ياپونىيەدە تونۇلغان سىياسىي ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ئوكا خانىم يېقىندا «سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرى، ھازىرقى سىياسىي، مەدەنىي ھاياتى توغرىسىدا بىر قەدەر ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان.
ئاپتور ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇس سانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق بايان قىلغان: ئوتتۇرا ئاسىيادا غايەت زور ئۇيغۇر جەمئىيىتى بار. بۇ جەمئىيەت ئەينى ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان. 2009-يىلىدىكى بەزى يازما مەلۇماتلارغا قارىغاندا قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 225 مىڭ، قىرغىزىستاندا 49 مىڭ.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى ئالماتا ۋىلايىتىگە ئولتۇراقلاشقان. ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئېنىق ئەمەس. سەۋەبى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى قايتا تەكشۈرۈلمىگەن.
ئوكا خانىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىدىكى ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان تەتقىقات ماقاللىرىنىڭ قىممىتى ھەققىدە توختالغان ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى يۇرىنا خانىم مۇنداق دېدى:
- مەن ئوكا خانىمنىڭ ماقاللىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى توغرىسىدا ناھايىتى چۈشىنىشلىك مەلۇماتلارغا ئېرىشتىم. ئۇنىڭ ماقالىلىرى مەزمۇنلۇق ھەم كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەردىن تۇنجى قېتىمدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئىزچىل ھالدا چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ زۇلۇمىدىن قاچقان ئۇيغۇرلار دائىم قەشقەردىن پەرغانىگە بارغان. قەشقەردىن قېچىپ ئۆزبېكىستانغا بارغان ئۇيغۇرلار «قەشقەرلىكلەر» دەپ ئاتالغان. ئۆزبېكىستاندىكى ئۆزبېكلەر بىلەن بىرلىكتە ياشاش جەريانىدا ئۆز-ئارا قۇدىلىشىپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆزبېكلىشىپ كەتكەن. قەشقەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ پەرغانىگە كۆچۈشى تاكى 1950-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان.
ئاپتور ماقالىسىدە ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈشنىڭ ئىلى رايونىدىن باشلانغانلىقىنى، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھايات پاجىئەسى توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىككىنچى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئىلىدىن كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار. ئىلى رايونىدىكى بەزى ئۇيغۇرلار چىڭ سۇلالىسى زامانىسىدە مەجبۇرىي ئۆز يۇرتلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار. مەجبۇرىي ئۆز يۇرتلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار «تارانچىلار» دەپ ئاتالغان. 1864-يىلىدىكى ئىلى قوزغىلىڭىدا، ئىلىدا ئۇيغۇر ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. لېكىن بۇ ھۆكۈمەت رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىقتۇرۇلغان. چىڭ سۇلالىسى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا، 1881-يىلى «سانك-پېتېربۇرگ شەرتنامىسى» تۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە ئىلىنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنىڭ قول ئاستىدا ياشاشنى خالىمىغان 45 مىڭ نوپۇس ئۇيغۇر قازاقىستاننىڭ جەنۇبىغا كۆچۈپ بارغان. 1920-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە بولغان رۇسىيە ئىنقىلابىدىكى ئاچارچىلىق دەردىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈپ كەتكەن. بىر قىسمى بولسا ئىلى رايونىغا قايتىپ كەتكەن. 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيىسى خىتاي دۆلىتىنى قۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ، 1950-يىلىدىن تارتىپ تاكى 1960-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىلى رايونىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ قازاقىستان تەرەپكە كۆچۈپ كەلگەن. 1962-يىلىدىكى «ئىلى ۋەقەسى» دە 60 مىڭدىن ئوشۇق كىشى قازاقىستانغا قېچىپ كەتكەن. ۋەقەدىن كېيىن ئىلى بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىكى چېگرا تاقالغان. شۇندىن باشلاپ ئىككى تەرەپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن.
ئاپتور ماقالىسىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، مەدەنىي ھاياتى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىپ بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان: 1980-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بېرىپ-كېلىش باشلانغان. مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئۆز ئانا تىللىرىنى ياخشى ساقلاپ قالغان. ئۇلار باشقا مىللەتلەردەك رۇس، خىتاي مىللەتلىرىگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتمىگەن. 2009-يىلىدىكى قازاقىستاندىكى تەكشۈرۈشتە، ئۇيغۇرلارنىڭ 85% ئىنىڭ ئانا تىلى ئۇيغۇر تىلى بولغان.
1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، ئىككى تەرەپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېرىپ-كېلىشى تېخىمۇ راۋانلاشتى. ئالماتادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلى رايونىنى زىيارەت قىلىشى تولىمۇ ئاسانغا چۈشتى. ئالماتادا سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە قۇرۇلغان، ئۇيغۇر تىياتىر ئۆمىكى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بار. ئۇيغۇر تىلىدا گېزىت-ژۇرناللار نەشر قىلىنىدۇ.
ئالماتادا ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرى كۆپ، بۇ يەر پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى بولغانلىقىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ بازىسى دەپ قارايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئالماتادا بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ تەشكىلاتلارنى قانۇنسىز تەشكىلاتلار دەپ تونۇغان.1990-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلاردىن ھاشىر ۋاھىدى «ئۇيغۇر ئەركىنلىكى تەشكىلاتى» نى قۇرۇپ، كېيىن بۇ تەشكىلات «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» غا ئۆزگەرتىلگەن. يۈسۈپ بەگ مۇخلىس «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى كومىتېتى» نى قۇرغان. كېيىن بۇ تەشكىلات «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىكى» تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلغان. 2002-يىلى قەھرىمان غوجامبەردى «ئۇيغۇرىستان خەلق پارتىيىسى» نى قۇرغان. قازاقىستان ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ تەشكىلاتنى ئەنگە ئېلىشنى قوبۇل قىلمىغان ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنى قانۇنسىز تەشكىلات دەپ قارىغان.
ئاپتور ماقالىسىدەك قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق بايان قىلغان: ھاشىر ۋاھىدى، قەھرىمان غوجامبەردى قاتارلىقلار رەھبەرلىك قىلغان تەشكىلاتلار تىنچلىقپەرۋەر تەشكىلاتلاردۇر. ئەمما يۈسۈپ بەگ مۇخلىسنىڭ تەشكىلاتى بولسا قوراللانغان تەشكىلات، لېكىن ئادەم كۈچى، ئىقتىسادى ئاجىز تەشكىلات. ئۇيغۇر جەمئىيىتى شۇڭا بۇ خىلدىكى رادىكال تەشكىلاتنى قوبۇل قىلمىغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت باغلاش ئۈچۈن، ھەرقاچان خىتاي تەرەپتە تۇرىدۇ. ئەمما، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھاياتىغا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلغان ئاساستا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ بارىدۇ. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.