ناتونىڭ يېڭى پىلانى خىتاينىڭ تەھدىتى ۋە رەزىل قىلمىشلىرىنى توختىتىپ قالالامدۇ؟

0:00 / 0:00

2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان كوممۇنىزم لاگېرىغا قارشى مەيدانغا كەلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) بۈگۈنكى كۈندە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن. بۇ تەھدىت خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكى، ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قاتارلىقلار ئىكەن.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ناتوغا قارشى قۇرۇلغان «ۋارشاۋا ئەھدى تەشكىلاتى» سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن يوقالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ناتو ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ۋە پىلانىنى ۋەزىيەتكە قاراپ تەڭشىگەن. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ناتو خىتاينى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ بېكىتكەن.

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ناتونىڭ ئەسلىدىنلا مەيلى ناتسىزىم، فاشىزم ياكى كوممۇنىزم بولسۇن، ئىنسانغا زۇلۇم سالىدىغان بارلىق دىكتاتورلۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش ۋە غەربنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك قاتارلىق قىممەت قارىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان تەشكىلات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان تۇرۇقلۇق ئۆزىنىڭ مۇستەبىت، قەبىھ تۈزۈمىنى دۇنياغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. شۇڭا ناتو غەربنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاينى نىشانغا ئالدى، بۇنى غەرب دۇنياسىنىڭ ئۆز قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈن ياۋروپادىن ھالقىغان بىر قەدىمى دېسەك بولىدۇ».

ناتونىڭ يېقىندا ئېچىلغان رەھبەرلەر ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا 30 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىرلەشمە بايانات قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنىڭ خەلقئارا سىياسەتكە ئېلىپ كەلگەن تەھدىتى، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەھدىتكە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكى ئوچۇق كۆرسىتىلگەن. «ناتو 2030 تەشەببۇسنامىسى» ئاساسەن خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك نىشان ئاساسەن خىتايغا مەركەزلەشكەن. ناتونىڭ سابىق باش كاتىپى ئاندېرىس راسمۇسېن مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز خەتەرگە دۇچ كەلدى، شۇڭا دېموكراتىك دۆلەتلەر خام خىيالنى ئازراق قىلىپ، خىتاينىڭ تەھدىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇشى كېرەك».

مەزكۇر يىغىندىن مەلۇم بولۇشىچە، ناتو خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلار تۈزگەن. قىسقا مۇددەتلىك پىلاندا، ناتو خىتاينىڭ غەرىزى ۋە ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۆزىتىدىغان بىر ئىشخانا تەسىس قىلىپ، بۇنىڭغا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنى مەسئۇل قىلىدىكەن. بۇ ئىشخانا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئەھۋاللارنى باش شىتابقا قەرەللىك دوكلات قىلىدىكەن ۋە يىل ئاخىرىدا خىتاينىڭ تەھدىتىنى باھالايدىغان مەخپىي ھۆججەت تەييارلايدىكەن. ناتو يەنە قەرەللىك تۈردە ئەلچىلەر يىغىنى چاقىرىپ، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن. بۇ يىغىنغا ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى تەكلىپ قىلىدىكەن. بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىرلەر خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلان ئۈچۈن مۇھىم مەنبە بولىدىكەن. ناتو يەنە خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن ئاسىيا ئەللىرى بىلەن تور بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىكەن. ناتونىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى خىتاينىڭ ياۋروپا ۋە ياۋروپا يېقىنلىرىغا سالغان مەبلىغى، بازارغا سالغان تېخنىكىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى باھالاپ، ناتوغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىدىكەن.

ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلاندا، ناتو يىراق شەرقتىكى دېموكراتىك ئەللەردىن ياپونىيە، كورېيە بىلەن ھەم ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىكەن؛ شۇنداقلا ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيەدىن تەشكىل تاپقان «4 دۆلەت بىرلىكى» (Quad) بىلەن قەرەللىك ئۇچرىشىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىكىنى توسۇپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە ئەركىن سودا قاتنىشىنى قوغدايدىكەن.

سىياسىي مۇلاھىزىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ناتو ئىلگىرى بىر مەزگىل رۇسىيەنى تەھدىت دەپ قارىغان بولسىمۇ، ھازىر خىتاينى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارىغان، چۈنكى خىتاي خەلقئارا قانۇن ۋە تەرتىپنى بۇزۇپ، دۇنياغا خوجا بولۇشقا ئۇرۇنماقتا، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەركىن، بىخەتەر سودا مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا، غەرب ئەللىرىنىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى دەپسەندە قىلماقتا ئىكەن، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر چوقۇم ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ناتونىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىدا غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. ناتونىڭ باش كاتىپى جىنس ستولتېنبېرگ مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزنى قوبۇل قىلمايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئېتىقادچى خەلققە زىيانكەشلىك قىلدى، خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇردى، ئىلغار تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ئۆز خەلقىنى تەقىب ۋە نازارەت ئاستىغا ئالدى، بۇ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قىلمىش».

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ناتو قۇرۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپلا غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى، جۈملىدىن ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدايدىغان بىر تەشكىلات سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىككە قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناتونى پەقەت ھەربىي تەشكىلات دەپ ئەمەس، غەربنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغان تەشكىلات دەپ چۈشەنگەندە، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نېمىشقا بۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، خىتايغا قارشى سەپ تۈزۈشتە بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگىلى بولىدىكەن.

سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىممەت قارىشى جەھەتتىكى پەرق ناتونى جەزمەن خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەندۈرىدىكەن، چۈنكى ناتونىڭ ئەھدىنامىسىدە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي پرىنسىپلارغا تايانغان شەخسىي ئەركىنلىك چوقۇم قوغدىلىدىكەن. بۇلار پەقەت غەربنىڭ قىممەت قارىشىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى بۈيۈك نەتىجە بولۇپ، بۇ نەتىجىنى قوغداش غەرب دۆلەتلىرىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى ئىكەن.