27-ئاپرېل كۈنى «ئىستانبۇل ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە جەمئىيىتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىئىنەزەردىن يېڭى يىپەك يولى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي ئۆتكەللىرىگە نەزەر: شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىن «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. «ئىستانبۇل ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئۆمەر فارۇق بوزتەپە ئېچىلىش سۆزى قىلدى ۋە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ، بىلىمنىڭ كۈچ ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشنى خالايدىغان بىلىملىك ئالىملارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا يەنە دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى مەخپىي ھالدا ئېلىپ بارغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك بېسىم سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى»، يەنى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىش پىلانى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يىغىندا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاي زۇلۇملىرىنىڭ سەۋەبلىرى» ئۈستىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە «خىتاينىڭ يىپەك يولى پىلانى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم، «خىتاينىڭ ‹يېڭى يىپەك يولى› پىلانى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان چوڭ بىر توسالغۇ بولۇپ كۆرۈنۈۋاتىدۇ،» دېدى.
دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى خىتاينىڭ يىپەك يولى پىلانى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورۇنغا جايلاشقانلىقىدىندۇر. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان 8 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بېيجىڭنى ئۇزاقتىن قوغداش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان بولمىسا بولمايدۇ. پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلغانسېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئەبەدىي ئىشغالىيەتتە تۇتۇپ تۇرۇش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. دۇنيادىكى 144 تۈرلۈك مەدەندىن 124 خىلى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىدۇ. نېفىت بايلىقىنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق. نېفىت قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلار ئەرەب دۇنياسىنى خۇشال بولغان بولسا، بىزدىكى بۇ بايلىقلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قايغۇغا سالماقتا. چۈنكى خىتاي بۇ بايلىقلارنى سۈمۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.»
دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ «يىپەك يولى پىلانى» نىڭ دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىش پىلانى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىمى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بىر تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پەرھات تەڭرىتاغلى يەنە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىك قىلمىشلىرىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن پاش قىلدى.
پەرھات تەڭرىتاغلى «يىپەك يولى» نىڭ ئەسلىدە تۈركىي تىللىرى ئائىلىسىدىكى خەلقلەرنىڭ «مەدەنىيەت يولى» ۋە مىراسى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە بۇ «مەدەنىيەت يولى» نى ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر ۋاسىتىگە ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ھەم دېڭىزدىن ھەم قۇرۇقلۇقتىن يول ياساشتىكى ئاساسىي مەقسەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ، خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» پىلانى ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چوڭ بىر توسالغۇ بولۇپ كۆرۈنۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان «ئىستانبۇل ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئۆمەر فارۇق باشتەپە بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۆمەر فارۇق ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز چۈشەنچىگە، پىكىر-قاراشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىمىز، ئەقىل بىلەن تەپەككۇر قىلىپ ئىزدەنگەندىلا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئىمكانىيەت تاپقىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىلىمنىڭ كۈچ ئىكەنلىكىنى، نەچچە ئون مىليونلۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولالايدىغان ئەڭ ئاز دېگەندە 40 نەپەر بىلىملىك ئالىم يېتىشتۈرۈلۈشى كېرەك.»
0:00 / 0:00