خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق بېسىم ئىشلەتمەكتە

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو بۇ يىل 2-ئايدا خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» گە قىلغان بىر سۆزىدە، ئۆزىنىڭ چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ شۇ قېتىملىق سۆزىدە «بىز چېگرانىڭ ئىچى-سىرتىدىكى، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى شۇنداقلا ئىنتېرنېت تورىدىكى بارلىق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىمىز» دېگەن. ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 2-ئايدا يەنە مەخسۇس «چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى» يىغىنىنى چاقىرىپ، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇش ۋە ئىدىيەۋى تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلغان.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن چېن چۈەنگونىڭ يۇقىرىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاللىقاچان ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. بۇ ھەقتە «تاشقى سىياسەت» ۋە «ۋال سترېت» ژۇرنىلى قاتارلىق گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەھدىت ۋە بېسىم ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغان. خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۈندىدار ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە سۆز قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم قىلىپ قورقۇتۇش، تەھدىت قىلىشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللانغان.

ئامېرىكا-ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش بىر يېڭىلىق بولمىسىمۇ ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە بۇ ھەرىكەتنى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇرغىچە كېڭەيتمەكتىكەن. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي پارتكوم سېكرېتارى ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قامال ئاستىغا ئالدى. ئىككىنچى قەدەمدە ئۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھازىر پەقەت ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى كىشىلەرلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردە ياشايدىغان ئادەتتىكى بىر ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقىنى ئوخشاشلا بېسىم ئاستىدا. ئەڭ ئېغىر بولغىنى، ئۇلارنىڭ ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلدى».

«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدىكى خەۋەردە، سىدنېيدىكى ماككۇئارى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كېۋىن كاررىكو زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، كېۋىن كاررىكو ئەپەندى سۆزىدە بۇنىڭ ئېنىقلا خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى تەنقىدىي ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ؛ «مەيلى ئۇيغۇر، مەيلى تىبەتلىك، مەيلى خىتاي ياكى ئاۋسترالىيەلىك ياكى ئامېرىكىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ خىتاينىڭ بارغانسېرى چېكىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىدلا قىلىدىكەن، ھامىنى بېرىپ خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدۇ» دېگەن.

ماقالىدە يەنە، ئامېرىكا جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى، تونۇلغان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر دىيارى تارىخى ھەققىدىكى «ياۋرو-ئاسىيا ئۆتكىلى-شىنجاڭنىڭ تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى جېيمىس مىلۋارد ئەپەندىنىڭمۇ سۆزىگە يەر بېرىلگەن. ئۇمۇ سۆزىدە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش خىتاي ئەزەلدىن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىر ۋاسىتە بولۇش بىرگە، ئۇنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمى مۇدىرى سوفېي رېچاردسون خىتاينىڭ بۇ «يىرگىنچلىك ۋاسىتىسىگە چوقۇم كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈردى. «مەنچە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى كۈچەيتكەنلىكى ئېنىق. مەسىلەن ئالدىنقى يىلى يازدا خىتاي ھۆكۈمىتى مىسىرغا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئال-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېتىشنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ھەربىر ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ ئەكېتىش بەدىلىگە بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاشنى نىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ بۇ يىرگىنچلىك ئىستراتېگىيەسىگە قارشى چەتئەللەردە ئەركىن ئاخبارات مەۋجۇت شارائىتلاردا ياشاۋاتقان كىشىلەر ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەتلەر چوقۇم خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشى كېرەك، دەپ ئويلايمىز. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەنمىز ئامېرىكا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوغداش ھەققىدىكى گەپلەر قەغەز يۈزىدىكى گەپلەرگە ئايلىنىپ قېلىپ، ئۆز مەنىسىنى يوقىتىدۇ».

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ھوشيار بولۇشى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن مۇشۇنداق تەھدىتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار چوقۇم ئەھۋالنى تۇرۇشلۇق دۆلەتلىرىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈشى كېرەك. قاچان، قانداق شەكىلدە، نېمە ئارقىلىق تەھدىت قىلىنغانلىقىنى ئېنىق يەتكۈزۈشى كېرەك. ئاندىن، مېنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا تەۋسىيەم، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلۇق قورالى بولغان ئۈندىدارنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. ئامال بار ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلماسلىقى كېرەك. ھازىرقى شارائىتتا پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ھەم ئۆزىنى ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قوغدىغىلى بولىدۇ»

سوفېي رېچاردسون خانىممۇ خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىشنى چوقۇم ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىگە خەۋەردار قىلىشى كېرەكلىكىنى، مۇشۇنداق قىلغاندا بۇ مەسىلىنى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك ئالاقىلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.