ئۇيغۇر-خىتاي ئارىسىدىكى نىكاھ مۇناسىۋىتىگە ئائىت ئىنكاسلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2015-06-03
Share
xitay-uyghur-nikah-toy-toylishish.jpg خىتاي يېزا كادىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزى بىلەن توي مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 30-ئىيۇن، چەرچەن.
news.ts.cn diki munasiwetlik maqalidin élin’ghan

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقات ۋە ئىقتىسادىي ياردەملىرىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىۋاتقانلىقى غەرب ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىگە ئۇلاشماقتا.

بوشۈن تورىنىڭ 31-ماي كۈنى گېرمانىيە ئاۋازىدىن نەقىل ئالغان بىر ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى مىللەتتىن بولغانلارنىڭ توي ئىشلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 50 مىڭ سوم مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ تەقدىرلەيدىغانلىقىنى، خىزمەت ھەم تۇرمۇش شارائىتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتى پۈتۈن خىتاي بويىچە يەنىلا ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ماقالىدا، دىنىي ئەسەبىيلىك كۈنلىرى چۇڭقۇرلىشىۋاتقان ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان بىر ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئۇيغۇر-خىتاي ئارىسىدىكى نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زەئىپلىشىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ، ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي ئۆچمەنلىكنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى دىنىي ئېتىقاد، تىل، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئېغىر چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتىمىز، دەپ قارايدىغانلىقى ھەمدە بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا مۇستەقىللىقنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى، بۇ سەۋەپتىنمۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى نىكاھ مۇناسىۋىتىگە ئىمكان يوقلۇقى تەسۋىرلىنىدۇ. ماقالىدا يەنە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى تۈپەيلى 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ تەشەببۇسۇنى ئوچۇق-ئاشكارە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر تەركىبى دەپ قارايدۇ. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۇمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي ئىرادىنىڭ بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا نىكاھ ئورتاقلىقىغا ئەسلا ئورۇن بەرمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ماقالىدا خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا ياشاۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىتاي يىگىتلىرى بىلەن قوي قىلغانلىق تارىخى ھېكايە قىلىنغان. ئايگۈل، ئامان ئىسىملىك قارامايدىن كەلگەن بۇ ئىككى ئۇيغۇر قىزى بۇ نىكاھتىن ئەسلا بەختىنى تاپالمىغان. بۇ ئىككى ئۇيغۇر قىزى ئالدى بىلەن بۇ بىنورماللىقتىن خەۋەر تاپقان ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، يا ئۆز مىللىتى تەرەپتە تۇرۇش، ياكى خىتاي تەرەپتە تۇرۇشتەك ئېغىر تاللاشقا دۇچ كەلگەن. قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى مۇبادا قىزلىرى بۇ خىتايلاردىن ئايرىلىپ كەتمىگەن تەقدىردە، ھەتتا ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدا خىتايلار بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ياشاش ئىمكانى يوقلۇقى، ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن قاتتىق يەكلىنىدىغانلىقى ھەمدە ھاقارەتلىنىدىغانلىقى، خىتاي شەھەرلىرىدە بۇ خىل يولغا كىرىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئارام تاپالمايدىغانلىقى، ماقالىدا يەنە، ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئۆيلەنگەن خىتاي ئەرلىرىنىڭ چوشقا گۆشىنى تەرك ئەتكەنلىكى، ئۇيغۇرچە ئىبارىلەرنى ئۆيلەنگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلغانلىقى، شۇنداق بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە بۇ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نۆلگە ئايلانغانلىقى، كۈچلۈك بىر مىللىي ۋە دىنىي ئىرادىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ مەغلۇپ بولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

ئەنگلىيە نەۋكاستلە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى فىنلەي ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغاندا، بارلىق تەبىئىي بايلىقلىرى تالان-تاراجغا ئۇچراۋاتقان، مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قىزلىرىغا چاڭگال ئۇزاتقان خىتايلارنى تاجاۋۇزچى ھېسابلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە پۈتۈن مەسىلىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت