ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) »، يەنى ناتو 10-ئىيۇل ۋاشىنگتوندا مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. شۇنداقلا مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا 32 دۆلەت بىرلىكتە «ۋاشىنگتون خىتابنامىسى» ئېلان قىلىپ، خىتاينى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئەڭ كۈچلۈك قوللىغانلىقى بىلەن ئاشكارا ۋە كۈچلۈك تەنقىد قىلدى. شۇنداقلا خىتاينى بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇردى.
تارىختىكى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ غەربكە قارشى تەھدىتى سەۋەبلىك قۇرۇلۇپ، كېيىنكى رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە قارشى مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلغان ناتونىڭ بۇ قېتىملىق باياناتىنىڭ قانداق ئارقا كۆرۈنۈشى بار؟ ناتونىڭ خىتايغا قارشى مەيدان جاكارلىشىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
يۇقىرىقى سوئاللىرىمىزغا قايىل قىلارلىق جاۋاب تېپىشىمىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە ناتو بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بۇ قارشىلىققا سەۋەب بولغان ئامىل ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ناتو يىللاردىن بۇيان خىتاينى يىراقتىكى «رىقابەتچى» سۈپىتىدە قاراپ كەلگەنىدى. ھەتتا ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سۈكۈت قىلىپ كەلگەن. ئەمما بۈگۈن ناتو خىتاينى بىردىنلا ئەڭ كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىدى. خىتايمۇ ناتونىڭ ئەيىبلەشلىرىگە تۈرلۈك شەكىلدە رەددىيە قايتۇردى. بۇنداق بىر ئەھۋالنى ئەلۋەتتە ناتونىڭ خىتايغا بولغان قارىشىنىڭ تۈپتىن ئۆزگەرگەنلىكىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ناتو بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. دەرۋەقە، «ۋاشىنگتون خىتابنامىسى» خىتاي بىلەن ناتو ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ «رىقابەتچى» دىن «دۈشمەن» گە ئايلىنىشتەك يېڭى بىر ئۆزگىرىشكە يول ئاچتى.
«ۋاشىنگتون خىتابنامىسى» نىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ رۇسىيەگە قىلىۋاتقان چوڭ كۆلەملىك «ياردەم» لىرىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىشىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقى؛ بۇ سەۋەب، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىغا بولغان تەھدىتىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ رۇسىيەنى سىياسىي ۋە ماددىي جەھەتتە قوللاشنى دەرھال توختىشىنى، ياۋروپانىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنىڭ، خىتاينىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىناۋىتىگە «سەلبىي تەسىر» كۆرسىتىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما بۇ «سەلبىي تەسىر» نىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە خىتابنامىدە ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگەن. شۇنداقتىمۇ مەزكۇر خىتابنامىدە قوللىنىلغان سىياسىي ئىبارىلەردىن قارىغاندا، بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان «سەلبىي تەسىر» نىڭ خىتاي ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى ئەمەسلىكى ئېنىق.
نۇرغۇن كىشىلەر سىياسەتتە «مەڭگۈلۈك دوست يوق، ئەمما مەڭگۈلۈك مەنپەئەت بار» دېگەن سۆزگە ئىشىنىدۇ. ئەمما رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى بۇ ئۇرۇش، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «قىممەت قاراش ئۈستىگە قۇرۇلغان دوستلۇقنىڭ مەنپەئەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى» نى ھەممىمىزگە ئىسپاتلاپ بەردى. دېمەك، ئامېرىكا ھەر ۋاقىت ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان «ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەت» پەقەت سىياسىي مەنپەئەتكىلا مۇناسىۋەتلىك بولماستىن بەلكى مەدەنىيەت، قىممەت قاراش بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. چۈنكى، مەيلى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بولسۇن، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بولسۇن ۋە ياكى ياۋروپا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى بارلىق توقۇنۇشلارنىڭ ھەممىسىلا مەدەنىيەت توقۇنۇشى ۋە قىممەت قاراشتىكى زىتلىققا باغلانغانلىقى بىر رېئاللىق!
غەربنىڭ نەزىرىدە رۇسىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ دۆلەتچىلىك، غەربكە قارشى ئىدىيەسىدە تەربىيەلىنىپ يېتىشىپ، ھازىرمۇ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان شوۋىنىست مىللەتچى ھۆكۈمرانلىرى بولسا كېڭەيمىچىلىكتىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغان، غەرب قىممەت قاراشلىرىغا قارشى، پەقەت كۈچلىنىشكە شارائىت ھازىرلىسىلا، غەرب دۇنياسى بىلەن دۈشمەنلىشىپ، دۇنياغا خوجا بولۇشقا تەييار تۇرىدىغان بىر كۈچ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بولۇشىمۇ سەۋەبسىز ئەمەس ئەلۋەتتە. چۈنكى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغاندا مۇنداق دېگەن: «ماڭا يىگىرمە يىل بېرىڭلار، مەن سىلەرگە قۇدرەتلىك رۇسىيەنى قايتۇرۇپ بېرىمەن». پۇتىننىڭ بۇ سۆزى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كېيىنكى ياۋرو-ئاسىياچىلىق ياكى «پۇتىنىزم» دەپ ئاتالغان «رۇس چۈشى» ئىدىيەسىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا ئاساس سالغان. ياۋرو-ئاسىياچىلىق ئىدىيەسىنى رۇسىيەنىڭ سىياسىي نەزەرىيەچىسى، «يېڭى ياۋرو-ئاسىياچىلىق ئىدېئولوگىيەسى» نىڭ ئىدىيەۋى يېتەكچىسى نامى بىلەن ئۇلۇغلانغان ئالېكساندېر دۇگىن 1997-يىلى «سىياسىي جۇغراپىيەنىڭ ئاساسى» ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغانىدى. دۇگىنىنىڭ كىتابى ئەينى چاغدا ھەتتا رۇسىيە ھەربىي مەكتەپلىرىدە دەرسلىك قىلىپ بېكىتىلگەن ۋە رۇس مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ئالېكساندېر دۇگىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىدىيەلىرىنىڭ بىرى «دۇنيادىكى بارلىق رۇس تىللىق رايونلارنى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۇپراقلىرىنى قايتىدىن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە ئېلىپ كىرىپ، ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش» تۇر. دەرۋەقە، رۇسىيەنىڭ 2014-يىلى قىرىمغا تاجاۋۇز قىلىشى، بۈگۈنكى ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى قاتارلىق بىر قاتار تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرى ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل غەرب دۇنياسىنىڭ يۇقىرىقى «رۇسىيە كۈچلىنىشكە شارائىت ھازىرلىسىلا، غەرب دۇنياسىغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر دۆلەت» دېگەن قارىشىنى تەستىقلاپ تۇرۇپتۇ.
بۇ ۋەجىدىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربمۇ رۇسىيەگە ئېنىق ئىشەنچ قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى ئىزچىل قوللىماي كەلگەن. ناتونىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا كېڭىيىشىمۇ، ئەسلىدە رۇسىيەنىڭ بۇ رايونلاردىكى بولۇپمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەردىكى تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئەكسىچە بولغاندا، غەرب دۇنياسى ئۆز بىخەتەرلىكىگە نېمە بىلەن كاپالەت قىلالايدۇ؟
نۆۋەتتە ناتو بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى قارشىلىققا سەۋەب بولغان ئامىلمۇ رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەتتىن پەرقلەنمەيدۇ. چۈنكى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسىنىڭ خىتاي بولۇشى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ناتونىڭ «ۋاشىنگتون خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى خىتاي بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
ئۇنداقتا، ناتو بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى بۇرۇلۇش ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قايتىدىن كۆڭۈل بۆلۈشى ئەسلىدە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى سەۋەبلىك دۇنيانىڭ دىققىتىگە قايتا ئېرىشكەنىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇسلۇبىنى غەرب قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدىغان يېڭى دۇنيا تۈزۈمى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىشى، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەنلىكى تەبىئىي. بۇ ھەقتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتونىڭ 2022-يىلى ئېلان قىلغان يېڭى ئىستراتېگىيەسىدە خىتاينى قايسى شەكىلدە تىلغا ئالغانلىقىغا دىققەت قىلساقلا كۇپايە.
ناتونىڭ بۇ يېڭى ئىستراتېگىيەسىدە، خىتاينىڭ ناتو دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى، بىخەتەرلىكى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا غەرەزلىك ھالدا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي بىلەن رۇسىيە ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا قائىدە-نىزاملارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ناتو دۆلەتلىرىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن ۋە دېموكراتىيەنىڭ ناتو دۆلەتلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، بۇ ۋەجىدىن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئەركىنلىكىنى ناتونىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قەتئىي قوغداشنى قارار قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
بۇ نۆۋەت ناتونىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان «ۋاشىنگتون خىتابنامىسى» نىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىتاينى ئەيىبلىشى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشى ناتو بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. گەرچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن خىتاينىڭ جۇغراپىيەلىك ئارىلىقى خېلى ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۈگۈن يەنىلا ناتونىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى. بۇنداق بولۇشىنى بىز ۋاشىنگتوننىڭ يېقىندىن بېرى جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى قوللىشى ۋە بۇ قېتىملىق يىغىنغا بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنىمۇ تەكلىپ قىلىشىدىن كۆرۈۋالالايمىز. ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق بۇ دۆلەتلەر ئاسىيا قىتئەسىدىكى غەربلەشكەن، يەنى غەرب قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان دۆلەتلەردۇر. خىتاينىڭ غەربنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا قىلىۋاتقان خىرىسى تەبىئىي ھالدا بۇ دۆلەتلەرنىمۇ تەھدىت دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقى ئېنىق. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە، شۇنداقلا خىتايدىكى بارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلارغا سۈكۈت قىلىش بۇ دۆلەتلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا زىت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ ئېغىر تەھدىتتۇر.
دېمەك، بۇ يەردە شۇ نەرسە ئېنىقكى، ناتونىڭ خىتاينى نىشانلىشى قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا بىرلەشكەن دوستلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پارتىيەلىك، بىرلا ھۆكۈمران خالىغانچە ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان، دېموكراتىيەگە زىت بولغان مۇستەبىت ھاكىمىيەت تۈزۈمى ۋە ئەندىزىسىنى غەرب دېموكراتىك تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، مانا شۇ ئىدىيەگە تايانغان «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىش چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەشەببۇسى، ناتو دۆلەتلىرى ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بېرىپ تاقىشىدىغان مۇھىم مەسىلىدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا ناتو بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يامانلىشىشى بىۋاسىتە ھالدا ئۇيغۇرلار شۇنداقلا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقلىرى ۋە دېموكراتىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ناتونىڭ بۇ يېڭى ئىستراتېگىيەسىدە، خىتاينىڭ ناتو دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى، بىخەتەرلىكى ۋە قىممەت قارىشىغا غەرەزلىك ھالدا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي بىلەن رۇسىيە ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا قائىدە-نىزاملارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ناتو دۆلەتلىرىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن ۋە دېموكراتىيەنىڭ ناتو دۆلەتلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، بۇ ۋەجىدىن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئەركىنلىكىنى ناتونىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قەتئىي قوغداشنى قارار قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
بۇ نۆۋەت ناتونىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان «ۋاشىنگتون خىتابنامىسى» نىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىتاينى ئەيىبلىشى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشى ناتو بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. گەرچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن خىتاينىڭ جۇغراپىيەلىك ئارىلىقى خېلى ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۈگۈن يەنىلا ناتونىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى. بۇنداق بولۇشىنى بىز ۋاشىنگتوننىڭ يېقىندىن بېرى جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى قوللىشى ۋە بۇ قېتىملىق يىغىنغا بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىنلاندىيەنىمۇ تەكلىپ قىلىشىدىن كۆرۈۋالالايمىز. ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق بۇ دۆلەتلەر ئاسىيا قىتئەسىدىكى غەربلەشكەن، يەنى غەرب قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان دۆلەتلەردۇر. خىتاينىڭ غەربنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا قىلىۋاتقان خىرىسى تەبىئىي ھالدا بۇ دۆلەتلەرنىمۇ تەھدىت دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقى ئېنىق. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە، شۇنداقلا خىتايدىكى بارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلارغا سۈكۈت قىلىش بۇ دۆلەتلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا زىت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ ئېغىر تەھدىتتۇر.
دېمەك، بۇ يەردە شۇ نەرسە ئېنىقكى، ناتونىڭ خىتاينى نىشانلىشى قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا بىرلەشكەن دوستلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇسلۇبىنى، غەرب دېموكراتىك تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش تەشەببۇسى، ناتو دۆلەتلىرى ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بېرىپ تاقىشىدىغان مۇھىم مەسىلىدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا ناتو بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يامانلىشىشى بىۋاسىتە ھالدا ئۇيغۇرلار شۇنداقلا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]