چەتئەلگە قاچقان ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن «خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتى» گە قاتنىشىشقا كېتىۋاتامدۇ؟

0:00 / 0:00

چارشەنبە كۈنى، 4 نەپەر ئۇيغۇر خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، 10 يىلدىن 20 يىلغا قەدەر قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. مەھكۇملارنىڭ 2 نەپىرى «خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىگە قاتناشماقچى» دەپ ئەيىبلەنگەن. خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئىككى مەھكۇم يۈننەن ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا قولغا چۈشۈپ قالغان.

بۇ، خىتاينىڭ چەتئەلگە قاچقان ئۇيغۇرلارنى تۇنجى قېتىم خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىگە باغلىشى ئەمەس. ئۇ ئىلگىرى تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى سۈرىيەگە بېرىپ جىھادقا قاتناشماقچى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە، ئۆتكەن شەنبە كۈنى ھىندونېزىيەدە تۇتۇپ قېلىنغان 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى (ISIS) بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى خەلقئارا ئىتتىپاققا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋاللار، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇلاردا خىتاينىڭ ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بولۇپمۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن كوزىر قىلىپ قوللىنىش ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى.

رابىيە قادىر خانىم، بۇ يىل نويابىردا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا يول قويماسلىققا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقادىمىز، مەدەنىيىتىمىز، تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمىزنى چەكلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىدىن مۇشۇنداق بىر گۇرۇپپىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالدىدا باستۇرۇپ تۈگىتىش، بۇ خىتاينىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيەسى. خىتاي ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، ئۈمىدسىزلەندۈرۈش، يول بەرمەسلىك ۋە تۇتقۇن قىلىش، ئۇيغۇرلارنى ئۆچ ئېلىش ئىدىيىسىگە ئەكېلىش، گاڭگىرىتىپ قويۇش ۋە ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق مۇشۇنداق بىر گۇرۇپپىنى تارتىپ چىقاردى. دېمەك، بۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ قانداق ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىنى، ئوباما مەمۇرىيىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، غەرب ۋە پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. ئۇلار بۇنىڭغا خىتاي ئويلىغاندەك مۇئامىلە قىلمايدۇ، مەن بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە قاراپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە قاراپ، سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن ھەم بىز ئوباما ھۆكۈمىتىگە بۇ توغرۇلۇق خەت تەييارلاۋاتىمىز.

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ پەيشەنبە كۈنلۈك سانىدىكى «خىتاي مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا جىھادچىلارنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا، خىتاي ھازىرقى باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويسا، بۇ ئۇيغۇرلارنى رادىكاللاشتۇرۇپ، خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىگە قىزىقىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ماقالىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى، مەدەنىيىتى، مىللىي تۇيغۇسىنىڭ شىددەتلىك باستۇرۇلۇشى چوڭقۇر نارازىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، لېكىن خىتاينىڭ ھازىرقى دىنىي ئېتىقادنى ئاجىزلىتىش، ئاياللار ھىجاپ تاقاشنى، ئوقۇغۇچىلار مەسچىتكە كىرىشنى چەكلەش تەدبىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا، پاكىستانلىق ژۇرنالىست، «جىھاد: مىلىتانت ئىسلامنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا باش كۆتۈرۈشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئەخمەت رەشىدىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ئاساسلىق نارازىلىق پىكىر ئېقىمى -خىتايغا قارشى مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمى. بىراق خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاساسى ئېقىمى مىللەتچىلىك بىلەن قالمايدۇ، ئۇلار رادىكاللىشىشى مۇمكىن، دېگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدە، ئىراق‏-شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ رەھبىرى ئابۇ بەكر ئەل-باغدادىنىڭ بۇ يىل 7 ‏-ئايدا موسۇل شەھىرىدە سۆزلىگەن بىر قېتىملىق تەبلىغىدە، مۇسۇلمانلار زۇلۇم چېكىۋاتقان دۆلەتلەرنى ساناپ كېلىپ، خىتاينى تىلغا ئالغانلىقىنى، بۇ، يەر شارى جىھاد ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىزىقىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇستەقىل پائالىيەتچى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە قارىتا ناھايىتى سەزگۈر بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاينىڭ قوشنا ئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئىراق ياكى سۈرىيەگە بېرىپ جىھاد قىلماقچى، دېگەن باھانە كۆرسىتىپ، قايتۇرۇپ كېتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك ھازىر مۇشۇ ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى، دېگەن تەشكىلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپ قېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ. چۈنكى، ئىككى ھەپتە بۇرۇن تايلاندتىكى بىر ئەمەلدارنىڭ باياناتىدا- تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 4-5 يۈزدەك ئۇيغۇر بار‏- خىتاي بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى سۈرىيەگە بارىدىكەن، سۈرىيەگە بېرىپ جىھادقا قاتنىشىدىكەن، دېگەن. بۇ ماقالە «نيۇ-يورك ۋاقت» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. دېمەككى، خىتاي بۇنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ. چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى شۇ تەرەپكە بارىدۇ، شۇڭا، بىزگە قايتۇرۇپ بېرىشىڭلار كېرەك، دەپ.

«تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش، قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ياساش، تېررورلۇق گۇماندارلىرىغا ياتاق، پۇل ياردەم قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن مەھكۇملارنىڭ سوت جەريانى، ئۇلارنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلالىغان-قىلالمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

لېكىن خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەھكۇملار ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەھكىمە مەھكۇملاردىن ئىككىيلەننىڭ «چەتئەلدىكى تېررورلۇق گۇرۇھلارغا قاتناشماقچى بولغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئۇلارنىڭ قايسى دۆلەتكە بېرىپ، «تېررورلۇق گۇرۇھى» غا قاتناشماقچى بولغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.