ئادرىيان زېنىزنىڭ چاماسقا سۇئالى: «ئەگەر سېنىڭ ئاتا-ئاناڭمۇ لاگېرغا سولانغان بولسا، كارىڭ بولمامتى؟»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.01.18
ئادرىيان زېنىزنىڭ چاماسقا سۇئالى: «ئەگەر سېنىڭ ئاتا-ئاناڭمۇ لاگېرغا سولانغان بولسا، كارىڭ بولمامتى؟» ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكى مىلياردېر، ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (NBA) قارمىقىدىكى «جەڭچىلەر» كوماندىسىغا مەبلەغ سالغۇچى كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان چاماس پالىخاپىتىيا(Chamath Palihapitiya). 2018-يىلى 23-ئاپرېل، نيۇ يورك.
REUTERS

ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكى مىلياردېر، ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (NBA) قارمىقىدىكى «جەڭچىلەر» كوماندىسىغا مەبلەغ سالغۇچى كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان چاماس پالىخاپىتىيانىڭ ئۆزى بىرلىكتە باشقۇرۇۋاتقان «ھەممە ئىچىدە» (All-In) پروگراممىسىنىڭ 15-يانۋاردىكى نەق مەيدان سۆھبىتىدە قىلغان «ئۇيغۇرلار بىلەن بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟» دېگەن سۆزى، ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلار» ھەققىدە ئېيتقان بۇ سۆزلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر مەيدان كەسكىن تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان.

«ھەممە ئىچىدە» (All-In) پروگراممىسى چاماس پالىخاپىتىيا، جېيسون كالاكانىس قاتارلىق بىر قانچە كىشىنىڭ ئىقتىساد، سىياسەت، كۆڭۈل ئىچىش ساھاسى ۋە جەمئىيەتتىكى باشقا ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرە ئىلىپ بارىدىغان نەق مەيدان سۆھبەت پىروگراممىسى بولۇپ، 15-يانۋار كۈنى ئۇلار ئامېرىكا ۋە چەت ئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە بەزى بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقاتلار ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈگەن.

90 مىنۇتلۇق بۇ سۆھبەتتە ساھىبخان جېيسون كالاكانىس ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئىمزا قويغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش مۇھىتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ قاتاردا ئۇ ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقاندا بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردىن مەنپەئەتلىنىشنى تەنقىدلىگەن. ئەمما چاماس پالىخاپىتىيا بۇ مەسىلىگە قارىتا «ئۇيغۇرلار بىلەن بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟»، «بۇ ئىشلار مەن ئۈچۈن ئالدىن ئويلىشىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرگەن.

چاماس پالىخاپىتىيانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرى تەنھەرىكەتچىلەر، سىياسىيونلار ۋە باشقا ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقانNBA توپچىلىرىدىن ئەنەس كانتەر بۇنىڭغا ناھايىتى كەسكىن ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تىۋېتېر سۇپىسىدا چاماس پالىخاپىتىيانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى تەنقىدلەپ، مۇنداق دەپ يازغان: «NBA ھەرقاچان ئادالەت ھەققىدە سۆز قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەممما ئۆزىنىڭ روھىنى پۇلغا سېتىۋەتكەن چاماسقا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايلى». ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «ئەگەر NBA راستىنلا ئادالەتنى ياقلايدىغان بولسا، ئۇلار تېزدىن چاماسنىڭ پىكىرلىرىنى ئىنكار قىلىشى، شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىنچىلىق ئارقىلىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىشى لازىم.» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن توم مالىنوۋىسكىمۇ چاماس پالىخاپىتىيانىڭ سۆزلىرىگە مۇنداق دەپ ئىنكاس قايتۇرغان: «ئامېرىكا تۇپرىقىدا تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەخسىكەشلىك قىلىۋاتقان شۇنچە كۆپ باش دىرېكتورلار دۆلىتىمىزدىكى تەڭسىزلىكنى تەنقىدلەپ ھارمايۋاتىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىز ئاچكۆز شىركەتلەرنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقتىن پايدا ئېلىشىنى توسۇشقا باشلىدۇق.»

تەرەپ-تەرەپتىن كېلىۋاتقان تەنقىدلەر كۈچەيگەندىن كېيىن، 18-يانۋاردا چاماس ئۆزىنىڭ تۋېتتىر سۇپىسىدا مۇنداق دەپ يازما بايانات ئېلان قىلغان: «مەن سۆھبەت پروگراممىسىنى قايتا ئاڭلاپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزۈمدە ھېسداشلىق تۇيغۇسىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەيلى خىتايدا بولسۇن ياكى ئامېرىكادا بولسۇن ئۇ ھامان مۇھىم،» دېگەن. «جەڭچىلەر» ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ھەيئەت ئىدارىسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ: «چاماس پەقەت كېچىك بىر مەبلەغ سالغۇچى، چاماسنىڭ پىكىرى پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىي قارىشىنىڭ ئىپادىلىنىشى، خالاس. ئۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ مەيدانىمىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ» دەپ ئۆزلىرىنى بۇ ئىشتىن نېرى تارتقان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ لاگېرغا سولىنىۋاتقان بىر ئېتنىك توپلۇق ھەققىدە ئۇلار يىراقتا بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ‹كارىم يوق› دەۋاتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرگە ھەيران قالدىم. بۇ پەقەت مۇشۇنداق كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى نورماللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىق. بىز پەقەت مۇشۇ يەردە خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن خىتاي بىلەن نورمال سودا قىلىپ يۈرۈۋەرسەك بولىۋىرىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ھېچ بولمىغاندا، بۇ كىشى ئۆزىنىڭ كارى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە سەمىمىي بولدى. ئەمەلىي ئىش قىلىشقا كۈچى بولغان بەزى كىشىلەر ھەقىقەتەن دەھشەتلىك ئەھۋاللارنى بىلسىمۇ، ھېچقانداق بىر ئەمەلىي ئىش قىلغىنى يوق. ھەر قانداق بىر جەمئىيەت بىر تەسىر كۆرسەتكۈچىگە مۇھتاج. بەزى كىشىلەر جەمئىيەتكە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئەگەر ئۇلاردىن بىرسى چىقىپ ئۆزىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتسا، بۇ نۇرغۇن كىشىگە تەسىر قىلىدۇ. بۇ سىرىلانكا نەسىللىك كىشىنىڭ سۆزلىرى بىزگە تەسىر كۈچى بار كىشىلەرگە ھەقىقەتەن ئېھتىياجىمىز بارلىقنى كۆرسەتتى.»

ئالدىنقى ئايدا ئاقساراي ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى چاماس پالىخاپىتىيانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرى ۋە چاماس پالىخاپىتىيانىڭ بۇ ھەقتە ئۇچرىغان تەنقىدلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «چاماس پالىخاپىتىيانىڭ ئوچۇق-ئاشكارا قىلغان بۇ سۆزلىرى تەنتەربىيە ۋە ھوللىۋۇد دۇنياسىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىگە قارىتا ئىپادىلىمىگەن پوزىتسىيەسىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرسەتتى دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن چاماس پالىخاپىتىيانىڭ سۆزلىرىگە قارىتا ئامېرىكانىڭ ھەر ساھەسىدىن قايتۇرۇلغان كۈچلۈك ئىنكاسلار ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىشقا يەر يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.»

چاماس پالىخاپىتىيانىڭ ئېرەڭسزلەرچە ئېيتقان سۆزلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. مىڭلارچە ئۇيغۇر چاماس پالىخاپىتىيانىڭ تۋېتتېر سۇپىسىغا خىتاي تەرىپىدىن يىللاردىن بېرى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرنى ياغدۇرىۋەتكەن. چاماس پالىخاپىتىيا ھەققىدە ھەمبەھىرلەنگەن ھەرقانداق بىر تۋېتنىڭ ئاستىدا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ۋە ئائىلە ئەزالىرى لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دەھشەتلىك باستۇرۇشلىرى ھەققىدىكى يازمىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىنى ئېتىراپ قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، ئامېرىكادىكى مۇشۇنداق بىر قىسىم بايلارنىڭ يەنىلا خىتايغا يان بېسىشى خىتايغا جاسارەت بېرىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولىدۇ. بۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىغا سۇئال قويۇشى كېرەك.»

بىز ئاخىرىدا ئادرىيان زېنىز ئەپەندى ۋە نۇرى تۈركەل ئەپەندىدىن «ئەگەر چاماس پالىخاپىتىيا بىلەن يۈرتۇرانە كۆرۈشۈپ قالسا نېمە دەيدىغانلىقى» نى سورىغىنىمىزدا ئادرىيان زېنىز ئەپەندى جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىڭغا شۇنداق دەيتتىم، ئەگەر سىنىڭ دۆلىتىڭ نىشان قىلىنغان ۋە سېنىڭ خەلقىڭ ياشاۋاتقان دۆلەتتە ئاشۇنداق كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش يۈز بەرگەن بولسا، ئاتا-ئاناڭ لاگېرغا سولانغان، ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ بالىلىرى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن بولسا، سېنىڭ ئۇلار بىلەن كارىڭ بولامتى؟ ئەگەر سېنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان بىر خەلق بىلەن كارىڭ بولمىسا، سېنىڭ خەلقىڭنىڭ بېشىغىمۇ مۇشۇنداق كۈن كەلگەندە، باشقلارنىڭ كارى بولۇشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىڭ بولمايدۇ، شۇنداققۇ؟ سەن ھازىر بۇنى چوڭ ئىش ئەمەس دەيسەن، ئەگەر بىر داڭلىق ئامېرىكالىق كىشى سىرىلانكىدا دەھشەتلىك باستۇرۇشلار يۈز بىرىپتۇ، مىىڭلىغان ئائىلىلەر ۋەيران بولۇپتۇ، لېكىن ئۇ ئىشلار مېنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان دائىرەمدە ئەمەس دېسە، سەن قانداق ھېسسياتتا بولاتتىڭ؟»

نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «سەن بىر ئەمەس، ھەتتا ئىككى ئەركىن دۆلەتنىڭ سۆز ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ، بىر كوممۇنىستىك دىكتاتور دۆلەتنىڭ ئىدىيەسىنى ئەركىن دۇنياغا تاڭامسەن، دەپ سورايتتىم.»

مەلۇم بولۇشىچە، چاماس پالىخاپىتىيا 1976-يىلى كاناداغا كۆچمەن بولغان بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، بىر مەزگىل فېيسبۇك ئىدارە ھەيئىتىدە ئىشلىگەن ئىكەن. ئۇ ھازىر ئامېرىكادىكى ساناقلىق مىلياردېرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىجتىمائىي كاپىتال تور بېتىنىڭ (Social Capital) قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجرائىيە دىرېكتورى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.