موخوركا ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى تونۇش بولغان تاماكىنىڭ بىر تۈرى. گەرچە موخوركا باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كەڭ ئىستېمال قىلىنىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا موخوركا چېكىش، سېتىش ۋە ئۆستۈرۈش چەكلەنگەن. بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاماكا ئۆسۈملۈكلىرىنى مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى 2004-يىلى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ موخوركا تىرانسپورتىنى توختىتىشنى، 2004-يىلى بارلىق موخوركا زاۋۇتلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا 2005-يىلى 1-ئىيۇلدىن ئېتىبارەن موخوركىنىڭ بازارلاردا سېتىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەن.

«موخوركا» سۆزى رۇسچىدىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەن سۆز بولۇپ، ئۇ چار رۇسىيە ۋە كېيىنكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۆستۈرۈش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى بىلەن بىللە ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىپ يەرلەشكەن مەھسۇلاتتۇر. ھالبۇكى، كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە موخوركا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تاماكا تۈرىدىكى ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ قالغان. موخوركىنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيانلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى چەكلىگەن. گەرچە موخۇركىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە چېكىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملىق سېتىلىش، چېكىلىش ۋە سېتىش يوچۇقلىرىغا ئىگە بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ زەھەرلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان زەھەرلىك تاماكىنىڭمۇ ئوخشاشلا «موخوركا» دەپ ئاتىلىشىدۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلىگەن ھەرقانداق ئىش خىتاي ئۆلكىلىرىدە قايتا يۈز بەرسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىش نىسبىتىنىڭ تولىمۇ تۆۋەنلىكى ھەممىگە ئايان. چۈنكى بۇنداق بولۇشىدا ئۇيغۇر دىياردىكى ئالاھىدە تەقىبلەش سىستېمىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن پەرقلىق بولۇشى بىلەن بىۋاسىتە باغلانغانلىقىدىندۇر. ھەتتا «خەلقئارا تېررورىزم» دىن ئىبارەت قاباھەتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشنى ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان غەرب دۆلەتلىرىمۇ تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تا دۇنياۋى نەتىجە قازانغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېر سىستېمىسىنى بەرپا قىلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بىر قېتىممۇ «تېررورلۇق ۋەقەسى» يۈز بەرمىگەنلىكىنى جار سېلىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي بۇنىڭدىن 20 يىل ئاۋۋال چەكلىگەن موخوركىنىڭ 2024-يىلىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر بازارلىرىدا سېتىلىشى ۋە ئىستېمال قىلىنىشىغا يول قويۇلۇشى ھەقىقەتەنمۇ ئەجەبلىنەرلىكتۇر. تېخىمۇ مۇھىمى، موخوركاغا ئوخشاپ كېتىدىغان زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ يەنە شۇ ئۇيغۇر دىيارىدا پەيدا بولۇشى، ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنى زەھەرلەش نىشانى قىلىشىدۇر.
ئەلۋەتتە، بۇ يەردە بىز تىلغا ئېلىۋاتقان موخوركا بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا «موخوركا» ياكى «ناتاشا» نامىدا ئوتتۇرىغا چىققان زەھەرلىك چېكىملىك پەرقلىق نەرسە. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر ئېلىدا «موخوركا»، «ناتاشا» دېگەن ناملاردا پەيدا بولغان بۇ جان ئالغۇچ زەھەر زادى نېمە؟ بۇ ھەقتە خىتاي مەنبەلىرىدە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئاتالمىش «موخوركا» ياكى «ناتاشا»، دۇنيا مىقياسىدا نۆۋەتتە كۆپلىگەن ياشلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان فېنتانىل (Fentanyl) ئاتلىق زەھەر بىلەن ئوخشاش بولغان ئۈچىنچى ئەۋلاد زەھەرلەرنىڭ بىرى ئىكەن. فېنتانىل مەسىلىسى يىللاردىن بۇيان، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ھەل قىلىش تەس بولغان بىر مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. چۈنكى فېنتانىل خىتاي تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئامېرىكاغا زور دەرىجىدە ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. بولۇپمۇ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئامېرىكادىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبلىرى ئىچىدە فېنتانىلدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى، باشقا ھەرقانداق ئۆلۈم-يېتىمدىن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن. شۇ ۋەجىدىن خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشى باشلانغان 2016-يىلى، سابىق تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىمى ھەققىدىكى سۆھبەتتە، خىتايدىن تەدبىر قوللىنىپ، فېنتانىلنى خىتاي چېگراسى ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئېكسپورت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىشىنى تەلەپ قىلغان، لېكىن بۇ مەسىلە تاكى بۈگۈنگىچە ھەل بولغىنى يوق!

دەرۋەقە، ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان فېنتانىل بىلەن ئوخشاش بولغان «موخوركا» ياكى «ناتاشا» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا پەيدا بولۇشىمۇ سەۋەبسىز بولمىسا كېرەك.
خىتايدا چىقىدىغان «خىتايدىكى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش» ژۇرنىلىنىڭ 2020-يىلى 5-سانىغا بېسىلغان « شىنجاڭدىكى ناتاشا زەھەر مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى» ناملىق ماقالىسىدە، مەزكۇر زەھەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارقىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلار بېرىلگەن. ماقالىدە دېيىلىشىچە، «موخوركا ياكى ناتاشا» ئۇيغۇر دىيارىدا تۇنجى قېتىم 2018-يىلى بايقالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا بۇ زەھەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش سەۋەبىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ موخوركا چېكىش ئادىتى بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشى بارلىقىدىن بولغانلىقى، چۈنكى «موخوركا ياكى ناتاشا» ئاتلىق بۇ زەھەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ ئۇيغۇرلار چېكىپ ئادەتلەنگەن موخوركا بىلەن كۆرۈنۈشتە پەرقىنىڭ يوقلۇقى، بۇ سەۋەبتىن زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ موخوركا نامىدا بۇ زەھەرنى «تارقىتىش» يوللىرىغا ئېرىشكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دېمەك، «موخوركا ياكى ناتاشا» ئاتلىق بۇ زەھەرنىڭ موخوركا بىلەن تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ ئوخشاشلىقى دىققىتىمىزنى قوزغاشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئامىل دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى، موخوركا خىتاي تەۋەسىدە 20 يىل ئاۋۋاللا چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما موخوركا يىللاردىن بۇيان پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ چېكىشىگىلا تاسادىپىي يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىلگەن. بۇنداق ئەھۋالدا خەلقئارادا «ئۈچىنچى ئەۋلاد زەھەر» دەپ نامى بولغان بىر زەھەرنى موخوركا شەكلىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا بازارغا سېلىشنىڭ كەينىدە بىرەر سىياسىي مۇددىئانىڭ بولماسلىقى ئەقىلگە سىغمايدۇ، ئەلۋەتتە!
خۇددى، 90-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان خىروئىن ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم-يېتىم ھەمدە ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ-كۆلەمدە تارقىلىشى قانچىلىك گۇمانلىق بولسا، بۇ قېتىملىق «موخوركا ياكى ناتاشا» ئاتلىق زەھەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇشىمۇ شۇنچىلىك گۇمانلىق. شۇنداق ئېيتالايمىزكى، «موخوركا ياكى ناتاشا» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا پەيدا بولۇشى، ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇ خىتاي ئۇسلۇبىدىكى زامانىۋى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان يەنە بىر رەزىل ئويۇننىڭ نەتىجىسى، خالاس!
***بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ