خىتاينىڭ بېسىم سىياسەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئويغاتماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.02.14
bir-awaz-bir-qedem.jpg «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» گۇرۇپپىسىنىڭ لوگوسى.
RFA/Ekrem

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى تۈرلۈك شەكىللەردىكى قارشىلىقلارغا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» چاقىرىقى بىلەن ئۇيۇشۇپ، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بارلىق دۆلەتلەردە بىرلا كۈندە نامايىش ئېلىپ بېرىشقا ھازىرلانماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يەنە 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئېلىپ بېرىشنىڭ سەپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا.

بۇ يىل 5-فېۋرالنىڭ ئالدى-كەينىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا كۆلىمى زور بولغان نامايىشلارنى ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خىتاي تۈرمىسى ياكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئابلىمىت داموللام، مۇھەممەد سالىھ داموللام قاتارلىق مەشھۇر دىنىي ئۆلىمالارنىڭ روھىغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىش پائالىيەتلىرىنىمۇ كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇردى.

خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا. بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ھەر تۈرلۈك ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرىدە خانىمنىڭ تىلى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ئاۋازلىق ئەسەردە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىشىغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي زۇلۇمىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممەدنىڭ قارىشىچىمۇ، خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملىرى 2018-يىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارماقتىكەن.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي سىياسەتلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار كۆپلەپ ئورۇن ئالماقتا. ئەمما، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو تېخى بىرقانچە كۈن ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنى باستۇرۇش چاقىرىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە چەتئەللەردىكى ‹مىللىي بۆلگۈنچىلەر› گىمۇ قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بۇ قەدەر ئېغىر زۇلۇملارغا قارىتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەسكىن ئىنكاس بىلدۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

14-فېۋرال ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلىشقا باشلىغان «خىتاي زۇلۇمىنىڭ مەھسۇلى» ناملىق ئۈن ئەسىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەسەردە يەنە بۇ ئويغىنىشنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدكە، غەلىبىگە يېتەكلەش رولىنىڭ بارلىقىمۇ بىلدۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تۈرلۈك تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بولۇپمۇ 2017-يىلى 4-ئايدىن بۇيان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر دولقۇن ھاسىل بولغان. ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار 15-مارت ئاياللار نامايىشىغا ھەمدە 27-ئاپرېل ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشقا جىددىي تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.