خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋەرلىرىدە، 2015 يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىق خىزمىتى بويىچە 1000 نەپەر تايانچ يېزا كادىرىنى تەربىيىلىگەنلىكىنى ، 2014 يىلى ھەرقايسى ۋىلايەت-ناھىلەردە يېزا كادىرلىرىنى نۇقتىلىق ھالدا مۇقىملىق خىزمىتىدە تەرببىيىلەش يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى تەكىتلىشى، بولۇپمۇ 2014-يىل 5-ئايدىن 2015-يىل 5 ئايغا قەدەر سوزۇلغان «بىر يىللىق تېرورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ۋە 2015-يىل يىل ئاخىرى ماقۇللانغان «ئېررورلۇققا زەربە بېرىش قانۇنى»گا قارىتا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تۇرلۇك ئانالىزلار ئېلان قىلىندى. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بولسا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكىتلىنىۋاتقان مۇقىملىق خىزمىتى ۋە مۇقىملىق كادىرلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇقىمسىزلىققا سەۋەپ بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ پروگراممىسىدا بولسۇن.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى»نىڭ 7- يانۋاردىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزىلاردا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» ئۈچۈن، 2014- يىلى مەخسۇس يېزا دەرىجىلىك تايانچ كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ھەرقايسى ۋىلايەت- ناھىيىلەردە 35 مىڭدىن ئارتۇق يېزا كادىرى مۇقىملىق خىزمىتىدە تەربىيىلەنگەنلىكى، 2015 -يىلى 1000 نەپەر يېزا دەرىجىلىك مۇقىملىقتا تايانچ كادىرلار تەربىيىلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، مۇقىملىق بويىچە تەربىيىلىنىدىغان كادىرلارنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» سىياسىتىنى يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدىكى مەخسۇس تەربىيىلەش نىشانى بويىچە 45 كۈنلۈك سىياسىي نەزەرىيە كۇرسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا تاراتقۇلاردا بېرىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزلاردا ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، " تېررورلۇققا زەربە بېرىش" نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق- قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويغان «ئېرورلۇققا زەربە بېرىش قانۇنى»نىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى تەكىتلەندى. مەسىلەن «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئاندرېي ياكوپنىڭ « خىتاينىڭ يۇقۇرى بېسىملىق تەقىپىدە غەزەپ ئوتى قايناۋاتقان شىنجاڭ» سەرلەۋھىلىك چاتما خەۋەر ئانالىزىدا ۋە فرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا گۇتېرنىڭ «18-سېنتەبىر باي كۆمۈركان ھۇجۇمى ۋەقەسىنى» «ئۇ يغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكىتى» دەپ تەرىپلىگەنلىكى ئۈچۈن، خىتايدىن قوغلانغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم خەۋەر ئانالىزلىرىدا ،«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللى سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق قارشىلىق ۋەقەلىرى " تېررورلۇق " دەپ بېكىتىپ باستۇرۇلۇشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەنقىدلەشلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چەتەللەردىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندى، ئامېرىكىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن پوكۇڭ ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر سىياسى ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللى باستۇرۇش سىياسىتى ۋە رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان «مۇقىملىقنى ساقلاپ تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى، دائىرىلەر تەربىيىلەۋاتقان مۇقىملىق كادىرلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى زوراۋانلىق- قارشىلىق ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونغا ئايلىنىپ قېلىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللى ۋە دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەپ بولغاندىن باشقا يەنە تېخىمۇ مۇھىمى رايوندا بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىۋاتقان يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ئاتالمىش «مۇقىملىق خادىملىرى»نىڭ سەۋەپ بولىۋاتقانلىقى, « يېزا- ئاساسي قاتلام مۇقىملىق كادىرلىرىنىڭ ئەمىلەييەتە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقان ئامىللاردىن بىرى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
«بېيجىڭ باھارى ژورنىلى»نىڭ باش مۇھەررى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىدا تەكىتلىنىۋاتقان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش، مۇقىملىقنى ساقلاش» نامىدىكى ھەرىكەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رايوندىكى مۇقىملىق خادىملىرىنىڭ ئاتالمىش ۋەزىپىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «خىتاينىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش سىياسىتى ئەمەلىيەتتە بارلىق ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن قىلىش سىياسىتى دىيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىمۇ تېخىمۇ كۆپ دۈشمەن پەيدا قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ دۈشمەنلەر ئەلۋەتتە ئاتالمىش "تېررورچىلار" نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ ئەھۋالىنى بىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، كومپارتىيە تېررورلۇققا قانچە قاتتىق زەربە بەرگەنسېرى تېررورلۇق -زوراۋانلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى شۇنچە كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ.چۈنكى خىتايدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئامېرىكىغا ئوخشىمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆججەتلىرىدىمۇ ئېنىق دېيىلگەن. ختايدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلارغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئاتالمىش تېررورچىلار يەككە-يېگانە ئائىلە ئەزالىرىنى ئاساس قىلىپ، پىچاق-پالتا قاتارلىق ئىپتىدائى قوراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ چەتئەللەر بىلەن باغلىنىشى بارلىقى ھەققىدىمۇ ئىسپاتلار تېپىلمىدى. رايوندىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە ئالدى بىلەن شۇ رايوندا يۈرگۈزۈلگەن قاتتىق قول سىياسەت ۋە ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلار قوللانغان رادىكال ۋاستىلار سەۋەپ بولغان،» دېدى.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئېلشات ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولغان يېزا كادىرلىرىنىڭ رايوندىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (ئاۋاز)
ئېلشات ئەپەندى يەنە يېقىندا پەيزىۋات ناھىيسىدە يۈز بەرگەن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ئىككى ئۇيغۇر ۋەقەسىنى نەقىل ئېلىپ، ئەينى چاغدا بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئېتىۋېتىلىشىگە ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن مەسچىتكە كىرىشتىن توسۇلۇشى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تالاش - تارتىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى نەقىل ئېلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان مۇقىملىق كادىرلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ«تېررورلۇققا زەربە بېرىش، مۇقىملىقنى ساقلاش» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان رادىكال باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاسساسىي سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.(ئاۋاز)
ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن پوكۇڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئاتالمىش تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋە مۇقىملىق سىياسىتىنىڭ مىللى ۋە دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگۈچىلەرنىڭ بىرى.
ئۇ ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ :«بۇ يەردە ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا باستۇرۇش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تارتىۋېلىش،ھەتتا مەدەنىيىتى-ئۆرۈپ ئادىتىنى ۋەيران قىلىش قاتارلىقلار يۈز بېرىۋاتىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، مەسىلىنى خىتاي كومپارتىيىسى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ختاي كومپارتىيىسى ئالدى بىلەن بۇ يەردە يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېرورىزىمى سىياسىتىنى يوقۇتۇشى كېرەك. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغىنى يوق، ئۇلار ھەر ۋاقىت مۇشۇ خىل قاتتىق قول سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، ئاتالمىش "مۇقىملىق خادىملىرى ۋە ساقچىلار ئارقىلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى ئالدى بىلەن رايوندا يۈرگۈزۈلگەن باستۇرۇش سىياسىتى ۋە بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلغۇچىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ،» دېدى.
0:00 / 0:00