دوكتۇر ئەسەت سۇلايمان بىرقانچە ئايلاردىن بېرى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە باشقا تىمىلاردا لېكسىيە بېرىپ كەلمەكتە ئىدى.ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى تىمىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ياراتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلاندى.
ئەسەت سۇلايمان لېكسىيسىدە ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە توختىلىپ:«ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەتلەرگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ ئۆزىنى تونۇشى، ئۆز ۋەتىنىگە بولغان ھەقدارلىق تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈش ۋە ئويغىتىشتا ئەدەبىياتنىڭ تەسىر كۈچى ئىنتايىن زور» دېدى.
ئەسەت سۇلايماننىڭ لېكسىيىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھۇم رول ئوينىغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيتىگە كۆپىرەك بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇ لېكسىيىسىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا ناھايتى يۈكسەك باھا بېرىدۇ.
ئەسەت سۇلايماننىڭ بايان قىلىشىچە، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئۆلۈمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ناھايتى چوڭ بىر يوقىتىش بولغان. شۇڭا ئەينى چاغدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئۆلۈمىگە بېغىشلانغان نۇرغۇن مەرسىيەلەر بارلىققا كەلگەن.
«مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» تېمىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخى تەتقىق قىلىنمىغان يېڭى بىر تىما بولۇپ، لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلاردا ئالاھىدە بىر قىزىقىش قوزغىغان. بىز لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئاشۇ ھېسىياتى بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن لېكسىيە ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ياسىن قارىمنى زىيارەت قىلدۇق. ياسىن قارىم لېكسىيەدىن كىيىنكى ھاياجېنىنى بايان قىلدى.
لېكسىيىنى ئۇيۇشتۇرغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇننىڭ بايان قىلىشىچە، لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرغاندىن بېرى لېكسىيەگە قىزىقىدىغانلارنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە ئېشىۋاتقان بولۇپ، تەرەپ - تەرەپلەردىن ياخشى ئىنكاسلار كېلىۋېتىپتۇ.
0:00 / 0:00