مۇتەخەسسىسلەر: «نەنسىي پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى باشقىلارغا ئىلھام بولۇشى كېرەك!»

0:00 / 0:00

2-ئاۋغۇست كەچقۇرۇن دۇنيا ئاخباراتىنىڭ كۆزى تەيۋەنگە تىكىلگەن بولۇپ، دۇنيا تارىخىدىكى بىر قېتىملىق زور ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى تەخمىن قىلىنىۋاتقانىدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا-خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئوت بىلەن ئويناشماسلىققا دەۋەت قىلىمىز. چۈنكى ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ» دېيىش ئارقىلىق ئامېرىكاغا تەھدىت سالغانلىقى، نەنسىي پېلوسىنىڭ ئاسىيا سەپىرى باشلانغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى جىددىيلەشتۈرۈپ ھەربىي پاراخوت ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئارقىلىق ھەيۋە كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ شىجىننىڭ «نەنسىي پېلوسى تەيۋەنگە كەلسە ئۇنىڭ ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك» دەپ ئاشكارا خىتاب قىلىشى بۇ مەسىلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇنداق-مۇنداق مەسىلە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ ئاقسارايدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار، جۈملىدىن پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بۇ قېتىمقى تەيۋەن سەپىرىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك بۇنىڭ قويۇق پورۇخ ھىدى كېلىپ تۇرغان تەيۋەن بوغۇزىدىكى ۋەزىيەتنى يامانلاشتۇرىۋېتىشتىن باشقا رولى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ۋالېرىي شېن (Valerie Shen) ئىمزاسىدا «تۆپىلىك» (The Hill) گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نەنسىي پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە بېرىشى ئىزچىل تۈردە سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، قانۇن، تاجسىمان ۋىرۇسىنى كونترول قىلىش ۋە دېموكراتىيە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى «خىجىللىق» تا قالدۇرۇپ، خەلقئارادا «چاندۇرۇپ» كەلگەن تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئابرۇيىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىۋېتىدىغانلىقى ئۈچۈن شى جىنپىڭ بۇ قېتىم تاقەت قىلالمىغان. چۈنكى شى جىنپىڭ تەيۋەننىڭ «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ھېكايىسى» نى ئۆزىنىڭ خىتايدىكى «قانۇنىيلىقى» ۋە ھاكىممۇتلەق ئورنى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت دەپ قارىغان. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى يۇغۇرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا قارشى چىقىشى تەبىئىي ئىكەن.

ھالبۇكى، نەنسىي پېلوسى باشلاپ ماڭغان زىيارەت ئۆمىكى پىلان قىلىنغان ۋاقىتتا تەيۋەنگە چۈشكەن ھەمدە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەردىن كېيىن سەپەرنىڭ داۋامىغا ئاتلانغاندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن تەخمىنلەر پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. ئەمما بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ تەسىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزە پىكىرلىرى تېزدىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي كۈچ كۆرسىتىش ۋە دىپلوماتىك بېسىم پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «ئۆزى بۇيرۇغان ئىشنى قىلىش» قا ئىشارە قىلىۋاتقاندا نەنسىي پېلوسىنىڭ بۇ ھەيۋىلەر ۋە پوپۇزىلارنى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «سەمىمىي ئارزۇسى» نى نەزەرگىمۇ ئېلىپ قويماستىن تەيۋەنگە بېرىشى بىر قېتىملىق ئاقىلانە ھەرىكەت، دەپ قارىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا خەلقىگە بەكمۇ تونۇشلۇق بولغان چېلىشچى جون سېنا (John Cena) نىڭ 2021-يىلى تەيۋەننى «دۆلەت» دەپ ئاتاپ قويغاندىن كېيىن خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي خەلقىدىن خىتايچە ئەپۇ سورىشىدەك سەتچىلىككە سېلىشتۇرۇلغان ھالدا بۇنىڭ دۇنيا ئۈچۈن يېڭى بىر ئىلھام بولۇشى ئالاھىدە تەكىتلەندى. ئانتونى فۇرېي (Anthony Furey) ئىمزاسىدا «تورونتو قۇياشى» دا ئېلان قىلىنغان ئوبزوردىمۇ مۇشۇ مەسىلە ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە نەنسىي پېلوسىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت ھەمدە خىتاينىڭ ھەيۋە كۆرسىتىشى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «بىز تەيۋەن بىلەن بولغان دوستلۇقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. بۇ قېتىمقى زىيارەت بىزنىڭ ھېچقاچان تەيۋەننى يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىمىزنى بەش قولدەك كۆرسىتىپ قويغانلىقىمىز ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلىكى كەڭ يەر ئالغان. گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە ئورناتقاندىن كېيىن ئۆزى ئىمزا قويغان كېلىشىم بويىچە تەيۋەننى دىپلوماتىيە جەھەتتە بىر دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلماسلىقى لازىم بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى «خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسمى» دەيدىغان نەزەرىيەسىنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن. بۇ توغرىسىدا سۆز بولغان راند گۇرۇھى (RAND) نىڭ تەتقىقاتچىسى دىيۋىد ساكس (David Sacks) نەنسىي پېلوسى خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر قېتىملىق يىراقنى كۆرەرلىك بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«ئۇنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مەيدانى ئىزچىل بولۇپ كەلگەن، ئۇ خىتايغىمۇ قاتتىق بولۇپ كەلگەن. بىر ۋاقىتلاردا ئۇ بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا دېموكراتىيەنى تەرغىب قىلىدىغان بايراقنى كۆتۈرۈپ چىققان. شۇڭا بۇ قېتىمقى تەيۋەن زىيارىتىنىمۇ ئۇنىڭ خىتاينى تەنقىدلەش ۋە تەيۋەننى ھىمايە قىلىشىدىكى ئاشۇ خىل ئىزچىل مەيدانىنىڭ داۋامى دېسەك خاتا كەتمەيدۇ. يەنە بىر ياقتىن قارايدىغان بولساق تەيۋەندىكى رېئاللىق ئۇرۇش باشلىنىش ھارپىسىدىكى ئۇكرائىنانىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ تەيۋەن بوغۇزىدا ئۇرۇش باشلىنىشنى كۈتۈپ تۇرماستىن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تەيۋەنگە بولغان قوللىشىنى نامايان قىلىش لازىملىقىنى تونۇپ يەتكەن. چۈنكى بىز ھازىر ئۇكرائىنا بىلەن بولۇپ كېتىۋاتقاندا خىتاي تەيۋەنگە بولغان ئىغۋاگەرلىكنى ۋە بېسىمنى بەكلا ئاشۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇ بۇ زىيارەتنى مۇھىم دەپ قارىغان.»

ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەننىڭ ئۆتكەن 70 يىللىق مۇساپىسى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا ئۇلارنىڭ قارشى قىرغاقتىكى خىتاي كومپارتىيەسىدىن كۆپ ئالغا كەتكەنلىكىنى نامايان قىلىدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى تەيۋەندىكى ھۆكۈمەت ئۆز خەلقىنىڭ ئوتتۇرىچە مىللىي دارامەت سوممىسىنى يەتكۈزگەن سەۋىيەگە خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىچە يېقىنمۇ كېلەلمىگەن. گەرچە دۇنيانىڭ كۆپ قىسمى خىتايدىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى ۋە ئەرزان تاۋارلارغا تايىنىپ قالغان بولسىمۇ خىتايدا ھەربىي قۇۋۋەتتىن باشقا زور بىر يۈكسىلىش بارلىققا كەلمىگەن. تېخىمۇ مۇھىمى ئ‍ەنە شۇ خىل ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېشىپ مېڭىش يۈزلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا «ئۇرۇش بۆرىسى دىپلوماتىيەسى» نى ئىجرا قىلىشىغا، شۇنىڭدەك دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ساھەدە نۆۋەتتە ئۆز قوشنىلىرىدىن ھالقىپ دۇنياغا تەھدىت سېلىشىغا يول ئاچقان. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا نەنسىي پېلوسىنىڭ شۇنچە كۆپ تەھدىتلەر ۋە ھەيۋىلەرگە قارىماستىن تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە ئىلھام بېرىشى، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن «خىتاي قورقۇنچى» نى تۈگىتىشىگە ئىجابىي ياردەم بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دېيۋىد ساك مۇنداق دەيدۇ.

«شى جىنپىڭ بۇ يىل كۈزدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۈچىنچى قېتىملىق رەئىسلىكنى ئۈستىگە ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھازىر كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇنىڭدا بەك چوڭ توسقۇنلۇقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئەمما شى جىنپىڭ پەردە ئارقىسىدا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن كېلىشىم ۋە ئىچكى سودىلارنى قىلىشى، كىملەرنى يۇقىرىغا چىقىرىپ كىملەرنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى بېكىتىشى مۇمكىن. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە شى جىنپىڭ ھەرگىزمۇ ئۆز رەقىبلىرىنىڭ ئۆزىنى ‹ئاجىز› دېيىشىنى خالىمايدۇ. يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ خىتايدىكى بارلىق سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا قوماندانلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگىمۇ بۇيرۇق چۈشۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆز-كۆز قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم نەنسىي پېلوسىغا ھەيۋە كۆرسىتىشتە چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ بىر زور خاتالىق ئۆتكۈزدى. شۇڭا ئۇ خىتايدىكى ئىچكى رېئاللىقنى، ئىقتىسادىي ساھەدىكى چېكىنىشنى، ۋىرۇس ۋاباسىدىن كېلىپ چىققان داۋالغۇشنى مۇشۇ قېتىملىق ھەيۋە كۆرسىتىش ئارقىلىق پەسكويغا چۈشۈرۈشنى، شۇنىڭدەك ‹ئامېرىكا ۋە تەيۋەننىڭ تەھدىتى›نى پەش قىلىش ئارقىلىق خىتاي خەلقىنى يەنە بىر قېتىم كومپارتىيە بايرىقى ئەتراپىغا ئۇيۇشۇرۇشنى ئويلىدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىزچىل رۇسىيە بىلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىۋاتقان رۇسىيە، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن «ئىتتىپاقداشلىرى» نىڭ بىرى بولغان شىمالىي كورېيە ھەمدە خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىسى قويۇق بولغان بىر قىسىم لاتىن ئامېرىكا ئەللىرى تېزدىن نەنسىي پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى ئەيىبلەپ باياناتلار ئېلان قىلغان. ھالبۇكى ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇ قېتىمقى تەيۋەن زىيارىتىنى ئالقىشلىغان. جۈملىدىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ سەۋەبسىز ئەمەسلىكى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن «خىتاينى مەنسىتمەسلىك» قارىشىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكىنى شەرھلىگەن.