بۈگۈن ئەتتىگەندە خەۋەر كۆرۈۋېتىپ، 2022-يىلى 27-دېكابىر خىتاي «خەلق تورى» نىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىگە چىقىرىلغان «ئەرەب دۇنياسى نېمىشقا ئامېرىكانىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان گەپلىرىگە ئىشەنمەيدۇ؟» ناملىق ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بۇ ماقالىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوخشىمىغان ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ۋە پەرقلىق تېمىلاردا ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، خىتايچە تىللاردا كۆپ يېزىلغانىدى. ئەمما بۈگۈن بۇنىڭ ئۇيغۇرچە ۋارىيانتىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالدىم. خىتاينىڭ بۇ ماقالىنى ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىشىغا قانداق زۆرۈرىيەت تۇغۇلدى؟ بۇ خۇددى ئوغرىلىق قىلىۋاتقاندا نەق مەيداندا تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئوغرىنىڭ، خىجىل بولماي «ئوغرىنى تۇتۇڭلار!» دەپ ۋارقىرىغىنىدەك ئىش ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىغان» ۋە بۇنىڭ «ئامېرىكانىڭ ئويۇنى» ئىكەنلىكىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئىشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىۋاتامدۇ؟
دەرۋەقە، بۇ ماقالە ئامېرىكالىق بىر پروفېسسورنىڭ «ئامېرىكا سۈيىقەست ۋە يالغانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان» دېگەن سۆزى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش ۋە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» پۈتۈنلەي «ئامېرىكانىڭ ئويۇنى» دېگەن يەكۈننى چىقىرىش بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.
مەزكۇر ماقالىدە يەنە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» مەسىلىسى سەۋەبلىك، خىتاي ماللىرىغا چەكلىمە قويۇشىنى «چەكتىن ئاشقان بىمەنىلىك» دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇپ، خىتاينى كۈچلۈك قوللىغانلىقى مەدھىيەلەنگەن.
ئۇنداقتا، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» مەسىلىسى رېئاللىقتا مەۋجۇتمۇ-ئەمەسمۇ؟ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۇنياسى راستىنلا خىتاينى ئاساسسىز ئەيىبلەۋاتامدۇ؟
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئەڭ كۈچلۈك ئىسپاتلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنىچىلىق مەسىلىسىدىكى خەلقئارالىق نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنزنىڭ «نەنكەي دوكلاتى» دۇر. مەزكۈر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-، 90- ۋە 2000-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلىرىنى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە كوللېكتىپ يۆتكىگەنلىكى، يۆتكەلگەنلەرنىڭ ئاز دېگەندە 30 كىشى، كۆپ بولغاندا 50 كىشى بىر گۇرۇپپا قىلىنىپ، كوللېكتىپ توختام بىلەن خىتاي كارىخانىلىرىغا خۇددىي مال ئۆتكۈزۈلگەندەك ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىدىغانلىقى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۈر دوكلاتتا يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يۆتكەلگەن ئورۇنلىرىدىمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىدا تۇرىدىغانلىقى، يۇرتىغا خالىغان ۋاقىتتا قايتىش ئىمكانىنىڭ يوقلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆزىتىش شىركىتى بولغان ئالتانا تېخنولوگىيە شىركىتى (Altana Technologies) 2022-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتايدىكى بىر مىليۇنغا يېقىن شىركەتنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» گە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇلاردىن باشقا ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئاشكارىلانغان ئىسپاتلار ئىنتايىن كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
مەزكۇر يازمىدا دىققەت تارتىدىغان يەنە بىر نوقتا شۇكى، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسىدۇر. ئۇنىڭدا ئۆتكەن 60 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا نوپۇس مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 2 مىليۇن 200 مىڭدىن تەخمىنەن 12 مىليۇنغا كۆپەيگەنلىكى، ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ 30 ياشتىن 74.7 ياشقا ئۆسكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ بۇ پاكىتلارغا كۆز يۇمۇپ، «ئۇيغۇرلار ئىرقىي يوقىتىشقا ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن «تۆھمەت» نى ئارتىپ قويغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ ھالدا رېئاللىق زادى نېمە؟ خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدا زادى قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟
1953-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىملىق «دۆلەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسى» ئېلىپ بارغان. بۇ چاغدا ئۇيغۇر ئېلىگە تېخى ئاپتونوم رايون نامى بېرىلمىگەن بولغاچقا، ئۇيغۇر ئېلى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكىسى» نامىدا ئىستاتىستىكىلانغان. شۇ قېتىملىق خىتاي دۆلەت ئىستاتىستىكىسىدا «شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئومۇمىي نوپۇس 4 مىليۇن 873 مىڭ 608 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 3 مىليۇن 640 مىڭ 125 كىشى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 75 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي نوپۇسى بولسا 6 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ، قالغانلىرى بولسا باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەشكىل قىلىدۇ» دەپ يېزىلغان. لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسى 1953-يىلىدىكى 6 پىرسەنتتىن، قانداقلارچە 2020-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 42.24 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان ھالەتكە كۆپەيگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئەسلىدىكى (خىتاي ئىستاتىستىكىسىدىكى) ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 75 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان نىسبەتتىن 2020-يىلىدىكى ئاتالمىش 7-قېتىملىق «خىتاي دۆلەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسى» دا 44.96 پىرسەنتكە چۈشۈپ قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەر ھەققىدىمۇ ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.
ئەمما رېئاللىق شۇكى، خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئۇيغۇرلار 1953-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى خىتاي نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن كوپىيىشى سەۋەبلىك يوقاتقان.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى تەبىئىي كۆپىيىشتىن ئەمەس، بەلكى خىتاي كۆچمەنلىرى سەۋەبلىك كۆپىيىش دەپ پەردازلىسىمۇ، لېكىن خىتاي نوپۇسى نۆۋەتتە ئۇيغۇر نوپۇسى بىلەن تەڭ نىسبەتنى ئىگىلىگەنلىكى بىر رېئاللىقتۇر.
ئادرىئان زېنز 2020-يىلى ئېلان قىلغان «نەنكەي دوكلاتى» دىمۇ، ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇيغۇر نوپۇسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تارقاقلاشتۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلار ئارىسىغا خۇددىي قۇم چاچقاندەك چېچىپ، سىڭدۈرۈۋېتىش ئىكەنلىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ ئاپىرىلغان ئۇيغۇرلارنى «خەتەرلىك ئادەملەر» قاتارىدا كۆرمەستىن، قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكى، يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولمىغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ يۆتكەلگەن جايلاردا بىر تۇتاش ئايرىپ باشقۇرۇلىدىغانلىقى، شۇڭا خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت كەلتۈرمەيدىغانلىقى، بۇ ۋەجىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى قوللىشى كېرەكلىكى، ئەكسىچە بولغاندا ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» گە سىڭدۈرىۋېتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىش پىلانىنى ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلغاندىن تارتىپلا باشلىغان ۋە شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بۇ قەدەمنى تېزلەشتۈرگەن. شۇڭا مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا قانچىلىك كۆپەيگەن بولسۇن، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۈستۈنلۈك ئورنىنىڭ يوقىلىشىنىڭ ئۆزىلا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى ۋاستىلىق ھەم قەستەن ئازايتقانلىقىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى بولالايدۇ.
مەزكۇر يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر نوقتا، ئۇيغۇر مەسچىتىلىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردۇر. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ھازىرغا قەدەر 24 مىڭ 400 مەسچىتنىڭ بارلىقى، بۇ سان ھەر 530 نەپەر مۇسۇلمانغا بىر مەسچىتنىڭ توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىسپات سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھەقلىرىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.
ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەر قاچاندىن بۇيان پەيدا بولغان؟ خىتاي مەبلەغ ئاجرىتىپ سېلىپ بەرگەنمۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ۋە ئىسلامىي مائارىپقا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي مائارىپىغا قانچىلىك كۆڭۈل بولدى؟
خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ئېلان قىلىنغان «ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى بازار ئىگىلىكى ۋە مىللەت-دىن ئىشلىرى مۇناسىۋىتى» ناملىق دوكلاتتا، 1949-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە مەسچىدلەرنىڭ سانى 12 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى، ئەمما 1957-يىلىغا كەلگەندە بۇ سانلارنىڭ 5000 غا چۈشۈپ قالغانلىقى، تاكى 1966-يىلىغىچە شۇ ساننى ساقلاپ قالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
مەلۇمكى، ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەرنى چېقىش، بۇزۇش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر نۇرغۇن ئىسپاتلار ئاشكارىلاندى. بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مەخسۇس سۈرەتلىك خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېقىلغان ياكى يوقىتىلغان مەسچىتلەرنىڭ گوگول خەرىتىسىدىكى ئورنى، نامى، چېقىلغان ۋاقتى قاتارلىق تەپسىلىي مەلۇماتلارنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن كۆرسەتتى.
دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش دىنىي ئەركىنلىكنى «قوللىغان ۋە ھۆرمەت قىلغان» لىقى سەۋەبلىك كۆپەيگەن بولماستىن، بەلكى 1949-يىلىدىن بۇرۇنلا ھازىرقى ساندا مەۋجۇت بولغان. خىتاي كوممۇنىست ئىشغالىيىتىدىن كېيىن، بولۇپمۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، سانى زور دەرىجىدە ئازايغان. 1980-يىللاردا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي بىلەن مەسچىتلەرنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئەمما شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىقتىسادى بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن مەسچىتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوقىتىلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئىسلام دىنى مائارىپىنى يولغا قويۇش، ئىسلام دىنى مائارىپىدا تەربىيەلىنىش، ئىسلام دىنىنى پەننىي مائارىپ بىلەن ئوخشاش شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتىغا ئېرىشەلمىدى. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى پەقەتلا بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتقان مەسچىتلەردە، جامائەت ئىچىدىكى دىنىي ئۆرپ-ئادەت سورۇنلىرىدا ياكى ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە ئائىلىۋىي مۇھىتتا داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىندى. بۇ ھەقتە ئىلھام توختى ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش شارائىتىنى ھازىرلاپ بېرىشىنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەنىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنىڭ مەزكۇر تەكلىپلىرىنى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتىگە باغلاپ، «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.
خۇلاسە قىلغاندا، خىتاينىڭ ئاتالمىش «پاكىت» دەپ ئاتىۋالغان ئاساسسىز يالغانلىرى ۋە دۇنيانى ئالداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقاتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك بۈگۈنكى بۇ ئاچچىق رېئاللىقنى يوشۇرالمايدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قاتار سىياسىي تەشۋىقاتلىرى، خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا، مىللەت كىملىكىگە، دىنىي ئېتىقادىغا ۋە ئۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردىكى بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئىزچىل زىيانكەشلىك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىدەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئەسلا يۇيالمايدۇ!
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.