قەدىمكى نىيە شەھىرىدىن ياۋروپاغا كەتكەن بىر پىچاق دەستىسىنىڭ تارىخىي گۇۋاھلىقى
2023.10.12
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بەرپا قىلىش» شوئارلىرى خىتاي ئىچىنىلا ئەمەس، بەلكى خىتايغا باغلانغان بىر قىسىم قوشنا دۆلەتلەرنىمۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قەدىمى يەتكەن ھەممىلا يەرلەرنى قاپلىماقتا. ئۇلار ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى كۈچەيتىشكە پايدىلىق دەپ قارىغان مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ ئۆمرىنى بارغانسېرى ئۇزارتسا، بۇنىڭغا زىيانلىق دەپ قارىغان مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ ئۆمرىنى خالىغانچە قىسقارتماقتا. تېخىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلانغان ئاتالمىش ئارخېئولوگلار ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى خالىغان يېرىدە ۋە خالىغان ۋاقىتتا خىتايچە تارىشا پۈتۈكلەرنى، خىتايچە خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب تونلارنى پەيدا قىلماقتا. ھەتتا ئۇلار باشقا مىللەتلەرگە مەنسۇپ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىمۇ خالىسا ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، خالىمىسا يوق قىلىۋېتىشتەك ئىلىم سۇيىئىستېماللىقىنى يۈرگۈزمەكتە. 1990-يىلى نىيە قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن بايقالغان قەدىمكى مەدەنىيەت بۇيۇمى-كىمخاب يەڭلىك دەل مۇشۇنداق بىر مەيدان ئويۇننىڭ قۇربانىدۇر.
ئارخېئولوگىيە ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت ساھەسىگە قارا داغ چۈشۈرگەن بۇ ئىلىم سۇيىئىستېمالچىلىقىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى نىيە قەدىمكى شەھىرىدە بۇنىڭدىن ئاز دېگەندە 1800 يىل ئىلگىرى ياسالغان ۋە كېيىنچە قانداقتۇر بىر سەۋەب بىلەن ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، 6000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاۋسترىيەنىڭ ۋېلس شەھىرىگە بېرىپ قالغان بۇ «نىيەلىك» قەدىمكى بۇيۇم، ئۆز كىملىكى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق ھېكايىسىنى ئۆزى سۆزلىسۇن!
يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بۇيان، ياۋروپادىكى قەدىمكى تىل ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدا خوتەننىڭ نىيە قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى بىر پىچاق سېپى مۇھىم سۆھبەت تېمىسى بولماقتا. ياۋروپادىكى چوڭ گېزىت-ژۇرناللار ۋە تاراتقۇلارنىڭ كۆپ قىسمى نىيە خارابىسىگە ئائىت بۇ پىچاق سېپى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارغا ئورۇن بەرمەكتە.
بۇنىڭدىن 105 يىل بۇرۇن، يەنى 1918-يىلى ئاۋسترىيەنىڭ ۋېلس شەھىرى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا پىچاق ياكى بىگىز سېپىغا ئوخشايدىغان بىر قەدىمكى بۇيۇم بايقالغان. 7 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ پىچاق ياكى بىگىز سېپى پىل چىشىدىن نەپىس قىلىپ ياسالغان بولۇپ، بىر قارىماققا زامانىمىزدىكى پىچاق ياكى بىگىز ساپلىرىدىن ئانچىمۇ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇ ساپنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە قەدىمىي يېزىقلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر قانچە ئويما سىزىق، ساپنىڭ ئارقا تەرىپىدە ئادەم بېشىنىڭ ئويما سۈرىتى مەۋجۇت. مەزكۇر ساپ تېپىلغان ۋاقىتتا تارتىلغان سۈرەت ۋە تېپىلىش خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇچ قىسمى كۈمۈش قاپلىمىلىق بۇ ساپ بايقالغان كۈندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ۋېلس شەھەرلىك مۇزېيدا ساقلىنىپ كەلگەن. مەسئۇلىيەتچان ۋە ئەستايىدىل مۇزېي باشلىقى رېنات مىگلباۋۇر (Renate Miglbauer) خانىم، ساپتىكى بۇ بەلگىلەرنىڭ ئادەتتىكى بەلگىلەردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن ھېس قىلىپ، ئۇنى ئوقۇيالايدىغان بىرىنى ئىزدىگەن. ئەمما تاكى بۇ يىل 7-ئايغىچە ئۇنى ئوقۇيالايدىغان بىرىنى تاپالمىغان.
«بېرلىنلىقلار گېزىتى» نىڭ 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى سانىدا بۇ پىچاق سېپى ھەققىدە مۇنداق مەلۇماتلار يەر ئالغان: «ئاۋسترىيەنىڭ ۋېلس شەھىرىدىن تېپىلغان پىل چىشىدىن ياسالغان، 1800 يىللىق تارىخقا ئىگە پىچاق دەستىسى ھەققىدە ئىزدەنگەن تەتقىقاتچىلار، نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىشتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئاسارە-ئەتىقە رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە بىر يولۇچىنىڭ يانچۇقىدا 6000 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، يىراق خوتەننىڭ نىيە شەھىرىدىن ۋېلس شەھىرىگە كېلىپ قالغان. بۇ بويۇم مەزكۇر رايوندىن تېپىلغان ئاسارە-ئەتىقىلەر ئارىسىدا ئەڭ ئۇزاقتىن كەلگەن بىر بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ» .
ئاۋسترىيەدە قايتا بايقالغاندىن كېيىنمۇ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى يەنە 130 يىل كۈتۈشكە مەجبۇر بولغان بۇ ئاجايىپ ئاسارە-ئەتىقەنىڭ سىرى، بۇ قېتىم گېرمانىيەلىك بىر تىلشۇناس تەرىپىدىن يېشىلگەن.
پىچاق سېپىدىكى ناتونۇش سىزىقلارنىڭ بىر خىل يېزىقنىڭ تاۋۇش بەلگىلىرى بولۇش ئېھتىماللىقىغا ئەڭ دەسلەپ ئىشەنگەن كىشى، گېرمانىيەنىڭ دۈسسېلدورف شەھىرىدىكى ھېنىرىخ ھېينى ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە ۋە قەدىمكى زامان تارىخى پەنلىرىنىڭ پىروفېسسورى شتېفان پاھل (Stefan Pahl) ئىدى. ئۇ ئۆز تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، ئالدى بىلەن بۇ يېزىقنىڭ تارىختا ياۋروپادا قوللىنىلغان بىر يېزىق ئەمەسلىكىنى ئېنىق جەزملەشتۈرۈۋالغان. ئاندىن ئۇ قەدىمكى ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادا قوللىنىلغان كۆپ ساندىكى قەدىمىي تىل ۋە يېزىقلارنى ياخشى بىلىدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان بېرلىن ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ھاررى فالك (Harry Falk) قا خەۋەر بەرگەن.
ھاررى فالك پىچاق سېپىدىكى سىزىقلارنىڭ قەدىمكى ھىندى يېزىقلىرىدىن كاروشتى يېزىقىنىڭ تاۋۇش بەلگىلىرى ئىكەنلىكى دەرھال تونۇغان. ئۇ مەزكۇر ساپنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى نىيە خارابىسىدىن كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
كاروشتى يېزىقى، يەنى «قەندىھار (گاندارا) يېزىقى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ يېزىق مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ مىلادىيەدىن كېيىنكى 3-ئەسىرگىچە ھازىرقى پاكىستاننىڭ شىمالى، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمى ۋە تارىم ۋادىسىدىكى مەشھۇر تارىخىي شەھەرلەردىن كىروران، چەرچەن ۋە نىيەلەردە، شۇنداقلا تاجىكىستاننىڭ شەرقى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم جايلىرىدا قوللىنىلغان ئەڭ قەدىمكى ھىندى-ياۋروپا تىللىرىغا باغلىق ئېلىپبەلىك يېزىقلىرىدىن بىرىدۇر.
ھاررى فالك ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپانىڭ مەشھۇر ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى ژۇرناللىرىدىن «ئارخېئولوگىيەلىك خەت-چەكلەر سەھىپىسى» دە، «غەربتىكى كارۇشتى يېزىقى-ۋېلستىكى پىل چىشىدىن ياسالغان ساپ» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلغان ھەمدە مەزكۇر ساپ ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئورتاقلاشقان.
ئۇ، مەزكۇر ساپتىكى يېزىقنى ما نا دا تا را ئا (Ma na da ta ra a) دەپ ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى «تادارا ھەزرەتلىرىگە سوۋغات» دەپ تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ سۆزلەردە كۆرۈلىدىغان مەخسۇس كاروشتى تىلىنىڭ نىيە دىئالېكتىغا تەۋە تاۋۇش ئالاھىدىلىكلىرى، مىلادىيەدىن كېيىنكى 1-ۋە 2-ئەسىرلەر ئارىسىدا پەقەتلا نىيە قەدىمكى شەھىرىدىن تېپىلغان قوليازما ۋە تارشا پۈتۈكلەردىلا ئۇچرايدىكەن.
بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقنىڭ تېپىلىشى، بىر تەرەپتىن، تارىختا ئوۋىلاۋا (Ovilava) دەپ ئاتالغان ۋېلس شەھىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئاللىقاچان بىر تىجارەت ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلىسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرىلا ياۋروپا بىلەن قويۇق تىجارەت ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئەمەلىي دەلىللەر بىلەن كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ئاۋسترىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ئاجايىپ قەدىمكى بۇيۇم ھەققىدە بەرگەن مەخسۇس خەۋىرىدە «بۇ پىچاق سېپىنىڭ ۋېلستە تېپىلىشى، بۇ شەھەرنىڭ ئۇزۇن تارىخىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى» دېيىلگەن.
«langauge log» سەھىپىسىدە بۇ ساپ ھەققىدە قىسقا ماقالە يېزىپ مەخسۇس بىر سۆھبەت تەشكىللىگەن ئامېرىكالىق ئارخېئولوگ، «ئۈرۈمچى مۇمىيالىرى» ناملىق كىتابىنىڭ ئاپتورى ۋىكتور مائېر، سۆھبەت تەشكىللەش سەۋەبىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن: «دىققىتىڭلارغا سۇنۇلغان بۇ ماقالە بىز ئۆتكەن 20 يىل جەريانىدا ‹langauge log› مۇنبىرىدە قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلغان بىر نەچچە مەزمۇننى بىر يەرگە مۇجەسسەم قىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن تولىمۇ قىممەتلىك» .
مەزكۇر ساپنىڭ شەكلى ۋە سۈپىتى قەدىمكى دەۋرلەردىكى نىيە خەلقىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك ماھارىتىنىڭ نەقەدەر يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆز ئالىدىمىزدا نامايان قىلىدۇ. بۇ بۇيۇم ئارقىلىق بىز ئېرىشكەن تارىخىي ساۋاتلار بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. دىققەت چېكىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر ساپنى خىتايلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆزىگە مال-مۈلۈك قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىن ئويلاشقاندەك، ساپنىڭ ئارقا تەرەپ ئۇچىغا بىر كىشىنىڭ باش سۈرىتىنى ئويۇلغان. چېچىنى بىر رەخت پارچىسى بىلەن چېكىسىدىن ئارقىسىغا قىلىپ بوغۇۋالغان بۇ ئەر كىشىنىڭ كۆزلىرى چوڭ، بۇرنى قاڭشارلىق.
ساپنىڭ ئارقا تەرەپ ئۇچىغا ئويۇلغان ئادەم بېشى سۈرىتى | 1983-يىلى خوتەن لوپ ناھىيەسىنىڭ سانپۇلا خارابىسىدىن تېپىلغان يۇڭ توقۇلما ئۈستىگە كەشتىلەنگەن باش سۈرەت |
كۈسەن ئىمپېراتورلۇقىنىڭ تۇنجى ھۆكۈمرانى ھېرائىئوس تەڭگىسىنىڭ ئالدى يۈزى | ئۆزبېكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھاچايان خارابىسىدىن تېپىلغان كۈسەن شاھزادىسى ھەيكىلىنىڭ باش قىسمى |
ئەمەلىيەتتە بۇ سۈرەت بىزگە ئۇنچىلىك ناتونۇش ئەمەس. بۈگۈنكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممىلا يېرىدىن قويۇق قاشلىق، قاڭشارلىق، چوڭ كۆزلۈك، بۈدۈر چاچلىق كىشىلەرنى ئۇچرىتالايمىز. ھاررى فالك ۋە ھەمراھلىرى ماقالىسىدە كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، مىلادىيەنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دەسلەپكى ئەسىرلەرگە تەۋە بۇ ھەيكەل ۋە سۈرەتلەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەدىمىي شەھەرلىرىدىن كىروران، نىيە، سانپۇلا ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئەينى ۋاقىتتىكى كۈسەن دۆلىتىگە تەۋە رايونلاردىن كۆپلەپ تېپىلغان. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دېگەندەك، بۇ ھەيكەل ۋە سۈرەتلەرنى ۋېلستىن تېپىلغان ئويما سۈرەت بىلەن سېلىشتۇرغان كىشى، بۇلارنىڭ كۆرۈنۈشىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا نەقەدەر ئوخشايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ.
بۇ پىچاق دەستىسىنىڭ تېپىلىشى ھەمدە ئۇنىڭغا ئويۇلغان خەت ۋە باش سۈرەت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرى، قەدىمكى تىل-يېزىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. «ئۈرۈمچى مۇمىيالىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئامېرىكالىق مەشھۇر تارىخشۇناس ۋە ئارخېئولوگ پىروفېسسور ۋىكتور مائېر (Viktor Maier) ، گېرمانىيەلىك قەدىمكى تىللار تەتقىقاتچىسى لورې ساندېرس (Lore Sanders) خانىم قاتارلىق ئالىملار، بۇ ساپ ھەققىدىكى تور سۆھبەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئورتاقلاشقان. ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، قەدىمكى خوتەن تىلى مۇتەخەسسىسى ھىروشى كۇماموتو (熊本 浩士) مۇ مەزكۇر ساپ ھەققىدىكى سۆھبەتكە قاتنىشىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
پىروفېسسور ۋىكتور مائېر مەزكۇر ساپنىڭ ئانا يۇرتى بولغان نىيەگە بىر نەچچە قېتىم بارغانلىقى ئەسلەپ، مۇنداق دېگەن: «قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا ئۇچراتقان بىر تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتىيالمايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قەدىمىي شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى ھازىرقى نىيە يېزىلىرىنىڭ ئادەملىرىنى كۆرگىنىمدە، كەنساستىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندەك بىر تۇيغۇدا بولغانىدىم» .
ۋىكتور مائېر بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن قەدىمكى نىيەدە مەدەنىيەت ۋە ھەر خىل ھۈنەر-كەسىپ تېخنىكىلىرىنىڭ ئالاھىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىشارەت قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھازىرقى نىيەدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ياۋروپا ئىرقىدىكى خەلقلەردىن ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادلىرىنىڭمۇ ئەنە شۇ قەدىمكى نىيەدە ياشىغان ئاق تەنلىق كىشىلەر توپى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىش، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» شوئارلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان ھەرقانداق بىر قەدىمكى مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ياكى ئاسارە-ئەتىقىلەرنى خىتاي تارىخىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە، ئۇلارنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.
ياسالغان ئانا يۇرتى قەدىمكى نىيە شەھەر خارابىسى بولغان، شۇنداقلا ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن «قەدىمكى نىيەلىكلەر ئىشلەتكەن پىچاق ياكى بىگىز سېپى» دەپ خاراكتېرلەنگەن بۇ قەدىمكى مەدەنىيەت بۇيۇمىنىڭ ئۆتمۈش ھېكايىسى بىزگە نىيە بوستانلىقىنىڭ قەدىمكى تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيىتىنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىدىن گۇۋاھلىق بەرمەكتە. شۇنداقلا تارىم ئويمانلىقىغا كۆمۈلگەن، تەكلىماكان قۇملۇقىغا دۈملەنگەن قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ بىۋاسىتە ۋارىسلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تارىختىن بۇيان ياراتقان بارلىق مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ شەرقىي ئاسىياغا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىياغا، شۇنداقلا ياۋروپاغا مايىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.
[مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]