يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيا مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» لايىھەسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا، ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيادىن دۇنيا بازىرىغا چىقىشقا قاراپ ئىلگىرىلىگەنلىكى توغرىلىق كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كەلگەنىدى. بۇ جەھەتتە مۇتەخەسسىسلەرمۇ خىتاينىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق، بىرىنچى نۆۋەتتە، قوشنا سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى يۇمشاق كۈچ بىلەن ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ۋە تەخمىنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆتكەن يىل دېكابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەريانلىرىنى ھەققىدە ماتېرىياللارنى داۋاملىق ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان «يېۋراسىيانېت» مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىسى «خىتاي-مەركىزىي ئاسىيا: قولۇڭدىن كەلسە، مېنى ھېسابتىن ئالدا» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغانىدى.
ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ياۋرو-ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قايسى مەملىكەتلىرىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ بولۇپمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقىغا ئەزا مەملىكەتلەر ئىچىدىكى «مەبلەغ سەۋەبىدىن خىتاينىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئاساسىي يۆنىلىشلەر» دەپ قارىغان. مەزكۇر بانكا مۇتەخەسسىسلىرى قازاقىستاندا نېفىت-گاز ۋە تۇرۇبا يول ساھەسىنى، قىرغىزىستاندا ئالتۇن ئىشلەپ چىقىش ۋە نېفىتنى قايتىدىن ئىشلەپ چىقىرىشنى، تاجىكىستاندا ئالتۇن ئىشلەپ چىقىش ۋە سېمونت تىجارىتىنى خىتاي ئۈچۈن ئالدىنقى قاتارلىق ساھەلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ كېلەچەكتە بۇ مەملىكەتلەردە لىدىرلىق رولنى ئاتقۇرۇش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىر قاتاردا تاجىكىستانغا سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەرنىڭ تەڭدىن ئوشۇقىنىڭ خىتايغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
2023-يىلى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن تۇتقان مەبلەغ سېلىش سىياسىتى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟
«سىنوپسىس» مەركىزىي ئاسىيا ۋە خىتاينى تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇسلان ئىزىموف ئەپەندى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا مەبلەغ سېلىش سىياسىتى ھەققىدە سۆز قىلىشتىن ئىلگىرى ئومۇمەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەھۋالىغا توختىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2022-يىل دۇنيا ئىقتىسادى، شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر بولغان. بۇنىڭغا، بىرىنچى نۆۋەتتە، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى سەۋەب بولغان. ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدە كۆپلىگەن ئىقتىسادىي لايىھەلەر تولۇق ئەمەلگە ئاشماي، نەتىجىدە ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىش، پۇلنىڭ پاخاللىشىش، ئىقتىسادىي ئۆرلەشنىڭ توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەن.
رۇسلان ئىزىموف مۇنداق دېدى: «بۇ يىلغا بولغان تەخمىنلەر بىزنى ئانچىمۇ ئۈمىدلەندۈرمەيدۇ. سەۋەبى خەلقئارا مالىيە تەشكىلاتلىرى دۇنيا ئىقتىسادى ھەربىي ئىقتىسادقا كۆچىدۇ دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. دېمەك چوڭ مەملىكەتلەر ئالدى بىلەن ھەربىي، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەشكە كۆپرەك دىققەت ئاغدۇرىدۇ. بۇ يەنە كېلىپ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن زىچ باغلىق. دېمەك دۇنيا ئىقتىسادى ئەنئەنە بويىچە ئىلگىرىكىدەك ئەمەس، بەلكى يېڭى قائىدىلەر بويىچە تەرەققىي ئېتىدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ئوتتۇرا ئاسىياغا مەبلەغ سېلىۋاتقان مەملىكەتلەر تىزىمىدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەيدۇ، دەپ ئويلايمەن».
رۇسلان ئىزىموف دۇنيادىكى ئىقتىسادىي جەريانلارنىڭ راۋاجلىنىشىدا بۇ يىل خىتاينىڭ تۇتىدىغان ئورنى ھەققىدە مۇنداق توختالدى:
«بۇ يىل يەنە بىر دىققەتكە سازاۋەر مۇھىم نۇقتا-بۇ، مېنىڭچە، خىتاي. ئۈچ يىل مابەينىدە خىتاي تاشقى شېرىكلىرى ئۈچۈن تامامەن يېپىق بولدى. كونترول-تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، بەزى سىرتقا چىقىدىغان مەبلەغلەر يېپىق بولدى. يەنى خىتاي شىركەتلىرى تۈگەل دېگۈدەك ئەلدىن سىرتقا چىقمىدى. ئەمدى خىتاي رەھبەرلىكىنىڭ يېڭى كۆرسەتمىسى بويىچە بارلىق بىخەتەرلىك، چەكلەش ئاماللىرى كۈچىدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئەمدى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشى خېلى ئاكتىپلىشىدۇ. بۇ يىل خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. يەنى خىتاينىڭ بولۇپمۇ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانغا بېرىدىغان قەرزلىرى ئۆسىدۇ. بۇنى دىققەتتىن سىرت قالدۇرۇشقا بولمايدۇ».
رۇسلان ئىزىموف ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىدا ئۇلارنىڭ تاشقى قەرزلىرىنىڭمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مەملىكەتلەرگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ ئەھۋالى ياخشى. ئاخىرقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستان سىرتقا 160 مىليارد دوللارغا يېقىن قەرز. ئەمما قازاقىستان ھەر يىلى قەرزىنى تۆلەپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي سانى كېمىيىۋاتىدۇ. ھازىر قازاقىستاننىڭ تاشقى قەرزى گوللاندىيەگە، ئەنگلىيە ۋە باشقىمۇ غەرب دۆلەتلىرىگە توغرا كېلىدۇ. ئەمدى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ ئەھۋالى خېلى ئېغىر. ئۇلارنىڭ سىرتقا قەرزىنى قايتۇرۇشى ئىنتايىن ئاستا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ھەتتا كورۇنا ۋاباسى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستان قەرزنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ھەققىدە بىر نەچچە مەرتەم ئىلتىماس قىلدى».
سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېۇوف ئەپەندى بولۇپمۇ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ سىرتقا بولغان قەرزىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا بولغان قەرزلىرىنى تەبىئىي مەنبەلىرى ئارقىلىق، يەنى يەر ئاستى قېزىلما بايلىقلىرى، گاز ۋە نېفىت كانلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق قايتۇرىدۇ. قازاقىستاننىڭمۇ خىتايغا قەرزى ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن، تاجىكىستان ئىچىملىك سۈيىگە باي سارېز كۆلىنى خىتايغا سېتىۋەتتى. تاجىكىستان شۇنىڭدەك قىممەت باھالىق تاشلارغا باي رايونلىرىنى خىتاينىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. خىتاي ھەر خىل يوللار ئارقىلىق تاجىكىستان يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، بۇنىڭدىن چوڭ پايدا كۆرۈۋاتىدۇ. خىتاي بۇ ئەلدە ئاپتوموبىل ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشلىرىنى سېلىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن، پايدا كۆرسە، ئىككىنچى تەرەپتىن، بۇ مەملىكەتلەرنى كونترول قىلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولىدۇ. خىتاي بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىش ۋە رۇسىيەنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ھالسىزلاندۇرۇشتىن ھەم ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت».
يۇقىرىدا ئاتالغان ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا باشقىمۇ سىياسىي ئويۇنچىلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا قارشى تۇرۇشقا ئىنتىلمەكتىكەن. دېكابىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ياپونىيەدە قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتكەن. مەزكۇر ئۇچرىشىش ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى ۋە «قانۇن ئۈستۈنلۈكىگە ئاساسلانغان خەلقئارا تەرتىپنى ساقلاش ۋە مۇستەھكەملەشنى راۋاجلاندۇرۇش» نى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ ياپونىيە خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش ۋە خەۋپ تۇغدۇرۇش ئۈچۈن مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىگە قورال-ياراق ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشماقچى دەپ بىلدۈرگەن.