3-ماي كۈنى نيۇ-يوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ 23- قېتىملىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنى «ئۇيغۇر دىياسپوراسى ۋە خىتاي» دېگەن تېمىغا بېغىشلانغان. مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلاردا ھازىرقى زامان مىللەتپەرۋەرلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئويغىنىشى ۋە ئۇلاردا مىللىي دۆلەتچىلىك ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا بېغىشلانغان ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.
يىغىن كۈنتەرتىپىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكتور ئەنۋەر توختىنىڭ «تەسەۋۋۇردىكى مىللەتچىلىك: 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئاتوم بومبىسى» ناملىق ماقالىسى، دوكتور دىلنۇر رەيھاننىڭ «تور دۇنياسىدىكى مىللەتچىلىك ۋە ئۇنىڭ كۆپ خىل مەۋجۇتلۇق ئىمكانىيەتلىرى» ناملىق ماقالىسى، شى چيەنيۈنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيەدىكى مىللىي ھەرىكىتى ۋە سىياسىي تورى» ناملىق دوكلاتى، تۈركىيەدىن يىغىنغا قاتناشقان زاھىدەئاينىڭ «شىئە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى تەسىرى» ناملىق ماقالىلىرى سۇنۇلغان.
يىغىن قاتناشچىلىرىدىن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يىغىن ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلى يىغىندا 5 كىشىنىڭ تەتقىقات ماقالىسى سۇنۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىككى كىشى يىغىنغا قاتنىشالمىغان. يىغىندا ئەنگلىيەدىن دوكتور ئەنۋەر توختى ئەپەندى، فىرانسىيەدىن دىلنۇر رەيھان خانىم ۋە خوڭكوڭ جۇ خەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىسى شى چيەنيۈ قاتارلىقلار ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.
مەمەت ئىمىن ئەپەندى يىغىندا يۇقىرىقى 3 نەپەر تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا دوكتور ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ ماقالىسى يىغىن ئەھلىدە زور قىزىقىش قوزغىغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ۋە ئورگان سودىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتلىرى بىلەن خەلقئارا تېببىي ساھەدە تونۇلغان ئەنۋەر توختى ئەپەندى 3- ماي كۈنى ئەتىگەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۆزىنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان مەزمۇنلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئەنۋەر ئەپەندى ماقالىسىدە 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە ئۇنۇڭ سوۋېتلار ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى ئاتوم بومبىسى قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بايلىق مەنبەلىرىگە بولغان ئېھتىياجى قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەمەت ئىمىن ئەپەندى يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، مەزكۇر يىغىننىڭ گەرچە بىر تەتقىقات ئورگىنى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە ئىلگىرىكى تارىخى ساۋاقلار، نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدىمۇ نۇرغۇن تالاش-تارتىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىز يىغىندىن كېيىن مەزكۇر يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن دوكتور ئەنۋەر ئەپەندى، دوكتور دىلنۇر خانىم ۋە شى چيەنيۈ ئەپەندىلەرنى ئايرىم زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان باشقا يىغىنلاردا بولغىنى ئۈچۈن پۇرسەت چىقىرالمىدى.
ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدەك ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى ھازىرقى ۋەزىيەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.
0:00 / 0:00