى، يەنى زىيالىيلىرى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا شۇ خەلقنى بىرەر مۇددىئاغا يېتىلەيدىغان، ئۇنىڭغا ئۈلگە-ئىبرەت بولالايدىغان، خەلق مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ھەقىقىي زىيالىيلىرىمۇ بولىدۇ. مۇنداق زىيالىيلار دائىم ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشتىن تاشقىرى يەنە مىللىي تەرەققىياتقىمۇ ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇش بىلەن بىللە ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتلىرى بىلەنمۇ خەلق ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.
ئەسلى زىيالىي دېگەن كىم؟ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قانداق بولۇشى كېرەك؟ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى نېمىدىن ئىبارەت؟
بىز بۇ ھەقتە قازاقىستاندىكى بىر نەچچە نەپەر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
زىيالىي ئۆزىنىڭ كىمنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك
رابىك ئىسمايىلوف، ئالىم:
- زىيالىي دېگەن، مېنىڭ شەخسىي چۈشەنچەم بويىچە، پەقەت بىلىملىكلا كىشى ئەمەس. ئەلۋەتتە، بىلىملىك بولۇش ناھايىتى ياخشى. زىيالىي دېگىنىمىزدە ئۇنىڭ بىلىم دائىرىسى، مەسىلىلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ ئۆزى ناھايىتى كەڭ بولۇش كېرەك. بولۇپمۇ، بىز، ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرى دېگىنىمىزدە، كىمنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك. كىم ئۇنى زىيالىي سۈپىتىدە يېتىلدۈرگەنلىكىنى، ئەلۋەتتە، كۆڭلىدە تۇتۇشى كېرەك. زىيالىي دېگەن خەلققە يول كۆرسەتكۈچى، خەلقنىڭ غېمىنى يېگۈچى، ئەڭ ئالدى بىلەن خەلققە خىزمەت قىلغۇچى. ئەگەر ئۆزىمىزنى زىيالىي دېسەك، بىرىنچى نۆۋەتتە، مۇشۇلارنى ئاساسقا ئېلىپ، شۇلارنىڭ تەلەپلىرى بويىچە ئالدىمىزدا پەيدا بولغان مەسىلىلەرگە ئارىلىشىپ، كۈچىمىزنىڭ يەتكىنىچە ھەل قىلىشىمىز كېرەك. خەلق بىزنى زىيالىي دېدىمۇ، دېمەك بىز «زىيالىي»، يەنى «يورۇق»، «نۇر»، «يورۇتقۇچى»، «خەلقنىڭ كۆزىنى ئاچقۇچى» دېگەن سۆزگە مۇناسىپ بولۇشىمىز، زىيالىي دېگەن نامنى ئاقلىشىمىز كېرەك.
زىيالىي - يەتتە ئۆلچەپ، بىر كېسىدىغان مىللەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ئىنسان
تاشگۈل ھېزىياروۋا، دېھقان، شائىرە:
- مېنىڭ ئويۇمچە، ئەسلىدە يەتتە ئۆلچەپ، بىر كېسىدىغان مەدەنىيەتلىك، كۆرنەكلىك، مىللەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ئىنسانلار زىيالىي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. زىيالىيلىرىمىز مىللەتنىڭ ئۆزىگە كۆرۈنەرلىك ئادەملىرى بولۇش كېرەك، چۈنكى زىيالىيلارغا قاراپ ھەر قانداق ئادەم مەدەنىيىتىمىزنىڭ، سەنئىتىمىزنىڭ، تىل بايلىقىمىزنىڭ كەينىدە يۈرگەن مۇشۇ ئىنسانلارغۇ، مۇشۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆيۈنۈپ يۈرگەن ئادەملەرغۇ دەپ، شۇلاردىن پەخىرلىنىشى كېرەك. زىيالىيلار شۇلاردىن ئۈلگە ئالغۇدەك، ھەر قانداق سورۇندا تۆرىمىزدە ئولتۇرغۇدەك، شۇلارنىڭ ئاغزىغا قارىغۇدەك ئادەملەر بولۇشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ھازىرقى زاماندا ھەر قانداق ئىشنى شۇ زىيالىيلار ئېلىپ ماڭىدۇ. مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ئالىدىغان بولساق، ئۇلاردا زىيالىيلارنى ئانچە كۆرەلمەيمىز. شۇ مەدەنىيەت مەركەزلەرنىڭ قېشىدا زىيالىيلىرىمىز بولغان بولسا، كۆپ نەرسىلەرنى ھەل قىلىشقا بۇلاتتىمىكىن دېگەن ئويمۇ كېلىدۇ بەزىدە. ھازىرقى زىيالىيلىرىمىزغا ئوڭاي ئەمەس، ئىنتايىن قىيىن. زامانغا قاراپ ئۇلارغىمۇ ئېغىرچىلىق كۆپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، چىداملىق، ۋىجدانلىق بولغىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولار ئىدى.
زىيالىيلار - ئۆز خەلقىنى، مىللىتىنى قەدىرلەيدىغان ئادەملەر
رىزا سەمەدى، ژۇرنالىست:
- مېنىڭچە بولسا، زىيالىي دېگەن ئۇ ھەقىقىي بىلىملىك، ئۆزىنىڭ بىلىمى ئاساسىدا باشقىلارنى ئىنسانىي روھتا، ئىنسانىي پەزىلەتتە تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى، مىللىتىنى سۆيگەن ئادەملەر ھەقىقىي زىيالىي بولالايدۇ. ئوقۇغانلا ئادەم زىيالىي بولمايدۇ. بەلكى ئۇ ھەم بىلىملىك، ھەم ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، ئەنئەنىلىرىنى ياخشى بىلگەن، ئۆز خەلقىنى، مىللىتىنى قەدىرلەيدىغان، باشقىلارغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئالغان بىلىمى بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىدىغان ئادەملەر ھەقىقىي زىيالىي بولالايدۇ.
زىيالىيسى يوق مىللەت - خارابلىققا يۈزلەنگەن مىللەت
ئازتېكىن ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئوغلى ئىبراھىموف، تىجارەتچى:
-دانا خەلقىمىزدە بىر سۆز بار: «بىر مىللەتنىڭ زىيالىيلىرىنىڭ ساپاسى شۇ مىللەت ساپاسىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.» يەنە بىر سۆز بار: «بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ساپاسى شۇ مىللەت تەرەققىياتىدىكى زىيالىيلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئىسترېلكا.» بولۇپمۇ، 80-يىللىرى ئاجايىپ بىر تەرەققىيات، ئۈستۈن دەرىجىگە يەتكەن ئاجايىپ بىر ئۇلۇغ ئىنسانلىرىمىز بار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتۇق. دېمىسىمۇ ھازىر ئويلاپ باقسام، بىزدە ئاجايىپ ئۇلۇغ ئادەملەر بولغان ئىكەن. يۈزلىگەن كلاسسىك شائىرلار ۋە خەلق ھۆرمەت قىلىدىغان ئاجايىپ ئەربابلىرىمىز بوپتۇ. بەزى ۋاقتىدا بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە ئەيمىنەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئالدىدا سۆزلەشتىن ئۆزىمىزنى تارتاتتۇق. ئۇلار ھەر ۋاقتىدا مائارىپ، ئەدەبىيات، تارىخ، سەنئەت ساھەسى بولسۇن، مىللىتىمىزنىڭ ھەر قانداق مەسىلىلىرى بولسۇن، ھۆكۈمەت بىلەن زىچ باغلانغان كۆۋرۈكلەر ئىدى. نېمىشقا؟ ئۇلار ھەقىقىي زىيالىيلار ئىدى. ئۇلار چىن يۈرىكىدىن خەلقىگە ئېچىناتتى، كۆيۈنەتتى، كېلەچەك ئەۋلادنىڭ تەقدىرىنى ئويلايتتى. ھەر قانداق بىر ئىمپېرىيە، دۈشمەن بىر مىللەتنى يوقىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ زىيالىيلىرىنى يوقىتىدۇ. يەنى مىللەتنى توغرا يولغا باشلايدىغان، شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، مائارىپىنى، سەنئىتىنى، مىللىي ساپاسىنى، تۇيغۇسىنى، ۋىجدانىنى، غۇرۇرىنى ھەممە تەرەپتىن كۆتۈرىدىغان شۇ زىيالىي. زىيالىيسى يوق مىللەت خارابلىققا يۈزلەنگەن مىللەت. ئۇنداق مىللەت تارىختا ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرەلمەيدۇ.
زىيالىي مىللەتنى مىللىي ئەركىنلىككە، مۇستەقىللىققا دەۋەت قىلىشى كېرەك
قەھرىمان غوجامبەردى، سىياسەتشۇناس:
- زىيالىي دېگەن ئۇقۇم، ئاتالغۇ مەيلى قازاقىستاندا بولسۇن، مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بولسۇن، ئۇ ئىلىم-پەندە، مەدەنىيەتتە يۈكسەك سەۋىيىسى بار، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشىلەرنى زىيالىي دەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، قازاقىستاندا ئۇيغۇرلاردىمۇ مۇنداق نەچچە يۈزلىگەن زىيالىيلار بار دېسەكمۇ بولىدۇ. لېكىن زىيالىي مەسىلىسى، مەسىلەن، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ھازىرقى مىللىتىمىزنىڭ ناھايىتى بىر ئېغىر زورلۇق-زومبۇلۇق، مىللىي كەمسىتىشنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئالدى بىلەن، ئەلۋەتتە، ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى بىلەن مەشغۇل بولسىمۇ، لېكىن، ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ مىللەت، ۋەتەن ئالدىدا بىر مۇقەددەس بورچى بار، دەپ ھېسابلايمەن. ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئەمگىكى بىلەن مىللەتنى مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىنى كۆرسىتىش، خەلقنىڭ ھەقىقىي ئورنىنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشۇ زورلۇق-زومبۇلۇقتىن قۇتۇلۇش، قانداق قىلسا مۇستەقىللىققا يېتىدۇ، مانا مۇشۇنىڭغا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، مەيلى ۋەتەندە بولسۇن، مەيلى ۋەتەننىڭ سىرتىدا بولسۇن، ئاساسىي پەرزى ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئەمگىكى بىلەن خەلقنى، مىللىتىمىزنى مىللىي ئەركىنلىككە، مۇستەقىللىققا دەۋەت قىلىپ، شۇنىڭغا خىزمەت قىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.