ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق نامرات قالدۇرۇش: كۆمۈردىن چەكلەپ، توكقا مەجبۇرلاش

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە «مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆمۈرنى چەكلەپ، يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىشكە يۈزلىنىش» ھەرىكىتى ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئەمما بۇ ھەرىكەتنىڭ قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىنچىكە تەپسىلاتلار ئەسلا ئاشكارىلانغان ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسەتلىرى قاتارىدا كۆمۈردە ئىسسىنىشتىن، توكتا ئىسسىنىشقا ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. خىتاي «مۇھىت تورى» نىڭ بۇ يىل 4-دېكابىردىكى «شىنجاڭدا كۆمۈرنى توكقا ئۆزگەرتىش ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، يېزىلاردىكى 738مىڭ 300 ئائىلىنىڭ قىشلىق ئىسسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى» ناملىق خەۋىرىمۇ دەل شۇنداق تەشۋىقاتلارنىڭ بىرىدۇر.

ئۇنداقتا، 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق نوپۇسى يېزىلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى كۆمۈردىن چەكلەپ، توكتا ئىسسىنىشقا مەجبۇرلاش، ئۇيغۇرلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۋاتامدۇ ياكى ئۇلارنى ئىقتىسادىي كىرىزىسقا پاتۇردىمۇ؟ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كۆرەيلى!

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زېمىنى كەڭ، نوپۇسى ئاز بولۇش بىلەن بىرگە، كۆمۈر زاپىسى خىتاي بويىچە 4-ئورۇندا تۇرىدۇ. گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر زاپىسى خىتاينىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «شىمالىي رايونلاردا كۆپ، جەنۇبىي رايونلاردا ئاز» بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى ئۆزى قامداشقا تامامەن يېتەرلىك دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا خىتاي «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا يۆتكەش» نى يىللار ئاۋۋاللا باشلاپ كەتكەن ئەمەسمۇ؟ ئەمما خىتاي «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلىرىدا كۆمۈر مەنبەسى ئاز، باھاسى قىممەت» دېگەن باھانە بىلەن، بۇ رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆمۈردە ئىسسىنىش ئادىتىنى، توكتا ئىسسىنىشقا ئۆزگەرتىشنى باشلىۋەتكەن. مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «كۆمۈرنى توكقا ئالماشتۇرۇش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى» 2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىلدا ئالدى بىلەن قەشقەر، قىزىلسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ئۈچ يىلدا بۇ رايونلاردىكى 286 مىڭ 672 ئائىلىلەرنىڭ ئىسسىنىش ھالىتى كۆمۈردە ئىسسىنىشتىن، توكتا ئىسسىنىشقا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇنداقتا بۇ خىل «ئۆزگەرتىش» قايسى شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان؟

قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇلارنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپ ئاھالىسى ئۇيغۇرلار بولۇپ، كۆپ قىسىم ناھىيە ۋە شەھەرلەردە ئۇيغۇرلار نوپۇسى 96 پىرسەنتتىن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەپ كەلگەن. غەلىتە يېرى شۇكى، بۇ رايونلار 80-يىللاردىن باشلاپلا «خىتايدىكى ئېغىر نامرات رايونلار» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئېچىنىشلىقى، ئۇيغۇرلارلا ياشايدىغان بۇ رايونلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا خىتايدىكى ئەڭ نامرات رايون ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست بولسا خىتاينىڭ ئاتالمىش نامراتلىقنى يوقىتىش نامىدا ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسىتى نۇقتىلىق يولغا قويۇلغان جايلاردۇر. ھالبۇكى بۇ رايونلاردا «كۆمۈرنى توكقا ئالماشتۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ دەل ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېغىر زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە يۈز بېرىشى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ھەرىكەتنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە دەسلەپ ئېلىپ بېرىلىشىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟

خىتاينىڭ «سۇمۇرغ تورى(凤凰网)» نىڭ 2022-يىلى ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
خىتاينىڭ «سۇمۇرغ تورى(凤凰网)» نىڭ 2022-يىلى ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان. (ifeng.com)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونلىرىدا كۆمۈرنىڭ باھاسى بەزىدە ھەتتا 1000 يۈەنگىمۇ يەتكەنلىكى، كىشىلەرنىڭ بۇنداق قىممەت باھادىكى كۆمۈرنى سېتىۋېلىپ، ئىسسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا قىيىنچىلىققا يولۇققانلىقى دېيىلگەن. ئەمما بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر زاپىسىنىڭ قانچىلىك نىسبەتتە ئىكەنلىكى ۋە كۆمۈر باھاسىنىڭ ئۆتكەن يىللاردىكى ئۆزگىرىشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن «سەۋەبلەر» نىڭ ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. يەنى خىتاينىڭ «سۇمرۇغ تورى(凤凰网)» نىڭ 2022-يىلى ئىيۇندىكى بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە 2021-يىلىدىن ئىلگىرى ھەر توننا كۆمۈرنىڭ باھاسى 100يۈەندىن ئېشىپ باقمىغانلىقى، ئەمما 2021-يىلىغا كەلگەندە بىراقلا نەچچە ھەسسە ئۆسۈپ كەتكەنلىكى دېيىلگەن.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2019-يىلى سېنتەبىردىكى بىر خەۋىرىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي جۇڭغارىيە رايونىدىكى كۆمۈرنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا بىۋاسىتە سېتىش ھەققىدە مەخسۇس تېلېفون يىغىنى ئاچقانلىقى دېيىلگەن. مەزكۇر خەۋەردە يەنە، يېزىلارغا خىزمەتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە كۆمۈرنىڭ باھاسىنىڭ بەكلا قىممەتلىكىنى، بەزى ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ بۇ جايلاردا سېتىش ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ، بىر توننا كۆمۈرنى تۆۋىنى 400 يۈەندىن يۇقىرىسى 460 يۈەنگىچە سېتىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەرقىي جۇڭغارىيەدىن كوللېكتىپ كۆمۈر زاكاس قىلىشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇلاردىكى كۆمۈر باھاسىنى 200-300 يۈەن ئەرزان ھالەتكە ئېلىپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

يۇقىرىقى ئىككى خەۋەردىن قارىغاندا، 2021-يىلىدىن ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر بىر توننا كۆمۈرنىڭ باھاسى بىر-ئىككى يۈز يۈەن ئەتراپىدا بولغانلىقى ئېنىق. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر باھاسىنىڭ قىممەت بولۇش ھادىسىسىمۇ 2019-يىلى كوللېكتىپ كۆمۈر سېتىۋېلىش يولى بىلەن ھەر ھالدا ھەل قىلىنغان. ئەمما مەسىلە بۇ سىياسەتنىڭ يەنىلا كۆمۈر باھاسىنىڭ قىممەتلىكىنى باھانە قىلىپ بۈگۈنگىچە داۋام قىلىشىدۇر. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى چېقىپ، باشقا جايلارغا كوللېكتىپ كۆچۈرۈش، ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىش قاتارلىقلاردىمۇ «كۆمۈردىن ئىسسىنىشنى توكتىن ئىسسىنىشقا ئۆزگەرتىش» كە مۇناسىۋەتلىك بولۇشىدۇر. مىسالغا ئالساق، «شىنخۇا تورى» نىڭ 2019-يىلى سېنتەبىردىكى بىر خەۋىرىدە بۇ ھەقتىكى بەزى مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىمىز. خەۋەردە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ كۆمۈر قالايدىغان ئۆيدىن، توك ئىشلىتىدىغان ئۆيگە كۆچۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ۋەقەلىك بايان قىلىنغان. گەرچە ۋەقەلىكتە مەزكۇر ئائىلىنىڭ پۈتۈنلەي توك بىلەن ئىسسىنىش ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلغان، ئەسلىدىكى ئۆيىدىن يىراق بولغان شەھەر ئەتراپىغا كۆچۈرۈلگەنلىكى، بۇ ئائىلىنىڭ ئەسلىدىكى جاپالىق مۇھىتتىن قۇتۇلۇپ، يېڭى ئۆيگە كۆچۈرۈلگەنلىكىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكى دېيىلگەن. دېمەك بۇ يەردە كۆمۈرنى چەكلەپ، توكتىن ئىسسىنىشقا ئۆزگەرتىش، ئۇيغۇرلارنى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىش مەسىلىسىگىمۇ چېتىلغان.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 2022-يىلى مارتتىكى بىر خەۋىرىدە بولسا، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە 892 مىڭ ئائىلىنىڭ توك بىلەن ئىسسىنىشنى باشلىشى بىلەن، ھەر يىلى 1مىليون 784 توننا كۆمۈر تېجەشكە بولىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە يەنە، كۆمۈرنى توكقا ئۆزگەرتىش 1-قارار قۇرۇلۇشىدا يەرلىكتىكى 60 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، يەنى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھەر يىلى 20مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىللىق كىرىمىنى 6 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن يەرلىكتە بۇنداق خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن دېھقانلار ئۆزى چىقىپلا قالماي، بەلكى دېھقانلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئۆستۈرۈشكە ياردىمى بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ دېگەنلىك 60 مىڭ ئۇيغۇر ئەسلىدىكى دېھقانچىلىق كەسپىنى، ئايدا 500 يۈەن مائاش ئالىدىغان ئىشچىلىققا ئۆزگەرتتى دېگەنلىك بولىدۇ. دېمەك كۆمۈرنى تاشلاپ توكتا ئىسسىنىش مەسىلىسى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى كەسىپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغان يەنە بىر ساھە بولۇپ قالغانلىقى ئېنىق. لېكىن مەسىلە، بۇ 60 مىڭ دېھقاننىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى تاشلاپ، ئىشچى بولۇشقا ماقۇل بولۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئەگەر ئىشچى بولۇش بىلەن ئايدا 500 يۈەن ئەمەس، 5000 يۈەن مائاش ئالغان بولسا ئىدى، بۇ دېھقانلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەسىپ ئۆزگەرتكەنلىكىگە ئىشىنىش ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىدى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئايلىقى 500 يۈەنلىك خىزمەت ئۈچۈن كەسىپ ئۆزگەرتىشى نورماللىقمۇ؟ خەۋەردىكى باشقا يەرگە كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىدىغان بولساق، بەلكى بۇ 60 مىڭ دېھقاننىڭمۇ ئوخشاشلا ئۆي ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ، ئىشسىزلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولغانلىقىنى پەرەز قىلالىشىمىز تەس ئەمەس!

دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا كۆمۈردە ئىسسىنىشتىن، توكتا ئىسسىنىشقا ئۆزگەرتىشتىكى مەقسەت، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەمەس. بەلكى بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبتىكى نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇش، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، كەسىپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش بىلەن مەھكەم باغلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمىدۇر.

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]