«خەنزۇنى بولدى قىلىڭ» بايانىدىن نۇر بەكرىنىڭ سىياسى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىغا بىر باھا

0:00 / 0:00

تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرىنىڭ ئالدىغا كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئەرزدارغا «خەنزۇنى بولدى قىلىڭ، ئۇيغۇرنى جازالاپ بېرەي» دېگەن سۆزلىرى، رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.

ئامېرىكىدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچى ۋە سابىق مائارىپچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈن بۇ تېمىدا پىكىر بايان قىلىپ، نۇر بەكرىنىڭ يۇقىرقى سۆزنى يوشۇرماي دېيەلىشىنىڭ پسىخىك ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئىلشات ھەسەن مۇلاھىزىسىدە، مەزكۇر سۆزلەرنى كارغا كەلمەسلىكتىن خورلۇق ھېس قىلماسلىقنىڭ ئىپادىسى ۋە قورچاق ئەمەلدارلىق ئورنىنىڭ ئاشكارا ئېتىراپى دەپ چۈشەندۈردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ ئىلشات ھەسەن بىلەن بۇ ھەقتىكى سۆھبەت خاتىرىسنى ئاڭلايسىلەر:

سوئال: نۇر بەكرىنىڭ «خەنزۇنى بولدى قىلىڭ، ئۇيغۇرنى جازالاپ بېرەي» دېگەن سۆزلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى ھەم نۇر بەكرىنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ئورنى نۇقتىسىدىن نېمىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

جاۋاب: بۇ ھەممىدىن ئاۋۋال، نۇر بەكرىنىڭ بىچارىلىققا ۋە خورلۇنۇشقا كۆنگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن ئازاپلانمايدىغان،نومۇس قىلمايدىغان، ئۇنى نورمال ھېسابلايدىغان باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تەيىنلەنگەن رەئىس ئىكەنلىكى، ھاكىمىيەتتىكى قورچاقلىق ئورنى ھېچكىمگە سىر ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قورچاقلىق ئورنىنى ئۆز ئېغىزى بىلەن ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشى بىر يېڭىلىق.

سوئال: دېگىنىڭىزدەك، بىر باشلىق ئۈچۈن ئېيتقاندا گېپىنىڭ ئۆتمەي قىلىشى، ھوقۇقىنىڭ ئىشلىمەي قېلىشى ئېغىر بىر مەغلۇبىيەت بولۇش بىلەن بىللە ھەم بىر خورلۇق، نېمە ئۈچۈن نۇر بەكرى مۇشۇ خىل كارغا كەلمەس ئەھۋالدا تۇرۇپ يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىگە شۇنچە سادىق بولالايدۇ ۋە مۇھەببىتى سوۋۇمايدۇ؟ سىز بىر سابىق مائارىپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئەھۋالنى پسىخىك نۇقتىدىن قانداق چۈشەندۈرىسىز؟

جاۋاب: خىتاي كومپارتىيسىنىڭ «ئۆستۈرۈش» ئەنئەنىسىگە قارىساق، ئۇ ئالدى بىلەن كىشىلەرنى غۇرۇرسىزلىق ۋە ۋىجدانسىزلىق جەھەتتىن ئىمتىھان ئالىدۇ، ئەگەر ئاز - تولا غورۇرى بارلىرىنى بايقىسا، ھەر خىل يوللار بىلەن ئۇنىڭ غۇرۇر ۋە ۋىجدانلىرىنى سۇندۇرىدۇ، ھەر بىر باشلىق، ئۆزىدىن تۆۋەن باشلىقنى ئۆزىگە شەرتسىز بويسۇنىدىغان باسقۇچقا كەلگەندە ئۆستۈرىدۇ؛ نۇر بەكرى مانا بۇ تەربىيەدىن ۋە ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن رەئىس بولغان. قۇللۇق ئىدىيىسى شەكىللىنىپ بولغان كىشىلەردە خورلۇق تۇيغۇسى بولمايدۇ.

سوئال: رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن «نۇر بەكرى ئۆزىنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلىقىنى يوشۇرمىغان، يەنى يالغاندىن ۋەدە بەرمىگەن، ئۇ ئەرزدارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلغان» دېگۈچىلەرمۇ بولدى، سىز بۇ نۇقتىغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: ئەگەر نۇر بەكرى سەمىمىي بولسا، ئالدى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دەپ قارىلىپ رەئىسلىككە تەيىنلەنگەنلىكىنى تونۇغان ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بىرەر يەردە بولسىمۇ گەپ قىلىپ باققان بولاتتى. بۇ سەمىمىيلىك ئەمەس، بەلكى خىجىل بولۇش تۇيغۇسىنى يوقۇتۇپ قويغانلىق.

سوئال: ياكى ئۇيغۇر جامائەت پىكرىدىن ئەندىشە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز ئاجىزلىقىنى يوشۇرمايۋاتقان گەپمۇ؟

جاۋاب: دەل شۇنداق، مىللىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ئورنى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر جامائەت پىكرىنىڭ نۇر بەكرىگە ئوخشاش كىشىلەرگە قارىتا جازالاش كۈچى ئاجىز. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتساق، نۇر بەكرى ئۆزىنى ئۇيغۇر ئەمەس، بەلكى كوممۇنىست دەپ تونۇيدۇ ۋە ھېس قىلىدۇ؛ شۇڭا ئۇ ئۇيغۇر جامائەت پىكرىدىن بېسىم ھېس قىلمايدۇ، ئەندىشە قىلمايدۇ.

سوئال: سىز نۇر بەكرى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدىكى تەيىنلەنگەن رەئىسلەرنى ئۆزئارا سېلىشتۇرسىڭىز، نۇر بەكرىدە قانداق بىر ئۆزگىچلىكنى بايقانيسىز؟

جاۋاب: ئاۋۋالقىلىرى )ئىسمايىل ئەمەت، تۆمۈر داۋامەتلەر( بەگلىلىك دەرىجىدە مىللىي تەربىيەدىن ئۆتكەن، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن ئارىلىشىپ ياشىغان؛ ئۇلاردا ئازراق بولسىمۇ مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي تۇيغۇ بار، ئىدى؛ ئىسمايىل تىلىۋالدى ۋە نۇر بەكرىدە بۇ ئاڭ بۇ تۇيغۇ يوق؛ ئالدىنقىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدىكى ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئازراق بولسىمۇ مۇھىم دەپ قارايدۇ، نۇر بەكرىلەر ئۇنداق ئەمەس، مەنچە تۈپ پەرق مۇشۇ.

سوئال: بەزىلەر «بۇرۇنقىلىرى خىتاي تەرەپ يېزىپ بەرگەننى سۆزلەيتتى، نۇر بەكرى يېزىپ برسىمۇ، خىتاي تەرەپنىڭ كۆڭلىدىكىنى سۆزلەيدۇ ۋە سۆزلەۋاتىدۇ» دېيىشىدۇ، سىزچە بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: مەنچە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسىلا يېزىپ بېرىلگەننى سۆزلەيدۇ؛ نۇر بەكرىنىڭ سۆزلىرىمۇ يېڭى گەپلەر ئەمەس، پەقەت ئەللىك يىلدىن بېرى تەكرارلىنىپ كېلىۋاتقان «مىللىي بولگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكنى قوغداش» دېگەندەك كونا چاقىرىقلارنىڭ تەكرارى. نۇر بەكرى پەقەت خىتاي تىلىغا راۋان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇتۇقلار تەكرار بولغاچقا سۆزلىرى راۋانراق چىقىۋاتقانلا گەپ.

سوئال: جەمىيەتتە نۇر بەكرى ھەققىدە «نۆل بەكرى» دېگەن لەقەمنىڭ تارقالغىنىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ھوقۇقى كارغا كەلمەي كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشكەن ۋاقىتلىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بولۇشى مۈمكىن. مەسىلەن بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز، ئۇ توققۇزاقتىكى بىر ئەرزدارنىڭ بىر مىليون تۆلەم پۇلىنى تەستىقلاپ بۇيرۇق چۈشۈرگەندە، ناھىيىدىكى خىتاي باشلىق «بۇ پۇلنى نۇر بەكرى ئۆزى بەرسۇن» دەپ رەت قىلغان. ئەمما نۇر بەكرىنىڭ سەھنىلەردىكى نۇتۇقلىرىدا بۇنداق ئاجىزلىق بايقالمايدۇ، سىزچە، بۇ قانداق بىر ئالاھدىلىك؟

جاۋاب : نۇر بەكرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ سۆيۈلگەن ئەمەلدار ئىكەنلىكى ئېنىق، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي خەلقىدىن ئالغان ئىلھام ئۇنىڭغا راھەتلىك بېرىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن.

سوئال: نۇر بەكرىنىڭ «خىتاينى بولدى قىلىڭ، ئۇيغۇرنى جازالاپ بېرەي» دېگىنىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ خىتايلارنىڭ ئالدىدا گېپى ئۆتمىگەن بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا گېپى ئۆتۈۋاتقانلىقى مەلۇم؛ سىزچە نۇر بەكرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىگە بولغان ساداقىتى كومۇنىستلىق يەنى ئىدىيە جەھەتتىكى باغلىنىشتىنمۇ، مەنپەئەت جەھەتتىكى باشلىنىشتىنمىدۇ؟

جاۋاب: مەنچە، مەنپەئەت جەھەتتىكى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن كوممۇنىزم ئېتىۋار جەھەتتىن ئەخلەت بىر ئىدىيەگە ئايلىنىپ بولدى. دېگىنىڭىزدەك، نۇر بەكرى تۆۋەندىكى ئۇيغۇر باشلىقلارنىڭ ئالدىدا گېپى ئۆتۈشى مۇمكىن، بولۇپمۇ خوجايىنى)خىتاي باشلىقى( يېنىدا بولمىغان ئەھۋالدا. شۇڭا ئۇ خىتايلارنىڭ ئالدىدا گېپى ئۆتمەي قالغان قەلبىدىكى قەلبىدىكى پۈچەكلىكىنى، تۆۋەندىكى ئۇششاق نۇر بەكرىلەرگە ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تولۇقلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

سوئال: ئەگەر سىز نۇر بەكرى بىلەن بىر ساۋاقداش ياكى يېقىن تونۇش بولغان بولسىڭىز، يۇقىرقىدەك،كارغا كەلمەسلىكى ئىسپاتلانغان ۋاقىتلاردا قانداق بىر تەكلىپ بېرەتتىڭىز؟

جاۋاب: خىتايلاردا «باشلىق بولۇپ گېپىڭ ئۆتمىسە، ئېتىزىڭغا بېرىپ تاتلىق ياڭيۇرۇڭنىڭ كويىدا بول» دېگەن ماقالە بار، بەلكىم شۇ ماقالىنى دېيىشىم مۇمكىنتى. ئەمما ئەڭ توغرىسى، نۇر بەكرىگە ئوخشاش ئەمەلدارلارغا بۇ مىللەتنىڭ سىرتىدىكى ئادەملەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش؛ ئۇلاردىن ئۈمىد كۈتۈشمۇ، ئۈمىدسىزلىنىشمۇ ئارتۇقچە.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا نۇر بەكرىنىڭ «خەنزۇنى بولدى قىلىڭ، ئۇيغۇرنى جازالاپ بېرەي» دېگەن سۆزىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ئورنى ۋە خاراكتېر ئۆزگىچىلىكلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئاڭلىدىڭلار.