خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئاستىدا، ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارغا بولغان كونتروللۇق ۋە نازارەتنى چىڭىتىپ كەلدى، شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم قورال ۋە ۋاسىتە دەپ قاراپ كەلدى. بۇ ۋەجىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت ساھەسىگە بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ئالاھىدە دىققەت بەردى. نەتىجىدە بۇ خىل سىياسەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىتىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش دائىرىسىنى ئىنتايىن تارايتىۋەتتى. گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقىسىم ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان تۈرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەردە بەلگىلەنگەن، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھىغا خىلاپلىق قىلماقتا. لېكىن، خىتاي بۇ تىزىملىكتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىشىنى قوللىغانلىقى ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ راۋاجلىنىشىنى قوللاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. ئەمما خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خىتاينىڭ مىللىي مىراسلىرىنىڭ، يەنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىرقىسمى دەپ قاراپ ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشىنى چەكلىمەكتە. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە ھەرىكەت قىلماقتا.
2009-يىلىدىن باشلاپ، خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتلىرىنى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ۋە ئىقتىسادىي پايدا يارىتىشنىڭ مۇھىم قورالى سۈپىتىدە قوللىنىش ھەققىدە دوكلات تەستىقلىغان. دوكلاتنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت تەرىپىدىن تىزىملانغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت بايلىقلىرى سىياسىيلاشتۇرۇلۇپ ۋە تاۋارلاشتۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ دۇنياغا قۇدرىتىنى نامايان قىلىشى ۋە ھەيۋە كۆرسىتىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلماقتا.

ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش تەشۋىقاتىنىڭ ماھىيىتى، ئۇنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئىدى. خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر رايونىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ۋارىسلىق قىلىش «دۈشمەن چەتئەل كۈچلىرى ۋە دىنىي ئاشقۇنلار» نىڭ «سىڭىپ كىرىشى ھەم تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ۋە تۈرلۈك مۇراسىملىرىنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» تۈسىنى ئالغان ياكى «دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان مەزمۇنلار» دەپ بىر تەرەپ قىلىپ، پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ياكى ئورنىغا خىتاي ئەنئەنىسىنى تېڭىشقا مەجبۇرلىماقتا. خىتاي، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەتكەن مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئەنئەنىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك «دىنىي ئەسەبىيلىك»، «ئاشقۇنلۇق»، «رادىكاللىق» قاتارلىقلارنىڭ ئىپادىسى دەپ بېكىتىپ چەكلەش ۋە يوقىتىشقا دەسمايە قىلغان.
مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈنلىرى، قۇربان ۋە روزا ھېيت ھەم باشقا ئادەتلىرى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە ئۇيغۇر مەشرەپلىرى پەقەتلا تېلېۋىزور ۋە تەشۋىقات ئۈچۈنلا قوللىنىلىدىغان بۇيۇمغا ئايلىنىپ قالغان.
مەلۇم بىر تۈرلۈك سەنئەت ياكى ئۆرپ-ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىجرا قىلغۇچىلىرى، ۋارىسلىق قىلغۇچىلىرىنىڭ بولۇشى شۇنىڭدەك مەھەللە ئىجتىمائىي مۇھىت بولۇشى ئەڭ زۆرۈر ئېلېمېنتلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەشرەپلىرى، مۇقاملىرى ۋە مەدداھلىققا ئوخشاش ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىنىڭ ئورۇنلىغۇچىلىرى بولغان سەنئەتكارلار، يازغۇچىلار ۋە ئارتىسلارنى تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر سەنئىتى سۈنئىي تۈس ئالغان سەنئەتكە ئايلىنىپ، يوقىلىش خەۋپىگە يۈزلەنمەكتە.
مەيلى ئۇيغۇر مۇقام-مەشرەپلىرى بولسۇن ياكى ئۇيغۇر مۇراسىملىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى بولسۇن ھەممىسىلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرى بىلەن باغلانغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەر دۇئالار، ھەمدۇسانالاردىن ئايرىلالمايدۇ. ئۆلۈم-يېتىم ئادەتلىرىدە بولسا قۇرئان تىلاۋەت قىلىش مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. خىتاينىڭ نەزىرىدە بۇلار قويۇق دىنىي تۈس ئالغان مەزمۇنلار، ھەتتا «ئاشقۇنلۇق، ئەسەبىيلىك» دەپ قارىلىپ بارلىق ئەنئەنىۋى يوسۇندىكى مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشكە خاتىمە بېرىلمەكتە. مەشرەپكە قاتناشقانلارمۇ خىتاي تۈزگەن «ئاشقۇن» لۇقنىڭ 75خىل ئىپادىسىنىڭ بىر تۈرى دەپ بەلگىلەنگەن ۋە مەشرەپكە قاتناشقانلارمۇ ئېغىر جازالارغا مۇپتىلا بولىدۇ.

بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خىتايدا يوقىتىلىش قىسمىتىگە دۇچار بولماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئاسسىمىلياتسىيەگە دۇچ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى دولان مەشرىپى قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەشرەپلەرنى بۇزۇپ، كىشىلەرگە يېڭى چىققان خىتايچە «كىچىك ئالما» قاتارلىق ناخشىلارنى ئۇيغۇر ئۇسسۇلى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ «دولان كىچىك ئالما مەشرىپى» ئويناشقا مەجبۇرلىغان. مەسىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن مەكىت ناھىيەسىدە «دولان كىچىك ئالما مەشرىپى» ئۆتكۈزۈلگەنىدى.
ئۇيغۇرلار ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ، تاكى دەپنە قىلىنغۇچە بولغان ھاياتلىق دەۋرىدىكى ھەر بىر باسقۇچقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مىللەت بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى شۇنىڭدەك ئېتىقاد-ئەقىدىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مۇراسىملىرى-ئۆمۈر مۇراسىملىرى، ئىشلەپچىقىرىش مۇراسىملىرى، ھۈنەر-كەسىپ مۇراسىملىرى، دەپنە مۇراسىمى ۋە دىنىي مۇراسىملار قاتارلىقلار بولۇپ، بۈگۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يوقىلىپ كېتىۋاتقان، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكۈزۈش چەكلەنگەن ئۆمۈر مۇراسىملىرىدىن بىرى بولغان «قىرقى سۈيى» مۇراسىمىمۇ ئۆزگىچىدۇر.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى رايونلاردا «بۆشۈك تويى» بىلەن «قىرقى سۈيى» بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بەزى رايونلاردا ئايرىم-ئايرىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇراسىم ئوخشىمىغان رايونلاردا ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئومۇملاشقان شەكىللىرى تۆۋەندىكىچە:
بالا تۇغۇلۇپ قىرىق كۈنلۈك بولغاندا، بالا «قىرقى سۈيى» بىلەن يۇيۇندۇرۇلىدۇ. بالىنى يۇيۇندۇرۇش ئۈچۈن تەجرىبىلىك، كۆپ بالىلارنى قاتارغا قوشقان ئايال «قىرقى ئانىسى» قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. «قىرقى ئانىسى» مۇراسىمغا كەلگەن بالىلارنى تىزىلدۇرۇپ، بوۋاقنىڭ بېشىغا سۇ قۇيۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. بۇ باسقۇچ مۇنداق ئېلىپ بېرىلىدۇ: ناۋات، رەيھان، ئادىراسماننىڭ ئۇرۇقى، تۈرلۈك زىرائەتلەر، توپا، دەرەخ شېخى، ئەركەك قوي گۆشى كاۋىپى قاتارلىقلار ئىلمان سۇغا چىلىنىپ، ئايرىم-ئايرىم 7 قاچىغا تەييارلىنىدۇ. بالىلار بوۋاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ھەر بىرى چىنىدىن بىر قوشۇقتىن سۇ ئېلىپ، بوۋاقنىڭ ئېتىنى ئاتاپ، تىلەكلەرنى تىلەيدۇ. قاچىغا سېلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سىمۋوللۇق مەنىلىرى بولۇپ، «شېرىن سۆزلۈك بولۇڭ»، «ئالىم بولۇڭ، دۆلەتمەن بولۇڭ»، «ئەدەپلىك بولۇڭ، ئەل پەرزەنتى بولۇڭ»، «قاۋۇل، تۈرگۈن، بەختلىك بولۇڭ» دېگەندەك تىلەكلەرنى تىلەيدۇ. ئارقىدىن «قىرقى ئانىسى» بالىلارغا ئالدىن تەييارلانغان كىچىك توقاچلارغا ھالۋىدىن بىر ئىلىم سۈركەپ تارقىتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بوۋاقنى يۇيۇندۇرۇش باسقۇچى بولۇپ، بالىنى يۇيۇندۇرۇشتىن ئاۋۋال بالىنىڭ چېچى چۈشۈرۈلۈپ، «قىرقى چېچى» خالتىغا سېلىپ ساقلىنىدۇ. ئىلمان سۇغا تۇز، گۈل سۈيى، ۋە ئالتۇن زىبۇزىننەتلەر سېلىنىپ تەييارلىنىدۇ، بۇ سۇ «ئىرىم سۈيى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بوۋاقنى يۇغۇچى «بىسمىللاھىررەھمانىرەھىم» دەپ قۇرئاندىن سۈرىلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، نوگاي ياكى قوشۇقتا ئاۋۋال بالىنىڭ بېشىغا سۇ قۇيۇپ، ئاندىن پۈتۈن بەدىنى سۇغا ئېلىنىدۇ، ئاخىرىدا بالا ئۇپىلىنىپ ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. بالىنىڭ قولىغا «قۇرئانى كەرىم» تەگكۈزۈلۈپ، تەسۋى قۇتقۇزۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ «قىرقى سۈيى» مۇراسىمى ئاياغلىشىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ «قىرقى سۈيى» مۇراسىمىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردا شەكىللەنگەن دەل-دەرەخلەرگە چوقۇنۇش، سۇنى ئۇلۇغلاش ئېتىقادى، «يەتتە» ۋە «قىرىق» قاتارلىق خاسىيەتلىك سانلارغا چوقۇنۇش ئېتىقادى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ مۇراسىم جامائەت ئارىسىدىكى ئىناقلىق-ئۆملۈكنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەۋلادلارغا ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە دىنىي تەربىيە بېرىش، ئۆرپ-ئادەتكە ۋارىسلىق قىلىش جەھەتلەردىمۇ چوڭ رول ئوينايدۇ.
لېكىن، بۈگۈنكى كۈنلەردە «قىرىق سۈيى» دىن ئىبارەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەزكۇر ئاممىۋى شەكىلدىكى مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمۇ چەكلەنگەن.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئۆرپ-ئادەت بىر مىللەتنىڭ خاسلىقى ۋە كىملىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باشقا مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ۋە مىللەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىشتا زۆرۈر بولغان مەدەنىيەت فورماتسىيەسىدۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، بىر مىللەتنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىگە، مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتىكى تاللىشى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇنى ساقلاش ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش، چەكلەش، يوقىتىش ھوقۇقى يوق، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەدەنىيىتى خىتاي ھاكىمىيىتى، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئېلىشتىن بۇرۇنلا بار ئىدى ۋە ئۆزى ئەركىن راۋاجلىنىپ كەلگەنىدى.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.