مۇسۇلمان دۆلەتلىرى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمايدۇ؟ (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلھام
2019.02.28
mewlut-chawushoghlu-bdt-uyghur-mesilisi.jpg ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ 40-نۆۋەتلىك يىغىنىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 25-فېۋرال، جەنۋە.
REUTERS

ئالدىنقى كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن دۇنيا جامائەتچىلىكى «مۇسۇلمان دۆلەتلىرى نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمايدۇ» دېگەن سوئالنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇزۇندىن بۇيان بۇ تېما ھەققىدە ئويلىنىپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىسلامشۇناس ئالىملار ۋە مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر دىنىي سەرخىللىرى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چېخ جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئوندرېي كلىمەس ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر سوئال. بۇنىڭ بىرنەچچە سەۋەبى بۆلىشى مۇمكىن. ئەڭ مۇھىم سەۋەب بولسا بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ناھايىتى قويۇق سودا مۇناسىۋەتلىرىدۇر. خىتاي بۇ دۆلەتلەردە تەسىر كۈچى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تېخنىكا ۋە باشقا ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئەسلىدىنلا خىتاينىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى يوشۇرۇنغان بۇ ئىستراتېگىيە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچ بىر سادا چىقارماسلىققا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.»
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «يەنە بىر سەۋەب ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا ئەسلىدىنلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يېتەرسىزلىك ياكى ئەمەلىي مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت قانۇنىدا بېكىتىلگەن كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىدا مەسىلە مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋاللىرى خىتاينىڭكىگە ئوخشاپ كەتكەچكە ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خەلقئارانىڭ بېسىمىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى ئويلايدۇ.»
گېرمانىيە بايروئېت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىسلامشۇناس پائۇلا شرودې خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىدىمۇ ئىسلام دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن قىزىقىدىغىنى خىتاي بىلەن ھەشەمەتلىك سودا توختاملىرىنى تۈزۈش. خىتاينىڭ يېقىن قوشنىسى ۋە شېرىكى بولغان پاكىستان خىتاينىڭ ‘بىر يول بىر بەلۋاغ’ قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر دۆلەت. بۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىدىكى ئەۋزەللىكىنى پۇرسەت بىلىپ، خىتاي بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىش يوللىرىنى ئىزدەپ كەلمەكتە. بۇ دۆلەت يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەشۋىق قىلىشنى پەقەت ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقرالىرى ئارىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى كۆتۈرىدىغان، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئىشەنچلىك ھەم ئەخلاقلىق قىلىپ كۆرسىتىدىغان بىر خىل چارە دەپ قارايدۇ. ئەپسۇسكى، نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش جەھەتلەردىكى يېتەرسىزلىكلىرى شۇنچە كۆپ تۇرسا، ئۇلار قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ، بولۇپمۇ خىتايدەك كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن؟! مېنىڭچە، ئۇلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىقنى راھەت ۋە پايدىلىق ئۇسۇل دەپ قارىشىدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز دىنىي قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرى نامرات. ئۇلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە قوللىشىغا موھتاج. ئۇلار ئالغان ياردەملىرى ھېسابىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قەستەن كۆرمەسلىككە سېلىشقا مەجبۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر قەدەر ياخشى بولغان بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى غېرىب دۆلەتلىرىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش، تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، ئۆزىنى خىتايغا يېقىندەك كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىپادىلەۋاتىدۇ. خىتايمۇ ئۇلارنى قوللىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان.»

قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! بۇ ھەقتىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار، پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىغا قۇلاق سالغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.