دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەر ئابدۇراخمان ياپونىيە دۆلەتلىك پەلسەپە ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتچىلىك پەلسەپىسى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى.
ياپونىيەدىكى كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەر ئابدۇراخمان، ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك پەلسەپە ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك پەلسەپىسى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگەن. ئۇ لېكسىيىسىدە، ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇ بىلىك قامۇسىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەبىئەت پەلسەپە ئاساسلىرىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ كۈنكى لېكسىيىسىنىڭ دىققەت تارتقان نۇقتىلىرى ۋە بۇ لېكسىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئەھمىيىتى ھەققىدە مەلۇم بەردى.
سوئال: ئاڭلىساق، سىز ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيەدە ئېچىلغان دۆلەتلىك پەلسەپە ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا قاتنىشىپسىز، ئاۋۋال مۇشۇ يىغىن ھەققىدە قىسقىچە بىر مەلۇمات بەرسىڭىز؟
جاۋاب: شۇنداق، يىغىن 11 - ۋە 12 -ماي كۈنلىرى ئېچىلدى. بۇ يىغىن يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، ياپونىيە ۋە دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى پەلسەپە تەتقىقات نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىنغا ياپونىيەدىن باشقا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ ئالىملار، پەيلاسوپلار قاتناشتى.
سوئال: يىغىندا سىز ئوقۇغان لېكسىيىنىڭ تېمىسى نېمە؟
جاۋاب: ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى ئاساسلىرى.
سوئال: لېكسىيىڭىزنىڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان نۇقتىلىرى قايسىلار، بۇلارنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئاممىباب بىر تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟
جاۋاب: بار. بىرىنچى، بۇ يىل 72 -قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك پەلسەپە يىغىنىدا ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئىدىيىسى دېگەن بۇ تېمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى. ئىككىنچى قانۇنغا تايىنىپ دۆلەت باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئىلغار بىر ئىدىيىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئالىمى، بىر ئاسىيالىق تەرىپىدىن مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى. ئۈچىنچى پەلسەپىدە 4 زات قارىشى دەپ بىر گەپ بار. يەنى ئوت، تۇپراق، سۇ ۋە ھاۋادىن ئىبارەت بىر-بىرىگە خاراكتېرلىك 4 زات مۇناسىۋىتىنىڭ دۆلەتچىلىك پەلسەپىسىگە تەتبىقلىنىشى....
سوئال: لېكسىيىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىمۇ بارمۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە بار. بىرىنچى، ئۇيغۇر مىللىتىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ پەن تەتقىقات تارىخىنى دۇنيادىكى تەسىرلىك ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەرگە تونۇشتۇرۇشتا رولى بار. ئالىملار ئارقىلىق سىياسەتچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۈملۈك بىر يول دەپ قارايمەن. ئىككىنچى، خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىنى تېررورلۇققا باغلاپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك پەلسەپىسىدە قانۇن دۆلىتى بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىنغانلىقىنىڭ ئۆزى، خىتاينىڭ يۇقىرىقى تەشۋىقاتىنى ئىنكار قىلىدۇ. ھىندىستانلىق گەندى ۋە خىتاي سۇن جۇڭشەننىڭ ھاياتى ۋە نەتىجىلىرىگە قارىساقمۇ، پەلسەپە بىلەن مىللەتنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ زىچلىقى ئايان بولىدۇ....
سوئال: بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقات تېمىڭىز ۋە پىلانىڭىز نېمە؟
جاۋاب: مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىدىكى يۆنىلىشى بىلەن، پەن-تەتقىقات ئىشلىرىدىكى يۆنىلىش بىردەك بولۇشى كېرەك، شۇڭا مەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك دۆلەتچىلىك پەلسەپىسى بىلەن غەربنىڭ زامانىۋى دۆلەتچىلىك پەلسەپىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئىككىسى ئارىسىدىكى ئورتاقلىق ۋە خاسلىقلارنى تېپىپ چىقىشنى ئويلاۋاتىمەن.
سوئال: دېمەك، مەقسىتىڭىز دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇندىنلا دۆلەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولغانلىقى ھەم بۇنىڭدىن كېيىن بىر دۆلەتنى ئادىل ۋە مۇستەقىل باشقۇرالايدىغانلىقىنى ئىلمىي نۇقتىدىن ئىسپاتلاش شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: دەل شۇنداق.
سوئال: نەتىجىلىرىڭىزنى تەبرىكلەيمىز، سىزگە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار تىلەيمىز.
جاۋاب: نەتىجە دېيىشكە تېخى بالدۇر، ئەگەر بىر نەتىجە بار دېيىلسە، بۇ نەتىجە تارىختىكى ئالىملىرىمىزغا مەنسۇپ. مەن پۈتۈن مىللىتىمىزگە غەلىبە ۋە نۇسرەت تىلەيمەن.