نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ تارىخىي شەخس ياكى خەلق ئەدەبىياتىدىكى غايىۋى ئوبراز ئىكەنلىكى توغرىسدا خەلقئارادا ئوخشاشمىغان قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، ھەتتا نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى تارقالغان كەڭ جۇغراپىيەدىكى خەلقلەر ئۇنى ئۆز يۇرتىدا ياشىغان دانىشمەن دەپ قاراپ كەلگەن، شۇنداقلا خوجا نەسىردىن ئەپەندى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ قەلبىدە ئۆلمەس بەدىئىي ئوبراز ياراتقان.

ئۇيغۇر خەلقى نەسىردىن ئەپەندىنى ھازىر جاۋاب سۆز سەنئەتكارى، ئۆتكۈر پىكىرلىك دانىشمەن دەپ بىلىدۇ. نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى چوڭقۇر پەلسەپىۋىي پىكىرگە ئىگە بولۇپ، ھەققانىيەت، ئادىللىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى بولمىغۇر ئىللەتلەرنى قامچىلايدۇ. نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى يارقىن ئوبرازچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىختىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەخلاق مىزانلىرى، قىممەت قارىشى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە سىياسىي كۆزقاراشلىرى ناھايىتى يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. لەتىپىلەردە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىغان فولكلور ئادەتلىرى، دىنىي ئادەتلىرى ۋە ماددىي تۇرمۇش ئادەتلىرى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى ئۇيغۇر فولكلور مەكتىپى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
ئەپسۇسكى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھىرى بولغان نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنى خالىغانچە ئاياغ-ئاستى قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە «ئەپەندى شەھەرچىسى» (Apandiland) دەپ ئاتالغان چوڭ تىپتىكى بىر كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى سالدۇرغان. بۇ باغچە دارۋازلىق سەھنىسى، ئات مىنىش مەيدانى، بازار ۋە باغچە قاتارلىق بىرقانچە قىسىملاردىن تەركىپ تاپقان. بۇ باغچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ يارقىن ئۆرنەكلىرىنى ئاساسىي تېما قىلغان ھالدا خەلقئارادىكى دىسنېي باغچىسىغا ئوخشىتىپ ياسالغان. باغچىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى 2015-پۈتكەن بولۇپ، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن، ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى نەسىردىن ئەپەندى كارتون شەھەرچىسى بولۇپ، شاڭخەي «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلىغى بىلەن سېلىنىپ، 2016-يىلىدىن باشلاپ ئاۋامغا ئېچىۋېتىلگەن.

خىتاينىڭ «نەسىردىن ئەپەندى شەھەرچىسى» نى قۇرۇشىنىڭ ماھىيىتى قانداقتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئەپسانە-رىۋايەتلىرى، چۆچەك-لەتىپىلىرى ياكى دارۋازلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە سەھنە ھازىرلاش بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نادىر ئۈلگىلىرىنى خىتايلارنىڭ ئېيتىمى ۋە قىممەت قارىشى بويىچە شەرھىيلەپ، ساياھەتچىلەرگە بۇرمىلاپ كۆرگەزمە قىلىش ئىدى.
1957-يىلىدىن ئېتىبارەن «نەسىردىن ئەپەندى» ھەققىدىكى ھېكايەتلەر خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلىغان، شۇندىن بۇيان «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بىرقانچە قېتىم خىتاي تىلىدا نەشر قىلىنغان. 2000-يىللىرى «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدىن تاللانما» ناملىق ئالتە توملۇق كىتابمۇ خىتاي تىلىدا نەشر قىلىنغان. نەشرىيات ساھەسىدىن باشقا، نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى يەنە خىتايلار تەرىپىدىن تۈرلۈك ساھەلەردە ھەجىۋىيلەشتۈرۈلۈپ قوللىنىشقا باشلىغان. ھەتتا نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى «ئەپەندى مەھسۇلاتلىرى» قىزغىنلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت سانائىتى تەرەققىياتىغا يېڭى تەپەككۇر ئاتا قىلىش» شۇئارى بىلەن كەڭ تەشۋىقات قىلىنماقتا. مەسىلەن، يېمەكلىك ساھەسىدە خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدىكى ئاشخانا-رېستۇرانلار، مەھسۇلات ناملىرى، ماركىلار، شۇنداقلا ئوراش-قاچىلاش ئىشلىرىدا نەسىردىن ئەپەندى ئوبراز ۋەكىلى قىلىنىپ، خىتاي سودىگەرلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ نام چىقىرىشىغا ھەمدە تىجارىتىنى روناق تاپقۇزۇشىغا دەسمايە قىلىنىپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭدىن باشقا، سىن فىلىملىرى ۋە كارتون فىلىم ساھەسىدىمۇ ئەپەندى تېما قىلىنغان سېرىيەلىك فىلىملار ئۆزگىچە تۈس يارىتىپ، خىتاي شىركەتلىرىگە زور ئىقتىسادىي قىممەت ئېلىپ كەلگەن، شۇنداقلا خىتاي مەدەنىيەت بازىرىدىكى ئەڭ جەلپكار تېمىلارغا ئايلانغان. نەسىردىن ئەپەندى تېما قىلىنغان مۇزىكىلىق تىياتىر، بالىلار ئوپېراسى قاتارلىقلار دۆلەتلىك تىياتىرخانىلاردا خىتاي ئارتىستلىرىغا ئۇيغۇرچە كىيىم-كېچەك كىيدۈرۈلۈپ ۋە ئۇيغۇرچە دېكوراتسىيەلەر ياسىلىپ ئوينالغان ۋە بۇ ئەسەرلەر خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەلىرىدىمۇ كۆرۈرمەنلەرگە كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ قويۇلغان. خىتاي دائىرىلىرى يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋاغ قۇرۇلۇشىدا، «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچكە ۋە ئىستىقبالغا ئىگە. بۇ جەھەتتە ئەپەندى ئوبرازى مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم قانال» دەپ جار سېلىپ كەلمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتايدا نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى ماقال-تەمسىل، ئەقلىيە سۆزلەر ۋە دېھقانلارنى تېما قىلغان رەسىملەر بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، «بىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىمىز» دېگەن نامدىكى تەشۋىقات ئېلانلىرىغا مەزمۇن قىلىنماقتا. بۇ خىلدىكى تەشۋىقات ئېلانلىرى رادىيو-تېلېۋىزىيەر، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ۋە گېزىت-ژۇرناللارنى قاپلاپ، قىزىق نۇقتىغا ئايلانماقتا. ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن «بىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىمىز» ناملىق ئەپەندى ئوبرازىنى ئاساس قىلغان تەشۋىقات ئېلانلىرى «ۋەتەننى، يۇرتنى سۆيۈش»، «ئەمگەكنى، ئىتتىپاقلىقنى سۆيۈش»، «سەمىمىي، ئىشەنچلىك بولۇش» قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ تەشۋىقات ئېلانلىرىنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيەسى ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى تەرغىپ قىلىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئىدى.
ئەسلىدە نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي خاراكتېرى، قىممەت قاراشلىرى ۋە ئۆزىگە خاس پىسخىكىسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بىر ئوبراز ئىدى. ھالبۇكى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەر ياكى مەھسۇلاتلاردا يارىتىلغان نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى پۈتۈنلەي نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئەسلى ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرگەن ۋە بۇرمىلىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا خىتايچە تەپەككۇر ۋە قىممەت قاراشلارنىڭ پەردازلىرى سىڭدۈرۈلگەن. خىتايلار ياراتقان نەسىرىدىن ئەپەندى ئوبرازى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى پۈتۈنلەي چەتكە قاققان ھالدا، خىتايلار ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ قىممەت قارىشى ھەمدە خىتاي كومپارتىيەنىڭ سىياسىي ئۆلچەملىرىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، يارىتىلغان.
نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنىڭ خورلىنىشى ۋە بۇرمىلىنىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ خۇددى «خىتايچە ئىسلام» ياكى «شىنجاڭچە ئىسلام» دېگەندەك، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئەسلى ئوبرازىغا خىتاي قىممەت قاراشلىرىنىڭ يېپىنچىسى كىيدۈرۈلۈپ، ئۇنى «خىتايچە نەسىردىن ئەپەندى» گە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.