مۇستەقىللىق مېھمان ئەمەس

ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2021.08.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
مۇستەقىللىق مېھمان ئەمەس «يېخەن» ئەپەندىنىڭ «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «مۇستەقىللىق تەلىپى ئۇيغۇر داۋاسىغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن» دېگەن ماۋزۇدىكى ماقالىسى. 2021-يىلى، 27-ئىيۇل.
FP

«كۆپىنچە ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقنى خالىمايدۇ» دەيدۇ ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر «يېخەن» ئەپەندى. ئۇ ئامېرىكادا چىقىدىغان «تاشقىي سىياسەت» ژورنىلىغا «مۇستەقىللىق تەلىپى ئۇيغۇر داۋاسىغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن» دېگەن ماۋزۇدا ماقالە يېزىپ، مۇستەقىللىق تەلىپىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا كەلتۈرىدىغان سەلبىي تەسىرىنى شەرھىيلەيدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە تەكىتلىگەن مۇستەقىللىق تەلىپىنىڭ «پايدىسىز» تەرەپلىرىنى يورۇتۇشتا قوللانغان نوقتىئىينەزەرلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەندە تۆۋەندىكى ئالتە نوقتىغا يىغىلىدۇ: بىرىنچى، كۆپىنچە ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقنى خالىمايدۇ. ئىككىنچى، شەرقىي تۈركىستان ئوقۇمى ۋەتەندە ئېتىراپلىق ئەمەس، كۆك بايراقنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم ئەمەس. ئۈچىنچى، شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسىم تېرورلۇق بىلەن باغلانغان، بۇ ئىسىم خىتايدا جۇغراپىيەلىك ئىسىم ئەمەس، تېرورچى تەشكىلاتلارنىڭ ئىسمى. تۆتىنچى، مۇستەقىللىق تەلىپىنى خىتاي خەلقى قوبۇل قىلمايدۇ، بۇ تەلەپ بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشمەك تەس. بەشىنچى، مۇستەقىللىق تەلىپى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاقىشىدۇ، بۇ ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئالتىنچى، مۇستەقىللىق تەلىپى ئۇيغۇر داۋاسىنى ھەقلىق داۋادىن ھەقسىز داۋاغا ئايلادۇرۇپ، خەقلەرنىڭ قوللىشىنى قوزغىيالمايدۇ.

مەزكۇر ماقالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، تۇنجى تەسىراتىم ئەپسۇسلىنىش بولدى. كۆز ئالدىمدا مەيدانغا چۈشمەي توپچىلارغا يول كۆرسىتىۋاتقان بىر ئىختىيارى مەشقاۋۇلنىڭ ئوبرازى گەۋدىلەندى. «بىر پۇتبول مەستانىسىنىڭ تېلېۋىزور ئالدىدا ئالغان نەق مەيدان تەسىراتى ئىكەن» دېگەن ئويغا كەلدىم. ئەگەر مەزكۇر ئاپتور نامايىشلارغا پات-پات چىققان بولسا، نامايىشچىلار قاتارىدا كۆك بايراق كۆتۈرگەننىمۇ، كۆتۈرمىگەننىمۇ، «شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق» دېگەننىمۇ، «ئائىلەمنى قويۇپ بەر» دېگەننىمۇ كۆرگەن بولاتتى. ئەگەر بۇ زىيالىي قىلىنىۋاتقان داۋادىن ئەتراپلىق خەۋەردار بولغان بولسا، داۋاگەرلەر ئىچىدە پەقەت لاگېرلار ھەققىدىلا ھەرىكەت قىلىپ باشقا تېمىلاردا توختالمايدىغان ئاكتىپلارنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا سىياسىي شۇئارلاردىن خالى «ئائىلە نۆۋىتى» ھەرىكىتىنىڭ «مىللەت نۆۋىتى» ھەرىكىتىگە ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى.

ئاپتور «ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى مۇستەقىللىقنى خالىمايدۇ» دېگەن بايانىدا ئىلھام توختىنى مىسالغا ئالىدۇ. توغرا، ئىلھام توختىنىڭ ئون يىللار بۇرۇن ئاپتونۇمىيەنى تەرغىپ قىلغانلىقى ۋە بىر راي سىناش قىلغانلىقى راست. مەزكۇر راي سىناش بويىچە كۆپىنچە ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقى ئاپتونومىيەنى خالىغانلىقىمۇ ئەمەلىيەت. ئەمما ئۇ بۇندىن 10 نەچچە يىل بۇرۇنقى رېئاللىق. ئىلھام توختى ئۇ چاغدا خىتاي زىيالىلىرى بىلەن دەرقەمتە ئولتۇرۇپ، خىتاينى قانداق دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ھەققىدە پاراڭلىشالايدىغان دەۋر ئىدى. ئۇ چاغدا ئىلھام توختى خىتايدا تۇرۇپ دۇنيادىكى داڭلىق مەتبۇئاتلار بىلەن ئاشكارا سۆھبەت قىلىۋاتقان ئىدى، ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى، «ئ‍ۇيغۇر بىز» دېگەن تورى ئوچۇق ئىدى. ئىرقى قىرغىنچىلىق باشلانمىغان چاغدا بېرىلگەن بايانات، قىلىنغان تەشەببۇس بىلەن ھايات ماماتلىق پەيتىدە چىقىرىلىدىغان قارار ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ. بۈگۈن ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن بىللە ياشاشنى تاللاش ھالىتىدە ئەمەس، ھايات ماماتلىق دوقمۇشىدا.

ئاپتور ماقالىدە تىلغا ئالغان كۆك بايراق، شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئۇقۇملارنىڭ ۋەتەندە ئېتىراپ قىلىنىش-قىلىنماسلىقى بىر كىشى ئاشكارا ساناپ مۆلچەرلىيەلەيدىغان مەسىلە ئەمەس، ئەمما دىققەت بىلەن سەپ سالسا ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىدا ئىزى تېپىلماس ئۇقۇملارمۇ ئەمەس. مىسالەن، كۆك بايراق ۋە ئاق يۇلتۇزنىڭ رەڭگىدە سىرلانغان غۇلجا ئۆيلىرى، ئۈرۈمچىدە نەچچە مىڭ كىشىلىك پۇتبول مەيدانلىرىنى تولدۇرغان «ھۇررا» دېگەن خەتلىك كۆك مايكا، ئۇيغۇر مەسچىتلىرىگە ئويۇلغان ئاي يۇلتۇزلۇق نەقىشلەر، ئۈرۈمچى زەرگەرخانىلىرىدا بازارلىق بولغان ئاي يۇلتۇزلۇق زىرىلەر، بۆك بازارلىرىدا سېتىلغان ئاي يۇلتۇز شەكلى چۈشۈرۈلگەن دوپپا، پات-پات چىقىرىلىپ تۇرىدىغان كۆك بايراق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراققا بولغان سۆيگۈسىنىڭ دەلىلى.

ئاپتورنىڭ شەرقى تۈركىستان دېگەن سۆزنى تېرورچىلارغا باغلىنىپ قالدى، دەپ ۋايىم يەپ كېتىشىمۇ يېتەرلىك ئاساسقا ئىگە ئەمەس. ئۇيغۇر داۋاسىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىنى قوللىنىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ بىرەر دۆلەتتىكى تەشكىلىي رەسمىيەتلىرى تېرورلۇققا چېتىلىپ گۇمان قوزغىغان، تەپتىشلەنگەن ئەمەس. بۇ ئاتالغۇنى خىتايدىكى خىتايلارنىڭ تېرورغا باغلاپ خاتا چۈشىنىپ قېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇمۇ ئارتۇقچە ئەندىشە. ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىدا تەشۋىقات ئوبيېكتى خىتاي ئىچىدىكى خىتايلار ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقىنى رەقەملىك تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئەركىن دۇنيادا بولۇۋاتقان تەشۋىقاتتىن بەھىرلىنىش پۇرسىتى ئىنتايىن تۆۋەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تەشۋىقاتلار ئېنگىلىز تىلىدا كېتىۋاتقان بولغاچقا ئۇيغۇرنى چۈشەنگۈسى بار، تام ئاتلاپ خەۋەر ئاڭلايدىغان ئىنگىلىزچە بىلىدىغان خىتايلار ئاق قارىنى ئايرىپ بولالايدۇ.

ئاپتورنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنى ئەسلىتىپ مۇستەقىللىق تەلىپىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلىكىگە تاقىشىدىغانلىقىنى دېيىشى داۋادىن بىخەۋەرلىكتىن كەلگەن. ب د ت يىغىنلىرىغا ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بىر دۆلەت سالاھىيىتى بىلەن قاتناشمايدۇ. ب د ت ئەمەس، ھەر قانداق دۆلەت، ھۆكۈمەت ۋە ئورگان ئۇيغۇرلارنى ئاشكارا قوبۇل قىلغاندا، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىگە ۋەكىل قىلىپ كۆرۈشمەيدۇ. قاتناشقۇچىلارمۇ كۆك بايراقنى ئالدىغا تىكلەپ ئولتۇرۇپ كۆرۈشمەيدۇ. شۇڭا خەلقئارا سەھنىدە مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ ھەقسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىش ئېھتىمالى ناھايىتى تۆۋەن. چۈنكى مۇشۇ كۈنگىچە ھېچ بىر خەلقئارالىق ئورگان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن قاچان مۇستەقىل بولىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات تەلەپ قىلىپ باققان يوق.

ئاپتۇر ماقالىدە ئۆزىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى، ئەمما سۈكۈتنى تاللىغۇچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇ ئىككى نوقتىدىن چۈشەندۈرىدۇ. ئۇنىڭچە، بىرى خىتاينىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقى، يەنە بىرى ھازىرقى قارشىلىقنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بولغانلىقىدىن ئىكەن. ئاپتور ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىنى پۈتۈنلەي مۇستەقىللىق تەلىپى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، بولۇۋاتقان ھەرىكەتنى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى دەپ قارايدۇ، ھەمدە بۇنى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سىياسىي قاراشلاردىكى ھەر خىللىققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەتتا بەزى پائالىيەتچىلەرنىڭ قىلغانلىرىنى داۋانى خىرەلەشتۈرۈش ۋە تالاپەتلىك دەپ قارايدۇ. مەنچە بۇ ئۇيغۇردىن، داۋادىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ پۇچلىنىۋاتقان بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشتىكى ئورتاق باھانىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھازىر بىر مىللىي داۋادىن خەلقئارالىق داۋاغا ئايلانغانلىقىنى، ئۇيغۇر داۋاگەرلەرنىڭ داۋادىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇشتىن كۈچلەرنىڭ بىرى بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرمىگەنلىكىدىن بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

مۇستەقىللىق تەلىپى ئۇيغۇر داۋاسىغا زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مۇستەقىللىق تەلەپ ئەمەس، ئۇ ب د ت نىزامنامىسى بېكىتكەن ھوقۇق، ئۇنىڭ قانۇنىي ئىسمى «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى». مۇستەقىللىق ئازاتلىقنى چىللاۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ دۇنياغا تارقاتقان، خەۋەر كۈتۈپ ئولتۇرغان تەكلىپنامىسى ئەمەس. ئۇ بارلىق مۇستەملىكە مىللەتلەر ئېرىشكەن، ئۇيغۇرمۇ ئېرىشىشكە تامامەن ھەقلىق بولغان ھوقۇق. مۇستەقىللىق تاللاش ئەمەس زۆرۈرىيەتتۇر. مۇستەقىللىق ئۇيغۇرنىڭ دۇنيادىن كۈتىۋاتقان جاۋابى ئەمەس، خەلقئارا قانۇنلار بويىچە قولىغا ئالماقچى بولغان ھوقۇقى. خىتاي ب د ت نىزامنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇستەملىكە قىلىۋالغان ئۇيغۇر زېمىنىدىن چېكىنىشى، ئۇ توپراقنى ھەقدارلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. ب د ت غا دائىمىي ئەزا ئەنگىلىيە خوڭكوڭدىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن قانداق ۋاز كېچىپ 150 يىل كېيىن قانداق چىقىپ كەتكەن بولسا، خىتايمۇ 72 يىل بۇرۇن بېسىۋالغان مۇستەملىكەسىدىن شۇنداق ۋاز كېچىشى ۋە شۇنداق چىقىپ كېتىشى كېرەك.

***مەزكۇر ماقالىدىكى كۆزقاراشلار ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.