ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
2021.06.16

نۇرى تۈركەل ئەپەندى 2020-يىلى ماي ئېيىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم تەرىپىدىن بىۋاسىتە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىققا تەيىنلەنگەن ئىدى. ئۇ خىزمەتكە چۈشكەندىن بۇيان «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ «دۇنياۋى زور تەسىرگە ئىگە 100 شەخس»، «بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ «دۇنيادىكى 50 نەپەر بۈيۈك يېتەكچى» قاتارلىق تىزىملىكلىرىدىن ئورۇن ئالدى. 15-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ 15-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ھالدا مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقى ئېلان قىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرى تۈركەل ئەپەندى باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ ئەزاسىدۇر.
نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ يېڭى ۋەزىپىسى ۋە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئويناۋاتقان مۇھىم رولى ھەققىدە تۆۋەندە نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز دىققىتىڭلاردا بولسۇن!