مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا پسىخىك مەسىلىلەر ۋە تەدبىر

Ixtiyariy muxbirimiz abduweli ayup
2017-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئۇسۇلچىلىرى.
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئۇسۇلچىلىرى.
RFA/Abduweli Ayup

ئىگىلىشىمىزچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلۈۋاتقان پسىخىك مەسىلىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك بارغانچە گەۋدىلەنمەكتە ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە چۈشكۈنلۈك، قورقۇنچ، يالغۇزلۇق، ئەندىشە، جىددىيلىشىش، تىت-تىت بولۇش، گۇمانخورلۇق قاتارلىقلار كۆپ كۆرۈلمەكتە ئىكەن.

بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئۆلىمالار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئۆلىمالار «قۇرئان» ئۆگەتكەن تەلىماتلار بويىچە تەبلىغ قىلىشنى باشلىغان. زىيالىلارمۇ پسىخولوگىيە ئىلمى بويىچە توردا دەرسخانا ئېچىپ، ۋاتسئاپ توپلىرىنى قۇرۇپ مۇساپىرچىلىقتىكى دەرتلەرگە مەلھەم ئىزدەشكە باشلىغان.

ئامېرىكادا ياشايدىغان دوختۇر مەمەتئىمىن ئەپەندى گەرچە مەخسۇس پسىخىك دوختۇر بولمىسىمۇ، كۆز ئالدىدىكى جىددىي ئېھتىياج سەۋەبلىك پسىخولوگىيە ھەققىدە ئىزدەنگەن ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆزىنىڭ تورخاتىرىسىدە، ۋاتسئاپ توپلىرىدا پسىخىك مەسلىھەت سورىغانلار ۋە كەڭ جامائەت بىلەن ئورتاقلىشىشقا باشلىغان. 

دوكتور مەمەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلۈۋاتقان پسىخىك مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلۈۋاتقان پسىخىك مەسىلىلەرگە ئاساسەن ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشەلمەسلىك، ئۇلارنىڭ قاماقتىكى تەقدىرىدىن ئەنسىرەش، تەربىيىلەش نامىدىكى يىغىۋېلىشلارنىڭ مۇددىتى بولماسلىقى سەۋەبىدىن تىت-تىت بولۇش قاتارلىقلار سەۋەب بولغان ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلۈۋاتقان پسىخىك مەسىلىلەر ھەققىدە كانادادا ياشايدىغان سىياسىي پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىمنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ پەرقلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭچە مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ پسىخىك مەسىلىسىنى پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدا كۈچەيگەن زۇلۇمغىلا باغلاش يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇنداق پسىخىك مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمىنى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن دەپ قارايدىكەن.

رۇقىيە تۇردۇش خانىم ھازىر كۆچمەنلەر ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان پسىخىك مەسىلىلەرگە مەسلىھەت بېرىش، داۋالاش ئىشلىرىدا ياردەمچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىكەن. ئۇ ئۆزى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان پسىخىك داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بەزىلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ كۆزىتىشىچە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا پسىخىك مەسىلىلەرگە يولۇققانلار ئۆزى كۆرگەن باشقا مىللەت بىمارلىرىدەك كۆپ ۋە ئېغىر ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇنى ئۇيغۇرلاردىكى مەشرەپ ئەنئەنىسى، ناخشا ئۇسۇل مەدەنىيىتى ۋە جامائەتچىلىك ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىكەن. 

كانادادا ياشايدىغان سىياسىي پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رەھىمسىز زۇلۇملىرىنى مەنىۋى تاجاۋۇز دەپ قارايدىكەن. ئۇنىڭچە، بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى قۇل قىلىش، جاسارىتىنى ئۆلتۈرۈش، ئۈمىدىنى ئۆچۈرۈپ قايتا باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئىكەن. 

رۇقىيە تۇردۇش خانىم ئۇيغۇرلار مەيلى مۇھاجىرەتتە گىرىپتار بولغان پسىخىك مەسىلە بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېلىپ كەلگەن روھى ساقسىزلىق بولسۇن تەدرىجىي ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىغا ئۈمىدۋار ئىكەن. ئۇ ئۆزى ئىش ئورنىدا دائىم قوللىنىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. 

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلاردىكى ئاللانىڭ ياردىمىگە بولغان شەكسىز ئېتىقاد، جۇشقۇن ناخشا-ئۇسۇللار، قىزغىن مەشرەپ ۋە كۈچلۈك قېرىنداشلىق رىشتىسى روھى ساغلاملىقنىڭ ئاساسى ئىكەن. ئۇلارچە، پسىخىك ساغلاملىقتا مەسىلە كۆرۈلگەندە مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت ئېلىشقا جۈرئەت قىلسا، داۋالىنىشقا ئەھمىيەت بەرسە ھەر قانداق پسىخىك بېسىملارنى يېڭىپ كېتىش مۇمكىن ئىكەن.

تولۇق بەت