ئۆركەش دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى مۇنازىرە قوزغىدى

0:00 / 0:00

ئۆركەش دۆلەت، يېقىندىن بۇيان تەيۋەن ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ھەمدە ئوبزور، ماقالىلىرىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

2014-يىل 1-مارت يۈز بەرگەن كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ۋەقەسى ۋە بۇندىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر داۋاملاشماقتا. بولۇپمۇ، تيەنئەنمىن ئوقۇغۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۆركەش دۆلەتنىڭ «1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسى» نىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتى ھەققىدىكى ئانالىزلىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئۆركەش دۆلەت ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى بايانىدا، نۇقتىلىق ھالدا يېقىندىن بۇيان خىتاي تەشۋىقاتىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا «تېررورلۇق» قالپىقى كىيدۈرۈپ، ئۇيغۇرلار ئوبرازىنى قارىلاش قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇرلارغا قارىتا تېررورچىلىق مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ»دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بايانلىرى مەتبۇئاتلار خەۋىرى ۋە ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىكى مۇنازىرىنىڭ ئاساسى تېمىسى بولدى.

7-ئاپرېل كۈنى فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئاۋازى، ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىقلاردا ئۆركەش دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى بېرىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازىدا ئېلان قىلىنغان «چېكىگە يەتكەن ئۈمىدسىزلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆز جېنىنى تىكىشكە مەجبۇر قىلدى»، ئامېرىكا ئاۋازىدا ئېلان قىلىنغان «ئۆركەش دۆلەت ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى»، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگونىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى جەڭگە ئۈندىدى» ناملىق خەۋەر ئانالىزلىرىدا ئۆركەش دۆلەتنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدىكى قاراشلىرى بايان قىلىنىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇستەملىكىچىلىك باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان»لىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئۆركەش دۆلەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ،«ئەگەر سىلەر ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق قىلدى دېسەڭلار، تېررورلۇقنى كىم پەيدا قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنى ئۆز قېنىدىن كېچىپ بۇنداق شىددەتلىك قارشىلىق يولىنى تاللاشقا كىم مەجبۇرلاۋاتىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئالدى بىلەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى جاۋابكار بولۇشى كېرەك. ئۇلار ئەمەلىيەتتە مېنىڭ يۇرتۇمدا تېررورلۇق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرى بىر ھەپتىدىن بۇيان فەسبوك، تۋىتىر، ۋىچات قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە كۆچۈرۈپ تارقىتىلىپ تورداشلار ئارىسىدا مۇنازىرىلەرنى پەيدا قىلدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى ئانالىزلاردا، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ، ئۆركەش دۆلەت ئېيتقىنىدەك«مۇستەملىكىچىلىك، باراۋەرسىز باستۇرۇش سىياسىتى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بۇلتۇردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ۋە خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان كونكرېت ئامىللار تەھلىل قىلىندى.

ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن تىۋىتىر تورىدا ئۆركەش دۆلەتنىڭ «ئۇيغۇرلار ھەر جەھەتتىن باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇنىڭ روشەن ئىپادىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشى ۋە زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بولماقتا. مەسىلەن، ئاياللارنىڭ باش ياغلىقى مەجبۇرىي ئېلىۋېتىلىپ، ئەرلەرنىڭ ساقىلى زورلۇق بىلەن چۈشۈرۈلمەكتە، قارشى چىققانلار جازالانماقتا، ھەتتا تۈرمىلەرگە تاشلانماقتا» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلارنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكى تەكىتلەندى.

بىر تورداش تۋىتېر تورىدا، «ئۆركەش دۆلەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئەينەن ئىپادىلەپ بېرىپتۇ. ئۆركەش دۆلەت ھازىر يېتىلگەن بىر سىياسىي ئانالىزچىغا ئايلىنىپتۇ. ئۇ ئەينى يىللىرى خىتايدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى بولغىنىغا مۇناسىپ گەپ قىلىپتۇ» دەپ يازغان.

يەنە بىر ئىنكاستا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىپ، «ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان مۇقىم، تىنچ،خاتىرجەم مۇھىت يارىتىمەن دېسە، ئۇ ھالدا ئۆركەش دۆلەت دېگىنىدەك، ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتىنى توختىتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىلى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى بويىچە ياشىشىغا دەخلى قىلماسلىقى، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز بايلىقىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەمما كوممۇنىست ھۆكۈمەت ھازىر بۇلارنىڭ دەل ئەكسىنى قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى مۇشۇنداق داۋاملاشسا، شىنجاڭ يەنە بىر پەلەستىن، يەنە بىر چېچەنىيەگە ئايلىنىشى مۇقەررەر» دەپ يېزىلدى.